گۇڭ تىڭ
بەشىنچى ئاينىڭ شامىلى يەلپۈپ ئۆتۈپ، ئەمدىلەتىن ئىسسىغان ھاۋانىڭ تاقەتسىزلىكىنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى، تومۇزغىلارنىڭ چىرىلداشلىرى بىلەن بۇغدايلىق، باشاقلىرى ساڭگىلىغان قىچىلار، توق دان تۇتقان پۇرچاقلار ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشاش ئىدى. مېنىڭ ھېكايەم مانا مۇشۇ ئاددىي ھەم ئالاھىدە بولغان بەشىنچى ئايدا يۈز بەرگەنىدى.
شۇ چاغدا، كەنتكە كىرگىنىمگە يېرىم يىل بولغان بولۇپ، كەنتكە دەسلەپ كىرگەن چاغدا ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان مەن ھازىر ھەممىگە پىششىق بولۇپ قالغانىدىم، بۇ جەرياندا ئۆسمۈرلۈك ئىرادەمنى بارا- بارا ئاساسىي قاتلامدىكى مۇرەككەپ ئۇششاق- چۈششەك ئىشلار يىمىرىپ تۈگىتىۋاتاتتى، مەندە «ھەر كۈنى ئوخشاش ئىشلەۋاتقان بۇ خىزمەتنىڭ ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بارمىدۇ؟» دېگەن سوئال پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئاشۇ كۈنى، مەن كەنتتىكى پېشقەدەملەرگە ئەگىشىپ قەرەللىك زىيارەتكە چىقتىم، پېشقەدەملەر ماڭا ئاستاغىنا: «ماۋۇ ئۆيدىكى موماينىڭ ئېرى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن، بىردىنبىر ئوغلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدا مەسىلە بار» دېدى. قىسقىغىنا بۇ بىر ئېغىز سۆز بىلەن مېنىڭ قەلبىمدە بۇ ئائىلىگە ئازاب- ئوقۇبەت بەلگىسى چاپلاندى، لېكىن موماينىڭ ئۆيىگە پۇت سېلىپ كىرگىنىمدە، كۆز ئالدىمدىكى كۆرۈنۈشتىن ھەيران قالدىم: پاكىز، رەتلىك ھويلا، ياشىرىپ تۇرغان كۆكتاتلىق ۋە بىر توپ بىغەم توخۇ- ئۆردەك مەن تەسەۋۋۇر قىلغان مەنزىرىدىن ئاسمان- زېمىن پەرقلىنەتتى.
تىۋىشنى ئاڭلاپ بىر موماي ئۆيدىن چىقتى، ئۇنىڭ كىيىملىرى كونا، ئەمما پاكىز ئىدى، چالا ئاقارغان چاچلىرىنى رەتلىك تاراپ كەينىگە قىستۇرۇۋالغانىدى. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمغا دىققەت قىلدىم، ئىللىق ھەم سالماقلىق ئىدى. ئۇ قىزغىنلىق بىلەن ئالدىمىزغا چىقىپ: «كەلدىڭلارمۇ، مەن چېسلاغا قاراپ بېقىپلا سىلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەنتىم، جاپا تارتىپ ھەر ئايدا بىزنى يوقلاپ كېلىسىلەر، پارتىيەنىڭ ئائىلىمىزگە قىلغان غەمخورلۇقىغىمۇ رەھمەت، ئوغلۇم يېقىندا ھۆكۈمەت يۆلەيدىغان مېيىپلار ئائىلىسىگە ئىشقا چۈشتى، ھەر ئايدا مائاش ئالىدىغان بولدى»، دېدى. موماينىڭ چىرايىدىن بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنەتتى، مىننەتدارلىق ھېسسىياتى سۆز- ھەرىكەتلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى، بىر ياندا تۇرغان ئوغلىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كۈلۈپ كەتتى، ئۇ نېمە ئۈچۈن كۈلىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئانىسى خۇشال بولغانلىقتىن، ئۇمۇ خۇشال بولۇۋاتاتتى. شۇ پەيتتە، مەن تۇيۇقسىز ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندىم − مەن مۇشۇنداق تېخىمۇ كۆپ ئائىلىدىكىلەرنىڭ تەبەسسۇمىنى كۆرىمەن، قىيىنچىلىقى بار تېخىمۇ كۆپ ئائىلىنى ياردەمگە ئېرىشتۈرىمەن.
خوشلىشىدىغان چاغدا، موماي قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆزى تېرىغان كۆكتاتتىن بىر خالتا ئۈزۈپ بەرمەكچى بولدى: «ياراتماي تۇرماڭ، ئۆيدە ياخشىراق نەرسە يوقكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم تېرىغان.» ئۇ كۆكتاتنى ئىككى قات خالتىغا سالدى، قولىدىكى لاينى ماڭا تەگكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ماڭا ئېھتىيات بىلەن سۇنۇپ بەردى. مېنىڭ قەلبىمدە خۇددى تىنچ كۆلگە بىر تال تاش چۈشكەندەك، مەيىن دولقۇن كۆتۈرۈلدى − نەدىمۇ ياخشى نەرسە يوق بولسۇن، ئۇ ئۆزى ئەڭ قىممەتلىك دەپ قارىغان نەرسىنى ماڭا بەرگەنىدى. ئاخىرىدا مەن يەنىلا ئۇ كۆكتاتنى قولۇمغا ئالدىم، مەن موماينىڭ تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆزلىرىدە ئىپادىلەنگەن ئىلتىجاسىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدىم، كۆكتاتنى ئېلىۋېتىپ ئۇنىڭ قولىنى سىقىمدىۋالدىم، قولى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك ئىللىق ئىدى. ئۇ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قاراپ: «قولۇم توپا، بەك مەينەت»، دېدى. مەن ئۇنىڭغا: «مەينەت ئەمەس، توپا ئەڭ پاكىزغۇ» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ بىردىنلا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىپ، ئاندىن كۈلۈپ كەتتى.
قايتىپ كېتىۋاتقاندا، يول ئۈستىدىكى مەنزىرىلەر ئاۋۋالقىدەكلا بولسىمۇ، ئەمما مېنىڭ كەيپىياتىم ئاۋۋالقىدەك بولماي قالغانىدى، بۇ ئاددىي ھەم ئالاھىدە چۈشتىن كېيىندە، بىر مومايدىن كەلگەن ئىللىقلىق ماڭا ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرۈپ قويدى، مەن بۇ تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، بۇ يەردە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئاجىزغىنا نۇرۇمنى چېچىپ، ئۆزۈمگە تەۋە ياشلىق باھارىمنىڭ گۈللىرىنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا پورەكلىتىشنى ئويلىدىم.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكسى تەيجوۋ شەھىرى جياڭيەن رايونى جياڭدو بازىرى شۆگاڭ كەنتى ئاھالە كومىتېتى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
ئاۋازدا: ئالمىرە غېنى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)