​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| شەپەق نۇرىدىكى سىيما
12:52:50 2023-09-08 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

لۇ جيا


 تاسادىپىي ئۇچراتقان ئىللىقلىقنى دائىم خاتىرىلەپ قويىمەن، بىر كۈلۈمسىرەشنى، بىر ئىلھاملاندۇرۇش نەزەرىنى، بىر دەستە نۇرنى، بىر نەچچە تال گۈلنى. ھەر قېتىم تۇرمۇشتا ئاجىزلىق ھېس قىلغاندا بۇلارنى ئەسلىسەم، مۇلايىملىق، ئاق كۆڭۈللۈكنى ھېس قىلىمەن. بىز تۇرمۇشتا ئۆزىمىزنىڭ تەسىرلەنگەنلىكىمىزنى ئېيتىشقا ماھىر ئەمەس، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئىپادىلەشتىن ھېيىقىدىغان مۇھەببەت بار، مەسىلەن، ئانىغا بولغان مۇھەببەت.

 ئانىنىڭ مۇھەببىتى سەھەردىكى مايدا پىشۇرۇلغان تۇخۇم، سېلىپ قويۇلغان ئورۇنغا ئۈستىلەپ يېپىلغان يېڭى يۇڭ ئەدىيال، «قاچان قايتىپ كېلىسىز» دېگەن بىر ئېغىز سوئال، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۆتكەن يىللار، چىداملىق ئانىنىڭ ھەممىگە قادىرلىقى ۋە سېغىنىشى ئىدى.

 ئانا دېگەن ئىسمىنى ئاڭلىسا ئىللىق ھەم يۇمشاق، ئەمما ئەڭ قەيسەر ئادەم، بىز «ئانا» دېگەن سۆزنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭدىن چەكسىز تەلەپ قىلىمىز، ئۇ «ئانا» دېگەن سۆز بىلەن چۈشىلىپ، بىزگە چەكسىز بەدەل تۆلەيدۇ. ئانا تۇغۇلۇشىدىنلا ئانا ئەمەس، بىز تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇ «ئانا» دېگەن نام بىلەن بوغۇشلىنىپ قالغان. تۇرمۇشتىكى پارچە- پۇرات ئىشلار، بەدىنىنىڭ ئىسكەتىدىن كېتىشى، كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىزلىقى، راھەت دەپ كەتكىلى بولمايدىغان تۇرمۇش ئىلگىرىكى چىرايلىق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، پاكىز، رەتلىك قىزنى يۈزىنى قورۇق باسقان، سېھرىي كۈچى يوق بىر خوتۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ، مەن دائىم گۈزەل مىنۇتلارنى خاتىرىلىۋېلىشنى ئويلايمەن، لېكىن ئۇ دائىم چىرايلىق ئەمەس دەپ تۇرۇۋالىدۇ، لېكىن مەن ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىكى سۈرىتىنى ئېنىق كۆردۈم، ئۇ تېتىك، روھلۇق ئىكەنىدۇق.

 مەن دائىم ئاياللارنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىدىن تەسىرلىنىمەن، بەلكىم كۆپ يىللاردىن كېيىنمۇ مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش بۇنداق كەڭ قورساق، بۇنداق ئىللىق بولالماسلىقىم مۇمكىن. ئىلگىرىكى مۇھىتقا پىششىق بولمىغانلىقتىن بولغان قورۇنۇش ۋە قورقۇنچاقلىقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن مۇھەببىتى بىلەن ئېرىپ كەتكەن ئىدى، مەن ئەمەلىيەتتە سۆيۈلۈشكە ماھىر ئەمەس ئىدىم، سۆيۈلۈش مېنى ساراسىمىگە سالاتتى، لېكىن ئانامنىڭ مۇھەببىتى ئوخشىمايتتى، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مېنى خاتىرجەم قىلاتتى.

 كەچكى شەپەق يېيىلغان چاغدا قېيىنئانام ئوغلۇمنى كۆتىرىۋالغان ئىدى، ئىللىق شەپەق نۇرى ئۇنىڭ تال- تال چاچلىرىغا چۈشۈپ تۇراتتى، ھاياتلىقنىڭ داۋام ئېتىشى يىللارنىڭ تىنچ، خىرامان پەيتلىرىدە قېتىپ قالغاندەك بولۇپ قالغانىدى، خۇددى 20 ياشلىق ئۇ ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىپ، 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا مۇھەببىتىنى قىلچىمۇ كەملەتمەي بىر- بىرلەپ بېغىشلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇنىڭغا بىر دەستە گۈل ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ چېكىسىدىكى ئاق چاچلىرىنىڭ بويىلىشىنى، ئۇنىڭ ئەتىگەندىن كەچكىچە ھەر ۋاقىت ئامان تۇرۇشىنى، دۇنيانىڭ جاپالىرىغا باش ئەگمەي، بەردەم تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدىم. ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم: رەھمەت سىزگە، مېنى ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىدا كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت، كۆپ ۋاقىتلاردا بەلكىم سۆز بىلەن مەقسەتنى ئۇقتۇرالماسلىقىم مۇمكىن، لېكىن مەن سىزنىڭ كېلىنىڭىز بولغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ئىزچىل تەلەيلىك سانايمەن.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى تەيجوۋ شەھىرى جياڭيەن رايونى جياڭدو بازىرى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

 ئاۋازدا: ئالمىرە غېنى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125