​قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| يامغۇر پەسلىدىكى سېغىنىش
15:20:56 2023-09-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

لى تىڭجېن

 ئىزچىل مومام ھەققىدە يېزىشنى ئويلاپ كەلگەن بولساممۇ، لېكىن ھەمىشە يازماقچى بولغانلىرىم ئۇششاق- چۈششەك نەرسىلەردەك تۇيۇلۇپ، مېنى ئويلىنىشقا ئامالسىز قىلىپ قويغاندەك بولۇپ كەلگەنىدىم. ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە چوڭقۇر مۇھەببەت يوشۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنچىكە ھېسسىياتلارنى تۇتالمىدىم، ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى يىللارنىڭ خاتىرىسى بولسىمۇ، لېكىن يىللارنىڭ ئىزلىرىنى قىيما كۆرۈنۈشكە ئايلاندۇرالمىدىم، بۇ مېھىر- مۇھەببەتنى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقلاپ، ھەر خىل تايىنى يوق ئىشلار سەۋەبىدىن بارا- بارا سوۋۇپ كېتىۋاتقان قەلبىمنى ئىللىتىپ، ئۇنى سۈزۈلدۈرۈشكە ئۇرۇندۇم، شۇنداقلا بۇ ئۇششاق- چۈششەك ئىشلارنى قايتا- قايتا كاللامدىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئاددىي ۋە ساددا خۇش پۇراق بىلەن ھەر بىر غېرىچ تۇرمۇشۇمنى ئىللىتماقچى بولدۇم.

 2020- يىلىنىڭ باشلىنىشى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى، چۈنكى پۈتۈن دۇنيا خەلقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن كۈرەش قىلدۇق، ھەر كۈنى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بىر قاتار ساننى كۆرۈپ، بېسىم ھېس قىلدۇق.

 نەنمېڭ دەرياسى بويىدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان ئاق گۈللۈك ماگنولىيەلەرنى كۆرۈپ، ئىس- تۈتەك تارقايدىغان بوپتۇ، باھار كېلەي دەپ قاپتۇ، دەپ تۇرغان چېغىمىزدا، ئەزەلدىن تېمەن موماممۇ ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، 20 نەچچە كۈن ئوكۇل سالدۇرغاندىن كېيىن، قولىنىڭ دۈمبىسى، بېغىشىغا يىڭنە ئىزلىرى توشۇپ، كۆكىرىپ ئىششىپ، قارىغۇسىز بولۇپ كەتتى.

 مېنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ئورنۇمدىن يۇرتۇمغا بېرىشتا نەچچە يۈز كىلومېتىر تاغ يولىدا مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، بۇ ئارىلىقىنى قىسقارتىشنىڭ ئىلاجى يوق ئىدى، ئىككى ئاي ئىچىدە، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا بورانغا، يامغۇرغا قارىماي يۇرتۇمغا قايتتىم، كېسەل كارىۋىتىدىكى كۈندىن- كۈنگە ياداپ كېتىۋاتقان مومامغا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ھېچنېمە قىلالمايتتىم ...

 تۇغۇلغاندىن كېيىن قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈشنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھېچكىم خالىي بولالمىغان ئاقىۋەت ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرساممۇ، لېكىن مومامنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان كېسەللىك ئەھۋالى ئالدىدا، مەن يۈرىكىمنىڭ زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغاندەك ئاغرىشىدىن قۇتۇلالمىدىم. يامغۇردىن كېيىنكى كەنتتە تۇرۇپ، خۇددى ياز كۈنلىرىنىڭ خوش دېمىسىمۇ بەرىبىر ئۇزاپ كېتىشىدىن ئازابلانغاندەك، مەيۈسلەنگەندەك، مۇرەككەپ ھېسسىياتلىرىم گىرەلىشىپ كەتتى.

 6- ئايدا، 94 ياشلىق مومام ھاياتلىق قەدىمىنى توختىتىپ، بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئەي موما، سىز شۇنىڭدىن كېيىن تاغ جىلغىسىدا جىمجىت ياتىسىز، سىزگە ئەمدى ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭىزنىڭ كۈلكە- چاقچاقلىرى ئەمەس، بەلكى باھار شامىلىنىڭ غۇيۇلدىشى، ياز يامغۇرىنىڭ شارىلدىشى، كۈز غازاڭلىرىنىڭ شىلدىرلىشى، قىشنىڭ سوغۇقىنىڭ ھۇشقۇيتىشى ھەمراھ بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق خوشلىشىش، ئۆمۈرلۈك كەچمىشلەر بىلەن خوشلىشىش زىچ يامغۇر سىزىقىغا ئايلاندى. يىللار ئۆتتى، يامغۇر ياغسىلا، سىزنى ئەسلەيمەن. قايغۇ- ھەسرەت ھەممىنى ھەش- پەش دېگۈچە تەسۋىرلىگۈسىز خىيالىي تۇيغۇغا ئايلاندۇرۇپ قويدى، بارلىق ھەسرەت- نادامەتلەر ئاشۇ دەقىقىدىكى گاراڭلىقنىڭ ئورنىنى باسالمىدى.

 7- ئايدا ھاۋا گەرچە ئىسسىق بولسىمۇ، لېكىن يامغۇر ياغقاچقا ھاۋا بىر قەدەر تازا ۋە نەمخۇش بولۇپ، ئوت- چۆپ ۋە دەل- دەرەخلەر بۇرۇنقىدىن باراقسانلىشىپ قالغانىدى. ھويلىدا تۇرۇپ نەزەر سالغىنىمدا، يېشىللىق، بۈك- باراقسانلىق كۆزۈمگە چېلىقتى. بولۇپمۇ ليەنۋۇ دەرىخى تېخىمۇ باراقسانلىشىپ، غۇچچىدە مېۋىلەپ كەتكەنىدى. ھەر قېتىم ئۆتكەندە، يېنىشلاپ قارايمەن. قۇرت چۈشتىمۇ ياكى ئوزۇقلۇق يېتىشمىدىمۇ، ئەيتاۋۇر، تۈۋىگە دائىم پىشاي دەپ قالغان مېۋىلەر تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. دەرەخ سايىسىدا، پۇتى بوغۇلغانلىقتىن دەلدۈگۈنۈپ ماڭىدىغان ھېلىقى سىيما ھېلىمۇ چۈشۈپ كەتكەن مېۋىلەرنى سۈپۈرۈۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، ئارقا ھويلىدىكى كىچىككىنە كۆكتاتلىقتا، مومام تېرىپ قويغان زەنجىۋىل ئىلگىرىكى ھەرقانداق يىلدىكىدىنمۇ ئاينىدى...

 ھويلا تېمى سىرتىدىكى ياڭاق دەرىخىمۇ شامال بىلەن يامغۇردا ئىرغاڭلاپ تۇراتتى. ياڭاق يوپۇرماقلىرى مۇلايىم ئىدى، ھەر بىر تامچە يامغۇر سۈيى ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، بىر دەم توختاپ، ئاندىن خوشلىشاتتى. يوپۇرماق ئىچىدە تۈگۈلۈپ ياتقان كىچىك قۇرتمۇ ئەڭ ئاخىرىدا تەبىئەتكە سىڭىپ كېتىدىغان يامغۇرنىڭ چۈشۈۋاتقان ئېنىق ئاۋازىنى مەن بىلەن بىللە تىڭشاۋاتقاندەك قىلاتتى.

 ھاياتلىقمۇ بىر قېتىملىق يامغۇر. ئىلگىرى بىر كىتابتا مۇنداق بىر ئابزاس سۆزنى كۆرگەنىدىم: «ياشلىق، يەرگە چۈشكەن تۇنجى تامچە يامغۇر، بۇ ئۆزىنى تونۇش، بىلىش جەريانىدۇر؛ قىرانلىق، سوقۇلۇپ، قوشۇلۇپ، جۇغلىنىپ ئېرىق ھاسىل قىلىشتۇر، بۇ بارلىق مەۋجۇداتنى تونۇش، بىلىش جەريانىدۇر؛ قېرىلىق، دولقۇنلىنىش، شاۋقۇنلىنىشنىڭ ئاخىرلىشىپ، تارام- تارام ئېقىنلارنىڭ يىغىلىپ دېڭىزغا قۇيۇلۇشىدۇر، بۇ پۈتكۈل ئالەمنى تونۇش، بىلىش جەريانىدۇر». شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئادەمنىڭ ھاياتى دەل ئۆزىنى، بارلىق مەۋجۇداتنى، پۈتكۈل ئالەمنى تونۇش، بىلىش جەريانىغۇ؟

 يالدامىلار ھامىنى كىشىگە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئادەمنى ئەسلىتىدۇ، ئەسلىمىلەردە ھەمىشە دېگۈدەك بارلىق كەچمىشنى ئىللىق تۇيۇلدۇرىدىغان شۇنداق بىر دەقىقىلەر بولىدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125