لو جۈنيى
2022- يىلى 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئوتتەك قۇياش ئاستىدا ئىرغاڭلاپ مېڭىۋاتقان ئاپتوبۇستا تىڭشىغۇچتىن چىقىۋاتقان مۇزىكىنى ئاڭلىغاچ، باشقا 33 نەپەر بىللە سەپەرگە چىققان ساۋاقداش دوستلىرىم بىلەن خۇبېي ئۆلكىسى تيەنمېن شەھىرىنىڭ ماۋەن بازىرىغا پىدائىيلار مائارىپقا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا كەلدىم. مەن مائارىپقا ياردەم بېرىش كۈندىلىك خاتىرەمگە مۇنداق دەپ يازدىم: «ماۋەنگە ئەمدىلا كەلگەن چېغىمدىكى پىژغىرىم ئىسسىق، تېڭىرقاش ۋە ئەنسىزلىك تېخى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئۆزۈمنى ھېلىمۇ ئاشۇ كۈمۈش رەڭلىك مىنىبۇستا ئولتۇرغاندەك سېزىۋاتىمەن. مىنىبۇس ئاستا- ئاستا يىراقلاپ كەتتى، بىزمۇ ئاستا- ئاستا بۇ بالىلارنىڭ شادلىق باغچىسىدا ۋاقتىنچە ماكانلاشتۇق».
ماۋەندە مائارىپقا ياردەم بەرگەن 21 كۈندە، مەن ماۋەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 80 نەچچە بالىغا 18 سائەت دەرس ئۆتتۈم. «قىزىقارلىق خەنزۇچە خەت: چىغىناق- تاغاق يېزىقىنىڭ ئۆزگىرىشى»دىن «يازدىكى ئالاھىدە ئىقتىدار»، «شېئىرنىڭ ياشلىق مەزگىلى»گىچە، خەنزۇچە خەتنىڭ ئۆزگىرىش سىرلىرىدىن شېئىردىكى تەسەۋۋۇر ۋە شېئىر ئىجادىيىتىگىچە سۆزلىدىم، گەرچە قىسقىغىنا 21 كۈنلۈك سەپەر بولسىمۇ، نۇرغۇن ئىللىق دەقىقە بولۇپ ئۆتتى، ئۇلارنىڭ ھارارىتى ھازىرغىچە يەنىلا قەلبىمدە بار.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، تۇنجى قېتىم قىزىقارلىق شېئىر قۇراشتۇرۇپ ئۇلاش دەرسىگە قاتناشقاندا، بالىلارنىڭ دەرسخانا ئۈنۈمىدىن بىرئاز ئۈمىد كۈتكەن، يەنە بىرئاز جىددىيلەشكەنىدىم. بۇ يەردە شېئىر قۇراشتۇرۇپ ئۇلاش دەرسى تەسىس قىلىش ناھايىتى تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان بىر خىيال ئىدى، شۇندىلا مەن بۇ يەردىكى بالىلاردىكى سۆزلۈك جۇغلانمىسى نامرات بولۇش ئەھۋالىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشەندىم.
ئۇلار ژۇرنال كۆرۈپ باقمىغاچقا، «تىل- ئەدەبىيات»، «ئەدەبىيات» ۋە «شېئىر» توغرىسىدىكى تونۇشى دەرسلىك ۋە ئادەتتە دەرس ئۆتكەندە مۇئەللىمنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانىدى. بىراق، بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادچانلىقى چەكسىز ئىدى، تۇنجى قېتىملىق شېئىر قۇراشتۇرۇپ ئۇلاش دەرسىدىلا مېنى ناھايىتى زور ھەيران قالدۇردى. بەزى بالىلار ئايدىڭ كېچىنى: «كېچىنىڭ جىمجىتلىقى ئادەمنى قورقىتىدۇ، بېسىم سىزنى چىرمىۋالغاندا، ئۇنىڭ بىلەن ئايلا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدۇ» دەپ يېزىپتۇ؛ بەزى بالىلار: «مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، تۇرمۇش كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، تونۇش يولدا يىقىلىپ كەتمەڭ» دەپ يېزىپتۇ؛ بەزى بالىلار ئاي نۇرىنى يېزىپ: «ئاي نۇرى دېگەن نېمە؟ مەن چىراغ تۈۋىدە ئاينىڭ خۇددى ماڭا ئوخشاش ئەركىن ئىكەنلىكىگە قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن» دەپ يېزىپتۇ... بۇ ئەسەرلەرگە قاراپ، بالىلارنىڭ سەبىي چىرايىغا قاراپ، قەلبىمدە بىر خىل ئىللىق ئېقىم پەيدا بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىمگە تارالدى.
ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بىز قايتىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، بالىلار ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا قەغەزدىن گۈللەرنى قاتلاپ بىزگە ئايرىلىش سوۋغىسى قىلىپ بەردى. ناھايىتى يۈزى تۆۋەن بىر قىز ئەڭ ئاخىرىدا ماڭا بىر كونۋېرتنى سۇندى، ئۇ ماڭا، مەن تەسىس قىلغان شېئىر دەرسىنى ئىنتايىن ياقتۇرغانلىقىنى، «كېلەر يىلى شياۋلو مۇئەللىم بىلەن يەنە كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى» ئېيتتى. شۇ دەقىقىدە، قەلبىمنى ھاياجان چۇلغىۋالدى.
مەن مائارىپقا ياردەم بېرىش كۈندىلىك خاتىرەمگە مۇنداق يازدىم: «بۇ يەردىكى بالىلار گويا سەھرادا، تاغ ئورمىنى ئارىسىدا ۋە سېرىق توپىلىقتا بىخ يېرىش ئالدىدا تۇرغان ئۇرۇق، مەڭگۈ سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ، تەسىرلەندۈرىدۇ، سىزگە ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىدىكى دېڭىز، ئاي، كەچكى شەپەق ۋە بارلىق گۈزەل، ساپ نەرسىنى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۇلارنىڭ تەبەسسۇمى ئىچىدە يەنە بىر قېتىم بۇرۇنقى بالىلىقىمغا، ساددىلىقىم، گۆدەكلىكىم، ئۈمىدۋارلىقىمغا قايتىپ كەتتىم».
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى ئوتتۇرا جۇڭگو سىفەن داشۆسى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)