جۇڭگونى ئۇچۇپ كۆرۈش| ئاسماندىن يىپەك يولىغا نەزەر
18:28:38 2023-10-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 2000 نەچچە يىل ئىلگىرى، جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بېرىپ، شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان قەدىمكى يىپەك يولىنى ئاچقان.

 2000 نەچچە يىلدىن كېيىنكى 2014- يىلى 6- ئايدا، جۇڭگو، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلغان «يىپەك يولى: چاڭئەن − تىيانشان كارىدورى يول تورى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلۈپ، دۇنيادىكى بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلىش شەكلى بىلەن دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈلگەن تۇنجى يىپەك يولى تۈرى بولۇپ قالدى، ئۇ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى بېكىتكەن يىپەك يولىدىكى 54 كارىدور ئىچىدىكى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تۇنجى تۈر ھېسابلىنىدۇ.

 قەدىمكى يىپەك يولى ئون مىڭ چاقىرىمغا سوزۇلۇپ، مىڭ يىللار داۋاملاشتى، ئۇ سودىلىشىش ۋە مال ئالماشتۇرۇش يولى بولۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يولى بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

تارىخىي ئەقىل- پاراسەتنى قوبۇل قىلىش ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتىدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىدىكى ئوڭۇشسىزلىق، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق ئېغىرلاشقان، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش دەل جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكىلەردىن ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق تاپقان بۈگۈنكى دەۋردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئاچقۇچى.

سۈرەتتە: 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان خېنەندىكى خەن، ۋېي سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى لوياڭ شەھىرى خارابىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى ئەن فوتوسى

سۈرەتتە: خېنەندىكى خەن، ۋېي سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى لوياڭ شەھىرى ئوردا شەھىرى خارابىسىنىڭ ئوردا شەھىرى شەرقىي تېمى قېزىلغان رايوننىڭ تولۇق كۆرۈنۈشى (1- ئاينىڭ 14- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى ئەن فوتوسى

سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 8- كۈنى شىنجاڭ كۇچا شەھىرىدە سۈرەتكە تارتىلغان قىزىل قاغا تۇرى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى

سۈرەتتە: شىئەندىكى دايەنتا مۇنارى (4- ئاينىڭ 19- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ شياۋ فوتوسى

سۈرەتتە: شىئەندىكى شياۋيەنتا مۇنارى (5- ئاينىڭ 8- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ شياۋ فوتوسى

سۈرەتتە: 2022- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تيەنشۇي شەھىرىدە سۈرەتكە تارتىلغان مەيجىشەن تاش غارى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن بىن فوتوسى

سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 15- كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرىدە سۈرەتكە تارتىلغان يۈمېنگۇەن خارابىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ جىمىن فوتوسى

سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 15- كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ شەھىرىدە سۈرەتكە تارتىلغان يۈمېنگۇەن خارابىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ جىمىن فوتوسى

8- ئاينىڭ 11- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان كەچكى شەپەق ئاستىدىكى شىنجاڭ يارغول قەدىمىي شەھىرى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما نىڭ فوتوسى

سەييارە بېزەك ئاپتوموبىل شىئەن دامىڭ ئوردىسى دۆلەت خارابە باغچىسىنىڭ دەنفېڭ قوۋۇقى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتماقتا (9- ئاينىڭ 30- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ شياۋ فوتوسى

سۈرەتتە: 5- ئاينىڭ 31- كۈنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تيەنشۇي شەھىرىدە سۈرەتكە تارتىلغان تۇمانلىق يامغۇر ئارىسىدىكى مەيجىشەن تاش غارى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لاڭ بىڭبىڭ فوتوسى

سۈرەتتە: شىئەن ۋوگزالى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى دامىڭ ئوردىسى دۆلەت خارابە باغچىسى (4- ئاينىڭ 25- كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شاۋ رۇي فوتوسى

سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 12- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى تارجار خارابىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئەلىشىر بايازىتوف فوتوسى)

سۈرەتتە: 9- ئاينىڭ 13- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى تارغار خارابىسى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئەلىشىر بايازىتوف فوتوسى)

سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 6- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قىرغىزىستاننىڭ چۇ دەرياسى ئوبلاستى توقماق شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى سۇياب شەھىرى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئاناربېك فوتوسى)

سۈرەتتە: 10- ئاينىڭ 6- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان قىرغىزىستاننىڭ چۇ دەرياسى ئوبلاستى توقماق شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى سۇياب شەھىرى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئاناربېك فوتوسى)

 پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125