زوۋ لياڭسەي
ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا يۈز بەرگەن ئىش. داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن خېلەنشەن تېغىدىكى كان رايونى مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندىم.
ئىدارىگە يېڭى كەلگەندە ھەممە نەرسە يېڭىلىق تۇيۇلدى، بوش ۋاقىتلىرىمدا بىر نەچچە ياش بىلەن بىرلىكتە خېلەنشەن تېغىغا يامىشىپ، موگۇ تېرىپ، تىيىن قوغلىشىپ، تۇرمۇشۇم خۇشاللىققا چۆمدى. بىراق خىزمەت بىلەن ساياھەت قانداقلا بولسۇن بىر ئىش ئەمەس ئىدى. يېڭىلىق تۇيغۇسى ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ كېتىپ، داشۆدىن جەمئىيەتكە يۈزلىنىشتە دۇچ كېلىدىغان غايەت زور پەرقلا قېلىپ قالدى: بىر ئاي ئىلگىرىلا ئاۋات چوڭ شەھەر شىئەندە ياشاپ، داشۆنىڭ ھويلىسىدا يۈرگەن ئىدىم؛ ھازىر بولسا تاغ جىلغىسىدىكى كان رايونىدا تۇرۇۋاتىمەن، مەكتەپنىڭ سىرتى ئون مىنۇتتىلا بىر ئايلىنىپ چىققىلى بولىدىغان كىچىك بازار ئىدى.
50 چاقىرىملىق تاغ يولى كان رايونىدىن تاغ سىرتىغا چىقىدىغان بىردىنبىر يول ئىدى، دەل مۇشۇ 50 چاقىرىملىق تاغ يولى ماڭا دۇنيادىن ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىتتى.
ئادەتتە خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئۆتىمەن، قىلىدىغان نۇرغۇن ئىش بار، زېرىكىپ كەتمەيمەن؛ ھەپتە ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرسىلا، ئىچىم قۇرۇقدىلىپ قالغاندەك بولۇپ قالىمەن. دېرىزە ئالدىدا ئۆزۈم يالغۇز جىمجىت ئولتۇرۇپ، سۈكۈتتە تۇرغان قاقاس تاغلارغا قارىسام، ۋاقىت خۇددى توختاپ قالغاندەك ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كېتىدۇ. تۇرمۇشۇم بەك چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ئۆتەتتى، يا كۈنبويى ئۇخلايتتىم، يا تاغ بېشىغا چىقىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ سىرتقى دۇنياغا قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇراتتىم.
جۇڭچيۇ بايرىمى شەنبىگە توغرا كەلدى، كۆڭلۈمدە يىغىلىپ قالغان دەردىمنى ئېيتقىلى جاي يوق، پۈتكۈل خېلەنشەن تېغى خۇددى يۈرىكىمنى بېسىۋالغاندەك ئىدى. مېنىڭ ئىچىم پۇشۇپ، بەكلا تىتىلداپ كەتتىم، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن كۆڭلۈمدە پەيدا بولغان چۈشكۈنلۈك ئىزچىل كۈچىيىپ، ئاخىرى جۇڭچيۇ بايرىمى كۈنى يۇرتۇمنى كۈچلۈك سېغىنىشقا ئايلاندى، مەن دەرھال ئۆيگە قايتىپ، ئاتا- ئانامغا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن تارتقان ئۇۋالچىلىقلىرىمنى ۋە ئىچ پۇشۇقلىرىمنى ئېيتىپ بېرىشنى ئويلىدىم.
كاندا ھەر كۈنى يىنچۇەنگە بارىدىغان بىرلا نۆۋەتچى ئاپتوبۇس بار بولۇپ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ يېرىمدا يولغا چىقاتتى. ئۇ كۈنى، ئاپتوبۇس تاغ يولىدا ئىغاڭلاپ كالا ھارۋىسىدىنمۇ ئاستا مېڭىپ، كەچ سائەت ئالتىدە ئاران نەنمېن ئاپتوبۇس بېكىتىگە يېتىپ كەلدى، بۇ چاغدا جۇڭنىڭغا بارىدىغان ئاخىرقى ئاپتوبۇس كېتىپ بولغانىدى. مەن ئالدىراپ- تېنەپ بېكەت سىرتىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۆيگە قايتىدىغان ئاپتوبۇسقا يېتىشىۋېلىش ئۈمىدىدە نەچچە يۈز مېتىرغىچە قوغلىشىپ باردىم، ئادەتتە يولۇچى ساقلاپ مىسىلداپ ماڭىدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ بىرىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تاشلىۋېتىلگەن بالىغا ئوخشاش، يولدا بىچارىلەرچە تۇرۇپ قالدىم.
قايتىشقا تاقىتىم تاق بولۇپ، ئۆيگە قايتىشقا تەقەززا بولدۇم، مەن ۋۇجۇڭنىڭ ئاپتوبۇسىغا چىقىۋالدىم، ۋۇجۇڭدا بىزنىڭ ئۆي تەرەپكە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا ئۈلگۈرۈپ قالارمەن، دەپ ئويلىدىم. ئاپتوبۇس ۋۇجۇڭغا كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى، بېكەتتە ئادەممۇ بەك شالاڭ ئىدى، نەدىمۇ ئاپتوبۇس بولسۇن؟! ئۆيگە كېتەلمىدىم، ئەمدى مېھمانخانا تېپىپ يېتىپ، ئەتىدىكى ئەتىگەنلىك ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتىشىمغا توغرا كەلدى. ۋۇجۇڭ جۇڭنىڭغا يېقىن، مەنمۇ ئۆيۈمگە يېقىن قالدىم، ئۆزۈمگە مۇشۇنداق تەسەللىي بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم.
مەن روھىم چۈشكەن ھالدا ياتاققا كىردىم، ياتاققا تېرىسى قارامتۇل كەلگەن بىر يىگىت كىرىپ ئورۇنلىشىپ بولغان بولۇپ، ئۇ كارىۋاتنىڭ لېۋىدە ئولتۇرۇپ ناخشا غىڭشىغىنىچە پۇتىنى يۇيۇۋاتاتتى. مېنىڭ كىرگىنىمنى كۆرۈپ، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مەن بىلەن سالاملاشتى.
دېرىزەمنىڭ سىرتىدا تولۇن ئاي ئاستا- ئاستا بۇلۇت يېرىپ چىقتى. «يالغۇز يۈرۈپ ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ قالدىم»، «كۆكتىكى شۇ تولۇن ئاي قايتار يولۇمنى قاچان يورۇتقاي» دېگەندەك مىسكىن مىسرالار ئاي نۇرىغا ئەگىشىپلا خىيالىمغا كەلدى. ئىشلىرىمنىڭ ھېچبىرى ئوڭدىن كەلمەيۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم، جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئۆيگە قايتماقچى بولۇپمۇ شۇنچىلىك ھەرەج تارتتىم، ئۆي- ئۆيلەردە ھەممەيلەن جەم بولىدىغان جۇڭچيۇ بايرىمىدا مېنىڭ ئۆيگە قايتىش يولۇم كېسىلىپ قالدى. باشقا يۇرتتىكى سۇدەك تازا ئاي نۇرىدىن غېرىبلىق ھەسرىتى كېلىپ تۇراتتى.
«ئۆيگە قايتىپ جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان ئاپتوبۇسقا ئۈلگۈرەلمىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى يىگىت مەندىن. مەن ئامالسىز قىياپەتتە بېشىمنى لىڭشىتتىم. يىگىت كارىۋاتتا بەدەشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، ماڭا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ھېكايە قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپلا ئوقۇيالماپتۇ، ئوقۇشتىن چېكىنگەندىن كېيىن چوڭلارغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، جاھان كېزىپتۇ، ھازىر تۆت يىللىق ئىشلەش تەجرىبىسى بار بولۇپ قاپتۇ. ئالدىنىپمۇ قاپتۇ، ئىش ھەققى تەلەپ قىلىپ تاياقمۇ يەپتۇ. بۇ قېتىم يول ئۈستىدە ھايال بولۇپ قېلىشىغىمۇ ھۆددىگەرنىڭ ئىش ھەققى بېرىشىنى ساقلاپ قالغانلىقى سەۋەب بوپتۇ. دادىسى كېسەل كۆرسىتىدىكەن، ئاكىسى توي قىلىدىكەن، يېڭى ئۆي سالىدىكەن، نۇرغۇن ئىش ئۇنىڭ قان- تەر ئاققۇزۇپ تاپقان بۇ پۇلىغا قاراپ قاپتۇ.
يىگىت ماڭا بىر ئېغىزمۇ نەسىھەت قىلمىدى، پەقەت ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن سۆزلەپ بەردى. مانا مۇشۇنداق ئاددىي، ھېچقانداق پەلسەپىۋىلىكى يوق سۆزلەر ماڭا كىتابتا يوق داۋلىلارنى چۈشەندۈردى.
سۈزۈك ئاي نۇرى ئۇنى ھەم مېنى يورۇتۇپ تۇراتتى. تەقدىر ئۇنىڭغا كۆپ نەرسە بېرىپ باقماپتۇ، لېكىن ئۇ ئاز نەرسىنىمۇ قەدىرلەپ، ئاددىي- ساددا، قەيسەر بولۇپ، كۆڭلىدە مىننەتدارلىقنى ساقلاپتۇ. بەزى ئاددىي كىشىلەر كىشىگە ئىللىقلىق بېغىشلىيالايدۇ، خۇددى كېچىدىكى يول چىرىغىغا ئوخشاش، كىشىگە يورۇقلۇق بېرىپ، ئەتراپتىكى يوللارنى ئېنىق كۆرسىتەلەيدۇ، كىشىگە يېقىملىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر تۇيغۇ بېرىدۇ. مۇشۇنداق يول چىراغلىرى بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئىللىتىپ، بىزنىڭ ھايات مۇساپىمىزدىكى ھەربىر يولنى بېسىپ ئۆتۈشىمىزگە ئۈن- تىنسىز ھەمراھ بولىدۇ.
ئىككىنچى كۈنى ئۆيگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن ئاتا- ئانامغا جۇڭچيۇ بايرىمى كېچىسىدە بولغان ئىشلارنى ئېيتمىدىم، بېشىمغا كەلگەن كىچىككىنە ئۇۋالچىلىقنىمۇ ئېيتمىدىم، «بوران- چاپقۇندا بۇنچىلىك ئاغرىق نېمىگە ھېساب»! مەن پەقەت ئاتا- ئانامغا سىرتتا ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىمنى، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى ئېيتتىم.
جۇڭچيۇ بايرىمىدىن كېيىن، مەن يېنىككىنە ھالدا مەكتەپكە قايتىپ، كۆڭۈل قويۇپ داۋاملىق ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم. يۈرىكىمنى بېسىپ تۇرغان تاغ شەپىسىزلا غايىب بولدى، 50 چاقىرىملىق تاغ يولىمۇ ئەمدى يىراق، ئەگرى- توقاي بىلىنمەيدىغان بولدى. ئاشۇ يىلى جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئۆيگە قايتىش يولۇمدا بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىش مېنىڭ مەنىۋى دۇنيايىمدىكى قىممەتلىك بايلىققا ئايلىنىپ، قەلبىمدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىپ قالدى.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۇەن شەھەرلىك 24- ئوتتۇرا مەكتەپ)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)