مىن خۇي
داشيۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە تىزىمغا ئالدۇرغىلى بارغان كۈنى، كونا ئوقۇتۇش بىناسى، ياۋا ئوت- چۆپ بېسىپ كەتكەن تەنتەربىيە مەيدانى، ئىپتىدائىي ھاجەتخانىلارنى كۆرۈپ، بىز بىر نەچچە ياش ئوقۇتقۇچى ھەيران قالدۇق. بىزنى كۈتۈۋالغان مەكتەپ مۇدىرى چىرايىمىزدىكى مەيۈسلۈكنى دەرھال بايقىۋالدى، ئۇ پەس ئاۋازدا: «بەك كونىمىكەن؟» دەپ سورىدى. ھېچقايسىمىز گەپ قىلمىدۇق. بۇ بىر يېزا- كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 50 ياشتىن يۇقىرى ئىدى. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپكە يېڭى ئوقۇتقۇچى كەلمىگىلى ئون يىل بولغانلىقىنى، بىزنى تۇتۇپ قالالماسلىقتىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ كۈنى توك توختاپ قالغان ئىكەن، بىر ئەر مۇئەللىم قول قوڭغۇرىقىنى پۇلاڭلىتىپ كۆپچىلىكنى دەرستىن چۈشۈشكە ئەسكەرتتى. بۇ مۇئەللىمنىڭ بويى ئېگىز ئەمەس، قارىماققا ناھايىتى روھلۇق كۆرۈنەتتى، كۆپچىلىك ئۇنى «پەن مۇئەللىم» دەپ ئاتايتتى. ئاڭلىشىمىزچە، ئۇنىڭ بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىنىغا 30 يىل بوپتۇ. ئۇ پەس ئاۋازدا گەپ قىلاتتى، مۇشۇ سەۋەبتىنمىكىن، مەكتەپ دائىم ئۇنى بىرىنچى يىللىققا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
گەرچە ئۇ 50 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، چاچلىرى ئاقارغان بىر توپ ئوقۇتقۇچى ئىچىدە پەن مۇئەللىم ياش ھېسابلىناتتى. يېشى چوڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رىتىمى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ، دەرس ئارىلىقىدا ئۇلار بىللە ئولتۇرۇپ قۇرۇق پاراڭ سېلىشنى ياخشى كۆرەتتى، لېكىن پەن مۇئەللىم ئاسانلىقچە ئولتۇرۇپ قۇرۇق پاراڭ سېلىشمايتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا مەكتەپكە كېلىپ، بامبۇكتىن ياسالغان چوڭ سۈپۈرگىنى ئېلىپ 1- يىللىقنىڭ تازىلىق رايونىنى پاك- پاكىز تازىلايتتى، ئوقۇغۇچىلار كەلگەندە پەقەت دەرسخانىنى پاكىز تازىلىۋەتسىلا بولاتتى.
ھاۋا ئىسسىق ياز كۈنلىرى، مەكتەپنىڭ دەرسخانا شارائىتى ناچار، شامالدۇرغۇچ يوق ئىدى، پەن مۇئەللىم بالىلارنى ئېلىپ مەكتەپ بايراق چىقىرىش سۇپىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ، دەرەخ سايىسىدا كىتاب ئوقۇتاتتى. سەھەردە، قۇشلار دەرەخ شېخىدا ناخشا ئېيتاتتى، مەيىن شامال قۇلاق تۈۋىدىن سىيپاپ ئۆتەتتى، بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغان جاراڭلىق ئاۋازى مەكتەپ ھويلىسىدا ياڭرايتتى، بۇ مەنزىرە خۇددى بىر پارچە رەسىمگە ئوخشاش شۇنچىلىك گۈزەل بولۇپ، كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى. بۇ بىر كونا يېزا- كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، لېكىن مۇشۇنداق ھېسسىياتقا باي ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، بالىلارنىڭ بالىلىق چاغلىرى مەنىلىك ئۆتكەن ئىدى. كېيىن، مەن بىلەن بىللە داشيۇڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنغان ئىككى ئوقۇتقۇچى كېتىشنى تاللىدى، مەن قېلىشنى تاللىدىم. بەلكىم، مېنىڭ قەلب دۇنيايىم ئۆزۈممۇ بىلمەيلا ئاشۇ بىر دەستە نۇر تەرىپىدىن يورۇتۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
يېڭى مەكتەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى ئارقا- ئارقىدىن پېنسىيەگە چىقتى، پەن مۇئەللىم مەكتەپنىڭ پېشقەدەملىرىدىن سانالسىمۇ، لېكىن ئۇ ئەزەلدىن «پېشقەدەم» دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويمايتتى. ئۇ ھەم ئاساسىي دەرس ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، يەنە مەكتەپنىڭ مالىيە خىزمىتى، مەكتەپ بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى، ھەتتا ھەر كۈنى مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىلەن مېڭىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ- ئەكىلەتتى، ئۇ مەكتەپتىكى ئەڭ بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەڭ كېيىن ئۆيگە قايتىدىغان ئادەم ئىدى، يازلىق تەتىلدە يەنە بۇ يەردە قېلىپ نۆۋەتچىلىك قىلاتتى. لېكىن بىز ئەزەلدىن ئۇنىڭ ئاغرىنغىنىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. بىر قېتىم، بىر توپ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئوقۇتقۇچى بىر يەرگە يىغىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، خىزمەت رىتىمىغا يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى دېيىشىۋاتاتتى. پەن مۇئەللىم شۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى، كۆپچىلىك پەن مۇئەللىمدىن: «سىز كېلەر يىلى پېنسىيەگە چىقىدىغانسىز، يەنە شۇنداق ئالدىراش يۈرەمسىز؟» دەپ سورىدى. پەن مۇئەللىم: «خىزمەت ئالدىدا، ياشنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى دېيىشمەيمىز. مېنىڭ خىزمەت قىلالىشىم ئۆزۈمنىڭ تېخى ياش ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدۇ!» دېدى. پەن مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇ ئۈستىگە ئالغان خىزمەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ئويلاپ، كۆپچىلىك خىجىل بولغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ «دەرد- ئەلەم»ىنى يىغىشتۇردى.
مۇشۇ يەرلىك ئوقۇتقۇچىدىن ئاڭلىشىمچە، پەن مۇئەللىمنىڭ ئوغلىنىڭ تۇغما ئەقلىي ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ، نورمال بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇيالمايدىكەن، 20 نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى بېقىش ئىقتىدارى يوق ئىكەن. ئادەتتە كىشىلەر بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا غەم قىلىپ تۈگىشىپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن پەن مۇئەللىم بىلەن ئون نەچچە يىل بىللە ئىشلەپمۇ، ئەزەلدىن ئۇنىڭ دەرد تۆككىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. كەپسىز ئوقۇغۇچىلار ئەمدىلا خىزمەتكە كىرگەن ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دائىم ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ، پەن مۇئەللىم ھەمىشە ياشلارغا ئېغىر- بېسىق بولۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناچار ئىللەتلىرىنى تۈگىتىشىگە سەۋرچانلىق بىلەن ياردەم بېرىش، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ. بەلكىم كىشىلىك ھاياتنىڭ ئازاب- ئوقۇبەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك، پەن مۇئەللىمنىڭ نەزەرىدە مەسىلىسى بار ئوقۇغۇچى يوق ئىدى، ئۇ ھەمىشە ھەممىنى تەمكىنلىك بىلەن قوبۇل قىلاتتى، ئازراقمۇ يەڭگىلتەكلىك قىلمايتتى. ئۇنىڭ جىمجىتلىقى كۈچكە تولغان ئىدى. مەن ھەر قېتىم چىقىشىش تەس بولغان ئوقۇغۇچىلارغا يولۇققىنىمدا، ھەر قېتىم ئالدىراشچىلىقتىن تىنغۇدەكمۇ ماجالىم قالمىغىنىدا، پەن مۇئەللىمنى − ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئىش قىلىشىنى ئەسلەيمەن.
بەزىلەر:«مۇۋەپپەقىيەت − ئاددىي ئىشلارنى تەكرار قىلىش، تەكرار ئىشلارنى ئەستايىدىل قىلىشتىن ئىبارەت» دەيدۇ. پەن مۇئەللىم بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، مەن ئاندىن بۇ گەپنى ھەقىقىي چۈشەندىم. ئوقۇتقۇچىلىق بىر ئاددىي كەسىپ، ئەمما پەن مۇئەللىمگە ئوخشاش نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش − قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان بۇ ئىشنىڭ ئۆزىلا ئاددىي بولمىغان ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئالەمنىڭ چەكسىزلىكى، ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ بىپايانلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ ھاياتى كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، لېكىن ئۆزگەرمەس ھېسسىياتقا ئىگە بولغاندا، ھاياتىمىز مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدۇ! بۇ يەردە مەن قېرىماس ئەر − پەن مۇئەللىمگە ئېھتىرام بىلدۈرىمەن، پەن مۇئەللىمگە ئوخشاش مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئۈن- تىنسىز تۆھپە قوشقان كەسىپداشلىرىمغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! سىلەرنىڭ روھىڭلار خۇددى بىر دەستە نۇرغا ئوخشاش، مېنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش يولۇمنى يورۇتىدۇ.
(ئاپتورنىڭ ئادرېسى: خۇبېي ئۆلكىسى ئېجوۋ شەھىرى خۇارۇڭ رايونى خۇڭليەنخۇ 3- باشلانغۇچ مەكتىپى)
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)