قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| ​قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرى قەلبلەرگە سىڭىدۇ
17:57:42 2023-11-09 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جاۋ ياۋرۇ

 بۇ يىلقى قىش ناھايىتى ئۇزۇن ھەم سوغۇق بولدى. كوچىدا ئاندا- ساندا ماسكا تاقىۋالغان بىر نەچچە يولۇچىدىن باشقا ھېچقانچە ئادەم يوق ئىدى، ھەتتا ئىلگىرىكى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھېيتلاشمۇ بۇ يىل ئازلاپ كەتكەن ئىدى.

 باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەن ئالدىراپ- تېنەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم، كۆڭلۈمدە يۇقۇم يۈز بەرگەن ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۆيدە ئاتا- ئانامغا ھەمراھ بولىدىغان ۋاقتىم ھەقىقەتەن بەك ئاز بولۇپ قالدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىر ئورتاق نىشان ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلدى، دەپ ئويلىدىم. مېنىڭچە، ھازىر ئاخىرى «خاتىرجەم بولۇش كۇنۇپكىسى»نى بېسىپ، ئاتا- ئانام بىلەن ياخشى پاراڭلىشالايدىغان بولغانىدىم.

 ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ، كۈلكە- چاقچاق قىلىشىپ خېلى ئۇزاق پاراڭلاشتۇق، خۇددى ئۈچ يىلدىن بۇيان نۇرغۇن گەپ- سۆز يىغىلىپ قالغاندەك، پەقەت مۇشۇ باھار بايرىمىدىلا تېخىمۇ ياخشى پاراڭلىشالايدىغاندەك ئىدۇق. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئاپام ئىشكاپتا مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پىرەنىكنىڭ بارلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئېلىشقا تەمشەلدى. لېكىن پىرەنىك قويىدىغان ئورۇن ئېگىزرەك بولغاچقا، مەن قولۇمنى سۇنۇپ ياردەم قىلماقچى بولدۇم، بىراق كىم ئويلىسۇن، ئەمدىلا سۇنغان قولۇمنى دەل ئاپام ئاچقان ئىشكاپنىڭ ئىشىكى قىسىۋالدى.

 مېنىڭ «ۋاي» دېيىشىم بىلەن، ئاپامنىڭ قولىدىكى پىرەنىكلەرمۇ چېچىلىپ كەتتى، ئەسلىدىمۇ ھېچ ئىش بولمىغان ئىدى، لېكىن ئاپام خۇددى خاتالىق ئۆتكۈزگەن بالىدەك قولۇمنى تارتىپ، قايتا- قايتا قاراپ، يەنە پۈۋلەپ قويدى، خۇددى مەن كىچىك ۋاقتىمدا ھەر قېتىم بىر يېرىمنى ئۇرۇۋالسام، ئاپام دائىم پۈۋلەپ قويۇپ، «پۈۋلەپ قويسىلا ئاغرىمايدۇ!» دەيدىغىنىدەك بولدى.

 ئانام بارمىقىمنى پۈۋلىگەن ئاشۇ دەقىقىدە، مەن تۇيۇقسىز ئۆزۈمنى بەك بەختلىك ھېس قىلدىم. ئاپامنىڭ تۇرقىغا قاراپ، ھەم كۈلگۈم كەلدى، ھەم ئىچىم ئاچچىق بولدى. مەن چوڭ بولدۇم، لېكىن ئۇنىڭ نەزەرىدە مەن مەڭگۈ بىر بالا ئىدىم.

 شۇنداق، كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان ئاتا- ئانامنىڭ كۆز قۇيرۇقىدىكى قورۇقلار كۆپەيگەن، ئاقارغان چاچلىرىنى قارا قىلىپ بويىۋالغان بولۇپ، بىر نەرسىنى يوشۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەسلىدە بۇلار كۆز ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن مەن ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەپتىمەن، دائىم ئاتا- ئانامنى تېخى ياش، بۇرۇنقىغا ئوخشاش دەپ قاراپتىمەن. كۆز چاناقلىرىم نەملىشىپ، ئاستا ئۆرۈلۈپ پ يېشىمنى سۈرتتۈم، بۇنى دەل بىر تەرەپتە تۇرغان دادام كۆرۈپ قېلىپ، ئاپامنى: «سىزمۇ قاراپ ئىش قىلمامسىز، قىزىڭىزنىڭ ئاغرىپ كەتكىنىگە قاراڭ، مەن ئىشكاپنى چۇۋۇپ، پاكارراق قىلىپ قويىمەن»، دەپ ئەيىبلىدى.

 ئەسلىدە ئىچىم ئاچچىق بولۇۋاتقان مەن بىردىنلا كۈلۈپ كېتىپ: «دادا، ئاغرىمىدى، راستىنلا ئاغرىمىدى» دېدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا- ئانامنىڭ ئۆزىنى ئەيىبلىگەن ھالىتى باشتىن- ئاخىر خىيالىمدىن كەتمىدى.

 دەۋر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئاتا- ئانامدەك بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ھەقىقەتەن ياشىنىپ قالدى، بەزى ئىشلارنى قىلغاندا بۇرۇنقىدەك تېتىك بولالماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ بالىلارغا بولغان مۇھەببىتى ھەر بىر دەقىقىدە ئېقىپ تۇرىدۇ. ئېسىمدە قېلىشىچە، بيەن جىلىن: «سىز كۆۋرۈكتە تۇرۇپ مەنزىرە كۆرسىڭىز، مەنزىرە كۆرىدىغان ئادەم ئۈستۈنكى قەۋەتتە سىزگە قارايدۇ» دېگەنىدى. شۇنداق، بىز دائىم باشقىلارنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرىدىكەنمىز، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ رەڭدارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز. بىز پەقەت ئاتا- ئانىمىزنىڭ كۈلكىسىنى كۆرىدىكەنمىز، لېكىن ئارقىسىدىكى مۇشەققىتىنى كۆرمەيدىكەنمىز. چوڭ بولغاندىن كېيىنكى بىز ئوراپ تۇرغان گۈللەرنى كۆردۇق، لېكىن ئاتا- ئانىمىزنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئۈمىدىنى كۆرمىدۇق. ئەڭ گۈزەل مەنزىرە يىراقتا ئەمەس، يولدا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئائىلىدە ئىكەن.

 مەن ئالدىراپ- تېنەپ ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، يەنە ئالدىراپ- تېنەپ قايتىپ كەلدىم، ئۆيدە تۇرغان شۇ بىر نەچچە كۈندە ئاتا- ئانام ھەم خۇشال، ھەم بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. لېكىن بۇنداق ئالدىراشلىق ئۇلارغا بەخت تۇيغۇسى بەردى. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزمۇ ئوخشاش، پەقەت قىشتىكى مۇزدەك سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەندىلا ئاندىن باھاردىكى قۇياش نۇرىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلالايمىز. پەقەت مۇشۇنداق ئۆزگىچە باھار بايرىمىنى باشتىن كەچۈرگەندىلا، ئاندىن ئىلگىرىكى باھار بايرىمىدىكى قاينام- تاشقىنلىقنى ئەسكە ئالالايمىز. پەقەت ئادەتلىنىپ قالغان كۈندىلىك تۇرمۇش ئۆتمۈشكە ئايلانغاندىلا، ئاندىن ئىلگىرىكى تۇرمۇشنىڭ شۇنچىلىك رەڭگارەڭ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

 (ئاپتورنىڭ ئادرېسى: جۇڭگو تۆمۈر يول 2- ئىدارىسى گۇرۇھى بېزەكچىلىك قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى)

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

 تەرجىمان: مۇبارەك ئىسمائىل

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125