شىنجاڭ كەسپىي ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىر سەھنىدە بەسلەشتى
18:46:24 2023-11-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، شىنجاڭ 3- نۆۋەتلىك «تىيانشان قار لەيلىسى مۇكاپاتى» كەسپىي ئۇسسۇل مۇسابىقىسى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. شۇ كۈنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان 24 نومۇر ئىچىدە، 15 نومۇرنى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ۋە شىنجاڭ سەنەت شۆيۈەنى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك سەنئەت مەكتىپىدىكىلەر ئورۇنلىغان بولۇپ، شۇ كۈنلۈك مۇسابىقىدىكى نومۇرلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىدى.

 بۇ 15 نومۇر ئىچىدە، 11- نومۇر − «ئاق قۇ» ناملىق يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل باشقا نومۇرلارغا ئوخشىمايتتى، بۇ نومۇرنى ئورۇنلىغۇچى ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ دەل شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى ئۇسسۇل شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى فىلورە ئىسمايىل ئىدى. ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر سەھنىدە ئۇسسۇل ماھارىتى جەھەتتە بەسلەشكەنلىكى ئۈستىدە توختالغاندا، فىلورە مۇئەللىم مۇنداق دېدى: «مەن ئۇسسۇلنى قىزغىن سۆيىدىغان بۇنداق روھىم ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسسۇل ئىجادىيىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىمەن».

 مۇخبىر: ياڭ ۋېي، شۆ خۇي

 نازارەتچى: شۆ جىڭ

 ئاۋازدا: نىجات نىياز، ئالمىرە غېنى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125