كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتى «جۇڭگو شىنجاڭ مىللىيچە چالغۇ كەنتى» دەپ ئاتىلىدۇ، 2011- يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك قوغداش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بولۇپ باھالاندى، كەنت ئاھالىلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن چالغۇ ياساش ھۈنىرىگە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ ياش چالغۇ ياساش سېپىگە قوشۇلۇپ، بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھۈنىرىنى قوغداپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى. بۇ يەردە ياسالغان دۇتار، راۋاپ قاتارلىق 50 نەچچە خىل چالغۇ مەملىكەت ئىچى- سىرتىغا سېتىلىدۇ.
11- ئاينىڭ 27- كۈنى، كەنت ئاھالىسى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى مىللىيچە چالغۇ ھۈنەرخانىسىدا مىللىيچە چالغۇ ياسىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
11- ئاينىڭ 27- كۈنى، كەنت ئاھالىسى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى مىللىيچە چالغۇ ھۈنەرخانىسىدا ياساپ بولغان تەمبۇرنىڭ ئاۋازىنى تەڭشىمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
11- ئاينىڭ 27- كۈنى، ساياھەتچى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى مىللىيچە چالغۇ ھۈنەرخانىسىدا ئېكىسكۇرسىيە قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
11- ئاينىڭ 27- كۈنى، كەنت ئاھالىسى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى مىللىيچە چالغۇ ھۈنەرخانىسىدا راۋاپ ياسىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى
11- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئارتىسلار تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى مىللىيچە چالغۇ ھۈنەرخانىسىدا ياسالغان چالغۇلارنى ئىشلىتىپ تاماشىبىنلارغا نومۇر ئورۇنلاپ بەرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى