مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا شۆبە مەيدان تەسىس قىلدى
09:27:27 2024-01-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار يىن لۇ، ۋاڭ جىڭجىڭ) 1- ئاينىڭ 4- كۈنى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى «2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»نىڭ شۆبە مەيدانىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ قەشقەر، لياۋنىڭ شېنياڭ، خۇنەن چاڭشا، شەنشى شىئەندىن ئىبارەت تۆت جاي بېيجىڭدىكى ئاساسىي مەيدان بىلەن بىرلىكتە، ھارپا كېچىسىدە پۈتۈن يەرشارىدىكى خۇارېنلارغا ئەجدىھا يىلىدىكى قويۇق ھېسسىيات، قىزغىن كەيپىياتقا تولغان بىر مەيدان باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى تەقدىم قىلىدۇ.

 شۇ كۈنى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى فۇشىڭ يولى ئىش بېجىرىش رايونىدىكى 1000 كىۋادرات مېتىرلىق قويۇش- تارقىتىىش زالىدا، تىيانشان تېغى، كوئېنلۇن تېغى، ئالتاي تېغىنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل قىياپىتىگە ئەگىشىپ، يايلاق، گۈل دېڭىزى، دەريا- ئېقىنلارنىڭ تۈرلۈك تۈمەن مەنزىرىلىرى تەشۋىقات فىلىمىدە نامايان بولىدۇ، 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ 4- شۆبە مەيدانىنىڭ شىنجاڭ قەشقەر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، يىللاردىن بۇيانقى باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا شۆبە مەيدان تەسىس قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

 «شىنجاڭ قەشقەردە باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدانىنىڭ تەسىس قىلىنىشى شىنجاڭدىكى چوڭ ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىش، شۇنداقلا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىدىكى ئەمەلىي تەدبىر. شىنجاڭدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى بايلىقى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە رەڭدار نۇر چاچماقتا. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تىرەك نۇقتىسى ۋە جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەردە تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى ئوقۇغىلى، رەڭدار ئۆرپ- ئادەتلەردىن ھۇزۇرلانغىلى، 100 يىللىق كەسىپنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ، ھەممىلا جايدا تىنچ- ئىناق، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات نامايان بولماقتا» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۇ جاۋبىڭ نەق مەيداندا قىلغان تەبرىك سۆزىدە.

 مۇخبىرنىڭ شۇ كۈندىكى ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە «4+1» ئەندىزىسى قوللىنىلىدىكەن ۋە بۇ كېچىلىك بىر ئاساسىي مەيدان ۋە تۆت شۆبە مەيداندىن تەركىب تاپىدىكەن، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە لايىھەلەش، بەدىئىيلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ نامايان قىلىش ئارقىلىق، شۆبە مەيداندىكى نومۇرلار ئاساسىي مەيداندىكى نومۇرلار بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، كەيپىيات ئۆزئارا سىڭدۈرۈلۈپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مول مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى نامايان قىلىنىدىكەن، رەڭدار يېڭى دەۋر، يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىنىدىكەن. باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى ھەرقايسى شۆبە مەيدانلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تارىخىي ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى يارقىن نۇقتىلىرى ھەم رايون ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئاساسىي مەيدان ۋە شۆبە مەيدانلارنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان سەنئەت شەكلى ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلارنىڭ خۇشاللىققا، قىزغىنلىققا تولغان يېڭى باھار بايرىمى كەيپىياتىنى نامايان قىلىدىكەن.

 نەق مەيداندىكى جۇشقۇن دۇمباق ساداسى ئىچىدە، «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت»دېگەن نومۇر شىنجاڭ شۆبە مەيدانىنىڭ خاس ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرى سۈپىتىدە قالتىس ئورۇنلىنىدۇ. ئارتىسلار نەپىس، گۈزەل كىيىم- كېچەكلەرنى كىيىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭنىڭ سىيماسىنى ۋە ئىنتايىن بەختىيار ئىكەنلىكى، ئىناق ئىكەنلىكىنى سەھنىدە نامايان قىلىدۇ. «بۇ ئۇسسۇلغا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇلى يۇغۇرۇلغان بولۇپ، رىتىمى شوخ ھەم تېز، ھەرىكىتى ئىخچام، بەدىئىيلىكى مول، ئۇنىڭدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاق، ئىناق بولغان، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈۋاتقان ھەقىقىي مەنزىرىسى نامايان قىلىنىدۇ» دېدى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ناخشا- ئۇسسۇل، تىياتىر ئۆمىكى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆمەك باشلىقى جياڭ مېي.

 مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى شۆبە مەيدان تەسىس قىلغاندىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆزگىچە مەدەنىيەت- سەنئەتكە ئۆزىنى قالتىس نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ پائال ئاۋاز قوشۇشى ۋە ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭخۇا زېمىنىدىن كەلگەن يۇرت ساداسى، يۇرت مېھرى كىشىلەرگە قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتى ئېلىپ كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125