2023- يىلى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچتە، چوڭ تىپتىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك مۇزىكىلىق تىياتىر «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ نومۇرى سۈپىتىدە ئوينالدى.(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)
«سۆيۈملۈك ئۈرۈمچى، ئەمەس ئۇ رىۋايەتلەردىكى يايلاق، باياۋان. ئاڭا مۇجەسسەم شۇنچە ئاقىل ۋە ئىشچانلىق، ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى مۆجىزە ياراتقان...» بۇ «سۆيۈملۈك ئۈرۈمچى»نىڭ ناخشا تېكىستى.
2024- يىللىق يېڭى ناخشىلار بىلەن شىنجاڭنى كۈيلەيمىز. يېڭى يىللىق مۇزىكا كاتتا مەرىكىسى 1- ئاينىڭ 7- كۈنى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت يۇرتىنىڭ ناخشىچىسى ليۇ كې ياڭراق ئاۋازدا بۇ ناخشىنى ئېيتتى.
ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2023- يىلىغا نەزەر سالساق، ئۈرۈمچى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى تۇنجى قېتىم 100 مىليون (قېتىم)دىن ئاشتى، ساياھەت كىرىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل گېنىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى» نام كارتىسىنى بارغانسېرى جۇلالاندۇردى.
سەھنە پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھىتىنىڭ جانلىنىشىغا كۈچ قوشۇش
2023- يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت يۇرتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى)، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى) جىڭجۈ ھازىرقى زامان تىياتىرى «مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان تىيانشان»، چىنچياڭ تىياتىرى «شيې ياۋخۇەن»، ناخشا- ئۇسسۇل ئويۇنى «ئالمىخان سىز نەدە»، دىراما «ئىللىق ئۆي»، چىڭچاڭ تىياتىرى «جياڭ ھەدە» قاتارلىق خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان نادىر تىياتىرلارنى ئىجاد قىلىپ، 267 مەيدان ئويۇن قويدى، نادىر ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى»نىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت كۈچىنى نامايان قىلدى.
خىزمەتچىلىرى سەھنىنى «ئۇزارتىپ»، خۇڭسەن ئەدەبىيات- سەنئەت جەڭگىۋار قوشۇنى شەكلى ئارقىلىق تەسىرچانلىققا باي شىچۈ، ناخشا- ئۇسسۇل، سىمفونىيە قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرىنى چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، خەلق باغچىسى، تىيانشان چوڭ جىلغىسى، شەنشەن ئوتلېتىس مەيدانى قاتارلىق جايلارغا يەتكۈزۈپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى»نىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت- ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) سەنئەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2023- يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭسەن ئەدەبىيات- سەنئەت جەڭگىۋار قوشۇنىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىپ، 514 مەيدان ئويۇن قويدى، «ئەدەبىيات- سەنئەت +» شەكلى ئارقىلىق مەنزىرە رايونىغا كۈچ قوشتى.
21- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرىسى بايرىمى 2023- يىل 12- ئاينىڭ 23- كۈنى باشلاندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت يۇرتىنىڭ ئۇسسۇلچىسى لى چيەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى «قارا يورغا» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇنلاپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۈرۈمچىنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
«ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى» نام كارتىسىنى كۈچەپ جۇلالاندۇرۇۋاتقىنى ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىلا ئەمەس، ئۇنىڭدا يەنە كەڭ مەدەنىيەت پىدائىيلىرىمۇ بار.
2023- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، پۇقرالار يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ پۇقرا ئەدەبىيات- سەنئەت ھەۋەسكارلىرى باش رول ئالغان مۇزىكا كېچىلىكى. پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لاردىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەلگىلىك كەسپىي ساپاغا ئىگە بولدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەرلىرى مەدەنىيەت پىدائىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشتى.
«مەدەنىيەت پىدائىيلىرى ئىزچىل ئەدەبىيات- سەنئەت جەڭگىۋار قوشۇنىنىڭ ئورگانىك تولۇقلىمىسى بولۇپ كەلدى، مەسىلەن: شىيۈ ئەرلەر خور ئۆمىكى، لۈجوۋ چيەنيىڭ ئۇسسۇل ئۆمىكى قاتارلىقلار، ئۇلار ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىدا ئويۇن قويۇپ، <ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى>نىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى». ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى جۇڭمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز، مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش»، «بىزنىڭ بايرىمىمىز» قاتارلىقلارنى باش تېما قىلىپ، 2023- يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى «تىيانشانغا مۇھەببەت، جۇڭگو ئارزۇسىغا تولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش» مەيدان ئۇسسۇلى مۇسابىقىسى، «يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، يېڭى دەۋرنى كۈيلەش» ئاممىۋى ناخشىلارنى كۆپچىلىك بىللە ئېيتىش پائالىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن 12 مىڭ 237 مەيدان (قېتىم) قانات يايدۇرۇپ، 1 مىليون 730 مىڭچە ئادەم (قېتىم)گە نەپ يەتكۈزدى.
مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، يەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ IPسىنى يېتىلدۈرۈش
مەدەنىيەت ساياھەتنىڭ جېنى، ساياھەت مەدەنىيەتنىڭ ۋاسىتىسى.
2023- يىلىغا نەزەر سالساق، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «2023- يىللىق ئۈرۈمچى شىچۈ ئەدەبىيات- سەنئەت بايرىمى»نى ئۆتكۈزۈپ، شۇ يىلى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى باشلانغاندىن تارتىپ 22- كۈنى ئاخىرلاشقىچە، مەملىكەت بويىچە ئونغا يېقىن ئەدەبىيات- سەنئەت يۇرتى ۋە ئويۇن قويۇش ئورنى، شىنجاڭدىكى 10دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات- سەنئەت ئۆمىكى، نەچچە يۈز ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىسى سەنئەت ئۇچرىشىشىغا ئاتلاندى، 20دىن ئارتۇق سەھنە سەنئەت ئەسىرى، 100دىن ئارتۇق ئاممىۋى ئەدەبىيات- سەنئەت نادىر ئەسىرى توپلاندى؛ 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىنى تەشكىللەش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ 27 سەنئەت ئۆمىكى ئۈرۈمچىدە «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «ياپيېشىل تاغ- دەريالار»، «تاڭنۇرى» قاتارلىق 28 مۇنەۋۋەر تىياتىرنى ئورۇنلىدى؛ ئۇسسۇللۇق تىياتىر «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز»، «يىپەك يولىدىكى باھار يامغۇرى» قاتارلىق 128 بۆلۈم، 378 مەيدان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇنەۋۋەر ئويۇن تىزىملىكى پائال كىرگۈزۈلدى؛ ساۋمېي مۇزىكا بايرىمى، شىخو پىۋا مۇزىكا بايرىمى، جياڭگو مۇزىكا بايرىمى، مىدى مۇزىكا بايرىمى قاتارلىق سەككىز مەيدان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، 300 مىڭ (قېتىم)دىن ئارتۇق ئامما جەلپ قىلىنىپ، 410 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇنۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىك مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.
يېڭى مەدەنىيەت تۈرلىرىنى پائال كىرگۈزۈش، بەرپا قىلىش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى ھازىر بار بولغان مەدەنىيەت تۈرلىرىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى» مەدەنىيەت نام كارتىسىنى داۋاملىق جۇلالاندۇردى.
2023- يىلى 9- ئايدا، مەدەنىيەت- ساياھەت مىنىستىرلىقى كەسىپ تەرەققىياتى مەھكىمىسى «مەملىكەتلىك ساياھەت ئويۇنى نادىر ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمەكچى بولغان تۈرلەر تىزىملىكى توغرىسىدىكى ئېلان»نى تارقاتتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ۋە ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە جەمئىي 40 تۈر تاللاندى، «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش»مۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.
«كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش»تا «مەدەنىيەت +» «ساياھەت +» كۈچەش نۇقتىسى قىلىنىپ، چوڭ نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونىنى بەرپا قىلىش، شىنجاڭ ساياھەت ئويۇن قويۇش كەسپىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە «مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرى ئالتۇن نام كارتىسى»نىڭ ئاكتىپ رولى سىجىل جارى قىلدۇرۇلۇپ، سەرخىل ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاماشىبىنلار جەلپ قىلىندى.
يېڭى بىر يىلدا، ئۈرۈمچى يەنە «غەربىي دىيار ناخشا شاھى» قاتارلىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۈرۈمچى خاسلىقىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ شەھەر مەدەنىيىتى IPسىنى بەرپا قىلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت- ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ۋۇ ۋېيچېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرى خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر «ۋاڭ لوبىن بىلەن ئۇچرىشىش»، چىنچياڭ ھازىرقى زامان تىياتىرى «خۇڭسەن مۇنارى ئاستىدا» قاتارلىق نادىر تىياتىرلارنى ئىجاد قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى چۆرىدەپ، مۇھىم رېئاللىق، مۇھىم ئىنقىلاب قاتارلىق تېمىلاردىكى نۇقتىلىق تىياتىرلاردىن ئۈچتىن ئارتۇقنى تەييارلايدۇ.
ئويۇن قويۇش شەكلى مول بولدى، ناخشا- ئۇسسۇل پۈتۈن شەھەرنى قاپلىدى
ئۈرۈمچى ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى ئارقىلىق شەھەر قىياپىتىنى ساقلاپ، بۇ شەھەرگە ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئادىمىيەت گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى.
تىيانشان چوڭ جىلغىسى، چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، تىيانشان ياۋايى ھايۋانات باغچىسى، تىيانشان مىڭيۆچېڭ، چوۋ ما 1- نومۇر مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسى قاتارلىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرى، كوچا رايونلىرىدا سەيلە قىلغاندا ئوخشاشلا ھەممە يەردە «ناخشا ئۇسسۇل ماكانى»نىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئوخشاش بولمىغان مەنزىرە رايونى، كوچا رايونلىرى شۇ جاينىڭ خاسلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، ناخشا- ئۇسسۇل، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا قاتارلىق تۈرلەرنى پائال يولغا قويۇپ، چوڭقۇر شەكىلدە ئويۇن قويۇش، ھەمتۈرتكىلىك دىراما قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئويۇن قويۇش كەسىپ ھالىتى ئۈستىدە ئىزدەندى.
شىنجاڭ فېڭجىڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى داڭ كاڭ مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت- ساياھەت ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مەزمۇننى ئاساس قىلىدۇ، <يىپەك يولى . مىڭ يىللىق تەسىرات> ناھايىتى قالتىس بولدى، بىز ئويۇننى ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ساياھەت لىنىيەسىگە قوشۇپ ساياھەتچىلەرگە تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى».
ئوخشاشلا ئۈرۈمچىدىكى توردا ئالقىشلانغان جاي بولغان ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىسى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇزاق، شانلىق نان مەدەنىيەت تارىخى، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان نان يېقىش ھۈنەر- سەنئىتى، جانلىق بولغان نان يېقىشنى ھېس قىلىش بىلەن ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئېكسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى، باغچە رايونى ئىچىدىكى خاس، روشەن باش تېمىلىق ناخشا- ئۇسسۇلمۇ بۇ يەرگە ئۆزگىچە ھاياتىي كۈچ قوشتى.
2023- يىلى 7- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيەت كەسىپلەر باغچىسى چوڭ تىپتىكى چۆكۈش شەكىلدىكى ھەمتۈرتكىلىك شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل سەنئەت كۆرگەزمىسى − «ھەممە ئىنتىلىدىغان شىنجاڭ − 1- بۆلۈم: يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، شىنجاڭنىڭ خاس تائاملىرىنى ئاساس قىلغان نۇرغۇن ئاشخانىلارمۇ ناخشا- ئۇسسۇل تۈرلىرىنى بەس- بەستە ئوتتۇرىغا چىقاردى.
تىيانشان مىڭيۆ قار- مۇز شەھەرچىسىدىمۇ ناخشا- ئۇسسۇل كەم بولمىدى.
1- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچتە، تىيانشان مىڭيۆ قار- مۇز شەھەرچىسىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدىكى ئاۋاتلىقى تولۇق نامايان قىلىندى.
كوچا رايونىدا ماڭغاندا مۇزىكا DJ، كۈلكە- چاقچاق ئاۋازى، قاينام- تاشقىنلىق ئۈزۈلمىدى، نەچچە مىڭ ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ساياھەت تۈرىنى تاللاپ، قار- مۇز دۇنياسىدا قانغۇچە كۆڭۈل ئاچتى، ھەممە يەر شاد- خۇراملىققا چۆمگەن بولۇپ، قىش پەسلىدىكى كېچىنى ئاۋاتلاشتۇردى.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋاڭ چاڭتۇڭ، ۋاڭ يۈ، جاۋ لى خەۋىرى)