1- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 13دە، ئادەتتىكى ئامما قاتناشقان ئاپتونوم رايوننىڭ «ئامما كەنت كېچىلىكى»نىڭ خوتەن شۆبە مەيدان ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى خوتەن ناھىيەسىنىڭ يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا قالتىس ئورۇندالدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، بىڭتۇەن 14- شىسىدىن كەلگەن ئامما ئارتىسلىرى يوتقان قەدىمىي شەھىرىگە جەم بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بىر مەيدان كاتتا مەدەنىيەت زىياپىتى بېرىپ، خوتەندىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، كۆتۈرەڭگۈلۈك بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايەن قىلدى. «قاينام- تاشقىنلىققا چۆمۈپ، يېڭى باھارنى تەبرىكلەش» نامىدىكى بۇ ئۇسسۇلنى خوتەن شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئارتىسلىرى ئورۇنلىغان.
سىن كۆرۈنۈشى مەنبەسى: «خوتەن ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى» دوۋيىن نومۇرى