چاي ئېلىمىزدە ئۇزاق تارىخقا ئىگە، چاي- ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ تارىخىي گۇۋاھچىسى. مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مىللەتلەر تىلى پىروگرامما مەركىزى مەدەنىيەت تۈرىدىكى يۈرۈشلۈك قىسقا فىلىم «جۇڭگو چېيى»نى ئىشلىدى، تۆۋەندىكىسى بۇ يۈرۈشلۈك قىسقا فىلىمنىڭ «جۇڭگو چېيىنىڭ يەنبيەن ھېكايىسى» ماۋزۇلۇق 5- قىسمى.
يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، چاي ئىچىش تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن ئادەم تۇنجى بولۇپ ئارپا چېيىنى ئېسىگە ئالىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، دانلىق زىرائەتلەرنى خام ئەشيا قىلغان بۇ خىل ئەنئەنىۋى چاي ئىچىش مەدەنىيىتى بۇرۇنلا شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن.