تۇنجى نۆۋەتلىك «قار- مۇز يىپەك يولى جۇڭگو قار- مۇز شەھىرى» ئالتاي تېغىنى ئايلىنىش قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى
13:47:26 2024-01-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 1- ئاينىڭ 15- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك «قار- مۇز يىپەك يولى  جۇڭگو قار- مۇز شەھىرى» ئالتاي تېغىنى ئايلىنىش قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئالتاي شەھىرىگە جايلاشقان جياڭجۈن تېغى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا باشلاندى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن 15 ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 155 تەنھەرىكەتچى بۇ يەرگە جەم بولدى.  

 بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى «تىنچ تەرەققىي قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تەڭ نەپ ئېلىش» بولۇپ، بەش كۈن داۋاملىشىدىغان مۇسابىقە مەزگىلىدە تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش، دالىدا چاڭغا تېيىلىش، تاغقا چىقىپ چاڭغا تېيىلىش (قەدىمىي تېرە چاڭغىدا چاڭغا تېيىلىش) قاتارلىق يەتتە تۈر بويىچە 37 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى، خەۋىرى)

1- ئاينىڭ 15- كۈنى، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

1- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئارتىسلار باشلىنىش مۇراسىمىدا ناخشا- ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

 1- ئاينىڭ 15- كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى مەيدانغا كىرىشنى كۈتمەكتە.

1- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى مەيدانغا كىرمەكتە.

1- ئاينىڭ 15- كۈنى، رېپىرلار ۋەكىللىرى تاماشىبىنلارغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.  

1- ئاينىڭ 15- كۈنى، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلماقتا.

1- ئاينىڭ 15-كۈنى، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى جياڭجۈن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا ساليۇت ئويۇنى كۆرمەكتە.

ساياھەتچىلەر يان تېلېفونى ئارقىلىق ساليۇت ئېتىلغان گۈزەل دەقىقىلەرنى خاتىرىلىمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿依努尔·阿布力米提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125