ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە
«پاھ، بۇ ئوغۇل بالا بەك ئوماقكەن!» «كۈلۈمسىرەپ تۇرغان يۈزىنى چىشلىۋالغۇم كېلىپ كەتتى، قانداق قىلارمەن؟»... 2- ئاينىڭ 9- كۈنى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ «2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى نومۇرلار كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، تاماشىبىنلار مەردانە ئۇسسۇل ئوينىغان، شوخ ھەرىكەتلەر بىلەن مۈرىسىنى ئاتقان ئوغۇل بالىغا مەپتۇن بولۇپ، بەس- بەستە سۆز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولدى.
كەۋسەر. سۈرەتنى رازىيە ئابدۇراخمان تەمىنلىگەن
ئۇ بەش ياشلىق كەۋسەر بولۇپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلە يېزىسى پاۋانلا كەنتىدە ئولتۇرىدۇ.
كەۋسەرنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى ھەبىبۇللا ھەمدۇللا ئۇنىڭ قانداق قىلىپ باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ كىچىك ئارتىسلىقىغا تاللانغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار كۆرسەتكەن»، دېدى.
قەشقەر شەھىرىدىكى «قەلب ساداسى» ئۇسسۇل سەنئىتى تەربىيەلەش مەركىزى «ھەبىبۇللا مۇئەللىمنىڭ چولپانلار سىنىپى»دىكى بالىلارنى ھەر يىلى تەتىلدە ئوقۇتقۇچىسى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئېلىپ بېرىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرىدۇ. سەپەر جەريانىدا بالىلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، ھەبىبۇللا دائىم ئۇلارنى باشلاپ پويىزدا، ئايروپورت، مەنزىرە رايونى دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇسسۇل ئوينىتىپ، داكا قىلدۇرۇپ خاتىرە قالدۇرىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن تورداشلار كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىپ، توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بالىلارنىڭ بۇ ئۇسسۇللىرى ئالقىشقا ئېرىشتى.
كەۋسەر ئانىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى
«باش ئىستانسا باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدىكى رېژىسسورلار گۇرۇپپىسى ئارتىس تاللىغاندا، توردىكى قىسقا سىننى كۆرۈپ، بالىلىرىمىزنى تاللاشقا قاتنىشىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى.» دېدى ھەبىبۇللا. ئويلىمىغان يەردىن رېژىسسورلار بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، مەردانە ئۇسسۇل قىياپىتى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالدى، كەۋسەر ۋە باشقا تۆت ئوغۇل بالا باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىشقا تاللاندى.
«ئۇنى ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن بالىكەنغۇ دېمەڭ، ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى.» دېدى كەۋسەرنىڭ ئاپىسى رازىيە ئابدۇراخمان.
رازىيە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا ئۇششاق تىجارەت قىلىدۇ، كەۋسەر كىچىكىدىن تارتىپلا ئاپىسىغا ئەگىشىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئويناپ چوڭ بولغان. شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ كۈنسېرى جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەممىلا يەردە مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان ۋە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىلى بولاتتى.
كەۋسەر ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى
«كەۋسەر باشقىلارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغىنىنى كۆرۈشكە بەك ئامراق، ئۇ يېقىن بېرىپ ئاستا دوراپ باقىدۇ»، دېدى رازىيە. مۇزىكا ياڭرىسىلا، كەۋسەر شۇ ھامان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئوماق ئۇسسۇل قىياپىتى ھەمىشە نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ «نامى»نى ئاڭلاپ، ھەر كۈنى ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى سىنغا ئېلىشقا كېلىدىغان ساياھەتچىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.
«بولۇپمۇ 2023- يىلى يازدا، كەۋسەر مەندىنمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھەر كۈنى مەنزىرە رايونىدا ئۇسسۇل ئوينىدى، يەنە توي مۇراسىملىرىدا ئۇسسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلىندى... ئىشقىلىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان يەرنىڭ بىرىمۇ چۈشۈپ قالمىدى. بىز ئۇنىڭ ئۇسسۇل ئويناشنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى كەسپىي ئۇسسۇل تەربىيەلەش مەكتىپىگە بەردۇق»، دېدى رازىيە.
رازىيە بالىسىنىڭ بىردىنلا بۇنداق چوڭ سەھنىگە چىقىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى، «باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، پۈتۈن دۇنيا ئۇنى كۆردى، بۇنىڭ راستلىقىغا ھازىرغىچە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ.»
كەۋسەر. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە فوتوسى
ھارپا كېچىسى، باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى سەھنىسىدە، كەۋسەرنىڭ ئويۇنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رازىيەنىڭ تېلېفونى سايراپ توختىمىدى، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى تېلېۋىزوردىن كەۋسەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلەندى.
«مەن ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن، بەك، بەك، بەك ياخشى كۆرىمەن. مۇزىكىنى ئاڭلىساملا، پۇت- قولۇمنى باشقۇرالماي، ئوينىغىم كېلىپ كېتىدۇ.» كەۋسەر مۇنداق دېدى: ئۇسسۇل ئوينايدىغانلا ئىش بولسا، مەيلى قايسى سەھنىدە بولسۇن، ئۆزەمنىڭ ئۇسسۇل قىياپىتىنى نامايەن قىلالىساملا، ناھايىتى خۇشال بولىمەن.
كەۋسەرنىڭ ئۇسسۇل دەرسىدە مەشىق قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. سۈرەتنى رازىيە ئابدۇراخمان تەمىنلىگەن
چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئارزۇسى توغرىلىق سورىغاندا، كەۋسەر مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى بولغۇم بار، ئوقۇتقۇچۇمغا ئوخشاش، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىمەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى باشلاپ بىللە ئۇسسۇل ئوينىسام دەيمەن».
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)