2- ئاينىڭ 10- كۈنى باھار بايرىمىنىڭ 1- كۈنى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شۆبە مەيدانىدىكى باھار بايرىمىلىق ئالاھىدە پىروگرامما «گۈزەللىك شىنجاڭدا» مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1- قانىلىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلدى، «قارا يورغا» ناملىق ئۇسسۇل ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى ئەكس ئەتتۈردى، رىتىمى گاھىدا يەڭگىل، شادىمان بولسا، گاھىدا جۇشقۇن، كۈچلۈك بولدى، بۇ، ئەمەلىيەتتە، يەنە شىنجاڭدىكى قىزغىن تۇرمۇشنىڭ جانلىق كارتىنىسى ئىدى.
قازاق مىللىتىدە «ناخشا بىلەن ئات قازاقلارنىڭ ئىككى قانىتى» دەيدىغان قەدىمىي تەمسىل بار. ئۇزاق مۇددەتلىك كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى ئاتنى قازاق مىللىتى چارۋىچىلىرىنىڭ ئايرىلماس ياخشى ھەمراھىغا ئايلاندۇرغان. قازاق مىللىتىدىن بولغان ھەر بىر چارۋىچى ناھايىتى ماھىر چەۋەنداز، شۇڭا ئات تەبىئىيلا ئۇلار مەدھىيە ئوقۇيدىغان ۋە ئۇسسۇللىرىدا ئىپادىلەيدىغان ئاساسىي تېمىسى بولۇپ قالغان. «قارا يورغا» دەل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەر.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)