جۇڭگو بانكىسىنىڭ سابىق باش مۇدىرى ليۇ ليەنگېنىڭ پارا ئېلىش، قانۇنغا خىلاپ قەرز پۇل تارقىتىش دېلوسىغا 1- سوتتا سوت ئېچىلدى
18:05:24 2024-04-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 2024- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1- سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، جۇڭگو بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىر ليۇ ليەنگېنىڭ پارا ئېلىش، قانۇنغا خىلاپ قەرز تارقىتىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى. 

 جىنەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 

 2010- يىلىدىن 2023- يىلىغىچە، جاۋابكار ليۇ ليەنگې جۇڭگو ئىمپورت- ئېكسپورت بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش مۇدىر، بانكا باشلىقى، جۇڭگو بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش مۇدىر، بانكا باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن قولايلىقلار ھەم خىزمەت ھوقۇقى، ئورۇنغا ئىگە بولغان قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ قەرز پۇل ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تۈر ھەمكارلىقى، كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەندە، قانۇنسىز سوراپ ئالغان، باشقىلاردىن قوبۇل قىلغان مال- مۈلۈكنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 121 مىليون يۈەندىن ئاشقان. 

 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2020- يىلىنىڭ بېشىغىچە، ليۇ ليەنگې جۇڭگو ئىمپورت- ئېكسپورت بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش مۇدىر، بانكا باشلىقى ۋە جۇڭگو بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر بولغان مەزگىلدە، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل تارقىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىسى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارغا جەمئىي 3 مىليارد 320 مىليون يۈەن قەرز پۇل تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، 190 مىليون يۈەندىن ئارتۇق دىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان. 

 تەپتىش ئورگىنى پارا ئېلىش جىنايىتى، قانۇنغا خىلاپ قەرز تارقىتىش جىنايىتى بىلەن ليۇ ليەنگېنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە سۇندى. 

 سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار دەلىل- ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار ليۇ ليەنگې ھەم ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسىغا دەلىل- ئىسپاتلارنى يۈزلەشتۈردى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، ليۇ ليەنگې ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە  پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 

 سوت ئاخىرىدا، سوت كوللېگىيىسى سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، باشقا ۋاقىتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 

 خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاخبارات مۇخبىرلىرى ھەم ھەر ساھە ئامما بولۇپ 20دىن ئارتۇق كىشى سوتقا سىرتتىن قاتناشتى. 

 (مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى شى دەننى، جاڭ سەي) 

 پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125