خەتەرلىك!
ئۇدا بەش كۈن كىرپىك قاقماي يان تېلېفون ئوينىغان
«90- يىللاردا تۇغۇلغان» يىگىتنىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قوزغىلىپ قالدى
دوختۇرلار كېچىلەپ جىددىي قۇتقۇزۇپ
بىر جاننى قۇتقۇزۇۋالدى ...
ئۇدا بەش كۈن سەھەر سائەت 2دىن ئاشقىچە يان تېلېفون ئوينىغان
27 ياشلىق يىگىتنىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قوزغالغان
لىشۇي تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شياۋلى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەركىن كەسىپكار ئىكەن. ئۇنىڭ ئادەتتە ئىشلەش ۋە دەم ئېلىش ۋاقتى ناھايىتىمۇ قالايمىقان ئىكەن، كېچىچە يان تېلېفون ئويناپ، ھەر كۈنى ناھايىتى ۋاقلىق ئۇخلايدىكەن. ئادەتتە ئانچە ھەرىكەت قىلمايدىكەن، يەنە سىرتتىن تاماق بۇيرۇتۇپ يېيىشنى، سۈتچاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن، ھەتتا سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ئالغان قاننىڭ رەڭگى سۈت رەڭگىدە كۆرۈنگەن.
يېقىندا، ئۇ يان تېلېفوندىكى بىر ئويۇنغا مەپتۇن بولۇپ قېلىپ، ئۇدا بەش كۈن سەھەر سائەت 2دىن ئاشقىچە ئويناپ، ئاندىن ئۇخلىغان.
ئالتىنچى كۈنى كەچ سائەت 9دىن ئاشقاندا، ئۇ بىر نەچچە دوستى بىلەن ماجاڭ ئويناۋاتقاندا، تۇيۇقسىز كۆكرىكىنىڭ چىدىغۇسىز ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلغان، شۇنداقلا سەل نەپىسى يېتىشمەي قالغان. ناھايىتى تېزلا، قاتتىق ئاغرىقتىن قارا تەرگە چۆمۈلۈپ، پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلانغان. ئۇنىڭ دوستى ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال «120» جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون بەرگەن، ئۇ لىشۇي شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان.
جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ دوختۇرى شياۋلىنى شىنديەنتۇدا تەكشۈرگەن، نەتىجىدە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرگەنلىكى ئايان بولغان.
جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى تاجسىمان ئارتېرىيە توسۇلۇپ قېلىپ، قاننىڭ ئېقىشى توختاپ قېلىپ، قىسمەن يۈرەك مۇسكۇلىغا ئېغىر دەرىجىدە ئۇزاق مۇددەتلىك قان يېتىشمەسلىكتىن قىسمەن توقۇلمىلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شياۋلىنى جىددىي داۋالاپ، تاجىسىمان تومۇرنى زاۋيىڭ قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئوڭ تاجسىمان ئارتېرىيەسىنىڭ پۈتۈنلەي توسۇلغانلىقى، ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى بايقالغان.
«جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، كىلىنىكىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ». لىشۇي شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇر ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مېي يىبىن مۇنداق دېدى: يۈرەك مۇسكۇلى توقۇلمىلىرى ئۆلسە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، قۇتقۇزۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ كېسەللىك ئاسارىتى قېلىپ، يۈرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئاغرىقلىرى قانچە بالدۇر قۇتقۇزۇپ داۋالىتىلسا شۇنچە ياخشى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساغلام يۈرەك مۇسكۇلى ھۈجەيرىلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ.
دوختۇر شياۋلىنى كېچىلەپ قۇتقۇزغان. ئوپېراتسىيە جەريانىدا، دوختۇر توسۇلۇپ قالغان ئورۇندىن چوڭ بىر پارچە قىزىل قان نوكچىسىنى تارتىپ چىقارغان، ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر تىرەك سالغان. جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، شياۋلىنىڭ كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. بىر نەچچە كۈن كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن، ئاغرىقنىڭ كېسىلى ياخشىلىنىپ، يېقىندا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.
جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىدا ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىش كۆرۈلدى
تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋىتى بار
مېي يىبىن مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوختۇرخانىمىزغا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇى تىقىلمىسى بىلەن «قەدەم تەشرىپ قىلغان» ياشلار تېخىمۇ كۆپەيمەكتە. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ياشلىشىشى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مېي يىبىن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى ياخشى قىلىش تەكلىپىنى بەردى:
تۇرمۇشتا قانۇنىيەتلىك بولۇش، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇش، ھەر كۈنى كېچىدە سەككىز سائەت يېتەرلىك ئۇخلاش، كېچىچە خىزمەت قىلىشتىن، روھىي جىددىيلىكتىن ساقلىنىش؛
قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛
تۇز ۋە ماي تەركىبى تۆۋەن، مايسىز يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىش، ۋاقتىدا غىزالىنىش، يېمەك- ئىچمەك ۋاقتى تەرتىپلىك بولۇش؛
تاماكا تاشلاش، ھاراققا چەك قويۇش، تاماكا چېكىشنىڭ تاجسىمان ئارتېرىيە قېتىش بىلەن روشەن مۇناسىۋىتى بار، كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: «خەلق گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)