ئۈرۈمچى شەھىرى «بىر ئايدا بىر زەنجىر» بويىچە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇردى  
17:35:09 2024-04-25 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئۈرۈمچى شەھىرى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى بۇ يىللىق 2- مەيدان كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن «بىر ئايدا بىر زەنجىر» بويىچە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۈرۈمچىدىكى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كارخانىلىرى بىلەن پۇل مۇئامىلە بايلىقلىرىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

 مۇخبىرنىڭ 4- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى بۇ يىل كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن «بىر ئايدا بىر زەنجىر» بويىچە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرىكمە كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، كەسپىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كەسىپ ۋە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئېكولوگىيەسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچى سانائەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدىكەن.

 بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى مەيدان كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار «بىر ئايدا بىر زەنجىر» بويىچە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە سەككىز كارخانا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىغان. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ كەيشېڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى (چەكلىك شىركىتى) ھازىر مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتلىرى بىلەن 60 مىليون يۈەنلىك پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش توختامى ئىمزالاش ئۈستىدە كېڭىشىۋېتىپتۇ، شىنجاڭ جاۋرۇڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى جابدۇق ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتى بانكىنىڭ 21 مىليون 390 مىڭ يۈەنلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن، شىنجاڭ جىنچېڭ كابېل ياسىمىلىق چەكلىك شىركىتى بانكىنىڭ 13 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)نىڭ باشلىقى لى خۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (شەھەرلىك چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى) تارماقلار ماسلىشىش، سىياسەت جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر ئايدا بىر زەنجىر» بويىچە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كاپىتال، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا توپلىنىشقا يېتەكلەيدۇ.

 ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كىچىك گېگانت كارخانىغىچە بولغان پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، دىققەتنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىش، كەسىپلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىشقا مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىشىغا، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىلى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125