ئەسكەرتىش! تۇرپان يارغول قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ تاقىلىش ۋاقتى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى
17:55:31 2024-04-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى تۇرپان نۆل ئارىلىق ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يولنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن، يارغول قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنى ئېچىۋېتىش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلىدىكەن.

 4- ئاينىڭ 24- كۈنى، تۇرپان توڭيى ساياھەت 1- چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئېلان قىلغان يارغول قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ تاقىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: يارغول قەدىمىي شەھىرى رايونىدىكى يادىكارلىق ئورنى رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش يولىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقتىن، مەنزىرە رايونىنى ئېچىش شارائىتى ھازىرلانمىدى، شۇڭا، مەنزىرە رايونىنىڭ تاقىلىش ۋاقتى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى.

2023- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى، ساياھەتچىلەر تۇرپان شەھىرىگە جايلاشقان يارغول قەدىمىي شەھىرىدە ساياھەت قىلماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

 تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر يارغول قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىكى C145 لىنىيەسىنىڭ يول يۈزىنى كېڭەيتىش ۋە قاراماي يېيىتىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋېتىپتۇ. C145 لىنىيەسىنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغان بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5.01 كىلومېتىر بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملاش مۆلچەرلەنمەكتە. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، يول يۈزى 9.5 مېتىردىن 13.5 مېتىرغا كېڭەيتىلىپ، يول يۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلىدۇ.

4- ئاينىڭ 22- كۈنى، يارغول قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىكى C145 لىنىيەسىدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان بۆلەكتە قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى تەرتىپلىك قۇرۇلۇش قىلماقتا. سۈرەتنى تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن

 يېقىندا، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ساياھەت يوللىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى، بۇ قۇرۇلۇشلار يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى، يارغول قەدىمىي شەھىرى ۋە ئايدىڭكۆل مەنزىرە رايونى قاتارلىق نۇرغۇن ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا چېتىلىدۇ، ئۆزگەرتىلىدىغان ئومۇمىي مۇساپە تەخمىنەن 27.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، شۇ چاغدا ساياھەتچىلەر ۋە ئاممىنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك سەپەرگە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125