خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كەسپىي كېسىلى بار دەپ دىياگنوز قويۇلسا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالامدۇ؟
17:51:16 2024-04-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كەسپىي كېسىلى بار دەپ دىياگنوز قويۇلسا، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئالالامدۇ؟

 «ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ <ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى>نى ئىجرا قىلىشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى پىكرى» (ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تارقاتقان [2013] 34- نومۇرلۇق)دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىلگىرى كەسپىي كېسەل خەۋپى بار مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانغان، ئەينى ۋاقىتتا كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى بايقالمىغان، خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كەسپىي كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلۇپ ياكى باھالىنىپ تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولغان خادىملار كەسپىي كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلغان، باھالانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەمۇرىي تارماقلىرى قوبۇل قىلىشى كېرەك: 

 (1) پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندىن كېيىن، قايتا كەسپىي كېسەل خەۋپى بار مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانمىغان پېنسىيەگە چىققان خادىملار؛ (2) ئەمگەك ياكى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ياكى شۇ كىشى ئەمگەك ياكى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامىنى بىكار قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، قايتا كەسپىي كېسەل خەۋپى بار مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانمىغان خادىملار.

 ئىشتا يارىلانغانلىقىنى بېكىتىش ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئارقىلىق، ئالدىنقى ماددىنىڭ (1) تۈرىدىكى خادىملاردىن بىر قېتىملىق مېيىپلىك ياردەم پۇلى ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرىگە يۇقىرى ئۆلچەمنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپى بويىچە شۇ كىشى پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇنقى 12 ئايلىق ئوتتۇرىچە ئايلىق ھەق تاپشۇرغان مائاشى ياكى كەسپىي كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى 12 ئايلىق ئوتتۇرىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئاساسىي سان قىلىنىپ ھېسابلاپ تارقىتىلىدۇ. ئالدىدىكى ماددىنىڭ (2) تۈرىدىكى خادىملار ئىچىدىكى 1- دەرىجىلىكتىن 10- دەرىجىلىككىچە مېيىپ دەپ باھالانغانلاردىن «نىزام»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، شۇ كىشىنىڭ مائاشى ئاساسىي سان قىلىنىپ ئالاقىدار تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىرىغا شۇ كىشىنىڭ ئەمگەك، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغان ياكى بىكار قىلغاندىن بۇرۇنقى 12 ئايلىق ئوتتۇرىچە ھەق تاپشۇرغان مائاشى بويىچە ھېسابلاپ تارقىتىلىدۇ. 

 يۇقىرىقى ئىشتا يارىلانغان دەپ بېكىتىلگەن كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان خادىملارغا كەسپىي كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىق ئىسپاتنامىسى (ياكى كەسپىي كېسەل دەپ دىياگنوز قويۇلغان باھانامە)دە ئېنىق بولغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەگەر بۇ خىزمەتچى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلدە قانۇن بويىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تاپشۇرغان بولسا، «نىزام»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى بېرىدۇ؛ قانۇن بويىچە بۇ خىزمەتچى ئۈچۈن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تاپشۇرمىغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن «نىزام»دا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تۈر ۋە ئۆلچەم بويىچە تەمىنات بېرىدۇ. 

 پايدىلانغان مەنبە: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125