ئانار بۇلۇت خەۋىرى بېيجىڭ ۋاقتى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 23تىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي ساقچى كۇلۇبى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2024- يىللىق ئاسىيا ياشلار يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو شىنجاڭدىن كەلگەن ئەلشىر ئۆمەر مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ئەرلەرنىڭ 400 مېتىر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولدى.
ئەلشىر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى تەنتەربىيە مەشىق 1- چوڭ ئەترىتىدە مەشىق قىلماقتا. ماتېرىيال سۈرەت
كەسپىي مەشىق بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئىككى يىل بولمىغان ئەلشىر يەنە بىر ئايدىن كېيىن 18 ياشقا كىرىدۇ، ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۇغما تالانتى بار. ئىلمىي مەشىق قىلىش ۋە تىرىشچان- تەلەپچان بولۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ نەتىجىسى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەلشىر ئىككى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئەرلەرنىڭ 400 مېتىر قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تۈرىدە مەملىكەت بويىچە زال ئىچى رېكورتىنى يېڭىلاپ، «جۇڭگو يېنىك ئاتلېتىكا ساھەسىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى يېڭى چولپان» دېگەن نامغا ئېرىشتى، ھەر ساھە ئۇنىڭغا زور ئۈمىد باغلىدى. دۇبەيدىكى مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە دۆلەت ئىچىدە ئىككى مەيدان مەملىكەتلىك يېنىك ئاتلېتىكا مۇكاپاتلاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)