ئەتىگەندە ماي قاچىلىسا تېخىمۇ پۇل تېجىگىلى بولامدۇ؟ رەنيوۋباۋ يىغىلىپ قالغان كاربوننى تازىلىۋېتەلەمدۇ؟ تۇرمۇشتىكى «ماي قاچىلاش»قا ئائىت خاتا قاراشلارنى چۈشىنىپ باقايلى (3)
13:02:45 2024-04-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 پىتنە- ئىغۋا: «رەنيوۋباۋ» قوشقاندا ماي سەرپىياتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ

 ھەقىقىي ئەھۋال: ھەقىقىي رولى مۇبالىغە قىلىنغان، ۋاقتىدا ئاسراش تېخىمۇ مۇھىم

 «موتورىڭىزغا كاربون يىغىلىپ قاپتۇ، بىر بوتۇلكا رەنيوۋباۋ قۇيۇۋېتەيلىمۇ؟» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىسى ماي قاچىلاش پونكىتىغا ماي قاچىلىغىلى بارغاندا، خىزمەتچى خادىملار كۆيۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان، يىغىلىپ قالغان كاربوننى تازىلايدىغان يېقىلغۇ ماي خۇرۇچى − رەنيوۋباۋنى قىزغىنلىق بىلەن تونۇشتۇرىدىغان بولۇپ قالدى.

 بۇ نەرسە كىچىك بوتۇلكىغا قاچىلانغان بولسىمۇ، لېكىن باھاسى ئەرزان ئەمەس، ئادەتتە ئالتە بوتۇلكىلىق بىر گۇرۇپپىسىنىڭ سېتىلىش باھاسى 200 يۈەن ئەتراپىدا، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى. يەنە بەزى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى قوشقاندىن كېيىن ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، «ئالدىنىپ قالغان ئوخشايمىز»، دېيىشتى.

 جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى پەن- تېخنىكا تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسور دەرىجىلىك ئالىي ئىنژېنېرى گو چۈن مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە بازاردا ئىككى خىل رەنيوۋباۋ بار، بىر خىلى «ئوكتان قىممىتىنى تەڭشەپ، موتورنىڭ ئىسسىقلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھەيدەش تەسىراتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ»، دېيىلىدۇ، بۇنداق رەنيوۋباۋنى بىر قىسىم كونا تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن باشقا، ئادەتتە ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارغا ئىشلەتكەندە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بولمايدۇ.

 يەنە بىر خىل رەنيوۋباۋ موتورغا يىغىلىپ قالغان كاربوننى تازىلاش سۇيۇقلۇقى بولۇپ، موتورنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يىغىلىپ قالغان كاربوننى ئاجرىتىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كۆيگەندىن كېيىن چىقىرىپ تاشلايدۇ، بۇ، يىغىلىپ قالغان كاربوننى ئېرىتىپ تازىلاشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

 «دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇنداق خۇرۇچنىڭ يىغىلىپ قالغان كاربوننى زادى قانچىلىك تازىلىيالايدىغانلىقى توغرىسىدا نۆۋەتتە ئىلىم- پەن ساھەسىدە توغرا باھالاش سانلىق قىممىتى بولمىغاچقا، ھەقىقىي ئۈنۈمىگە باھا بەرگىلى بولمايدۇ». گو چۈن مۇنداق بىلدۈردى: يەنە بىر تەرەپتىن، رەنيوۋباۋ بېنزىنغا ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پەقەت بېنزىن يېتىپ بارالايدىغان ئورۇندىلا تازىلاش ئۈنۈمى ھاسىل بولىدۇ، بېنزىن يېتىپ بارالمايدىغان ئورۇندا نەزەرىيە جەھەتتىن تازىلاش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت بولمايدۇ، مەسىلەن، گاز تەڭشەش كىلاپانى، بىۋاسىتە پۈركۈلىدىغان موتورنىڭ گاز كىرىش كىلاپانىنىڭ ئارقا تەرىپىدە كاربون يىغىلىپ قالىدۇ.

 شۇڭا رەنيوۋباۋنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمى مۇبالىغە قىلىنغان بولۇپ، ئېلاندا ياكى ماي قاچىلىغۇچى دېگەندەك «قالتىس» ئەمەس.

 ئىستېمالچىلار مەھسۇلات تاللىغاندا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك، يىغىلىپ قالغان كاربوننى يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى يەنىلا ۋاقتىدا 4S دۇكىنى ياكى مۇنتىزىم ئاپتوموبىل رېمونت دۇكىنىغا بېرىپ ئاپتوموبىلنى ئاسراشتىن ئىبارەت، ئاسراش ئىشچىلىرى كەسپىي ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق خېرىدارلارغا تازىلاپ بېرىدۇ، بۇ، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قاراتمىلىقى تېخىمۇ ياخشى.

 (داۋامى بار)

 پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125