بىۋاسىتە كۆرسىتىش رىياسەتچىسى مال سېتىپ بولغاندىن كېيىن يوقاپ كەتتى
12:38:09 2024-04-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ سوت مەھكىمىسى بىرلىشىپ بۇ دېلونى بېجىردى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جىڭ)

 يېقىندا، ئالتاي شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بېيتۇن خەلق سوتى بىڭتۇەن 10- شى بېيتۇن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىشىپ دېلو بېجىرىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي ماجىرا دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇرەسسە قىلدى.

 2022- يىلى 5- ئايدىن 7- ئايغىچە، ۋاڭ لى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ۋاڭ دەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بىلەن ئاغزاكى كېلىشىم تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ قاشتېشى مەھسۇلاتلىرىنى ۋاڭ دەننىڭ بىۋاستە كۆرسىتىش ئۆيىدە سېتىپ، ئېرىشكەن پايدىنى پۈتۈشكەن نىسبەت بويىچە بۆلۈشىدىغان بولدى. ۋاڭ دەن بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە مال تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، راسچوت قىلىش ۋە چىقىم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئىزچىل ئادا قىلمىدى. 2023- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى، ۋاڭ دەن ۋاڭ لىغا قەرز ھۆججىتى چىقىرىپ بەردى، ھۆججەتتە ۋاڭ دەننىڭ ۋاڭ لىغا جەمئىي 20 مىڭ 797 يۈەن قەرز ئىكەنلىكى ئېنىق يېزىلغان. ۋاڭ لى قەرزنى قايتۇرۇشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ۋاڭ دەن پەقەت 3000 يۈەنلا قايتۇرۇپ، قالغان 17 مىڭ 797 يۈەننى ئىزچىل قايتۇرمىدى. كېيىن، ۋاڭ دەن ۋاڭ لىنىڭ تېلېفون نومۇرى، ۋېيشىنىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈۋەتتى، ئۇنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى. شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ لى ئامالسىزلىقتىن بېيتۇن خەلق سوتىنى ئىزدىدى.

 «سوتچى، ئەمدى قانداق قىلىمەن؟» دېدى ۋاڭ لى ئۇھسىنىپ. ئۇ پەقەت ۋاڭ دەننىڭ ئىسمى ھەم بىۋاستە كۆرسىتىش ئۆيىنىڭ ئادرېسىنىلا بىلەتتى، باشقا سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى ئېنىق بىلمەيتتى.

 بېيتۇن خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى دەرھال ئادەم باشلاپ بېيتۇن شەھىرىدىكى مەلۇم ئاھالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەكشۈرگەندە، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىنى ۋاڭ دەننىڭ ئىجارىگە ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاللىقاچان بۇ يەردىن ئايرىلغانلىقىنى بايقىدى.

 بېيتۇن شەھىرى بېيتۇن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولغاچقا، سوتچى 1- ۋاقىتتا بېيتۇن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋاڭ دەننىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ياردەملىشىشىنى ئۈمىد قىلدى. بېيتۇن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ جايدىكى ساقچىخانىغا ۋاڭ دەننىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق بىر مۇھىم يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇۋالدى: ۋاڭ دەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش نومۇرىنى دائىم ئالماشتۇرىدىكەن، تەۋەلىكتىكى بىر ئاھالە ۋاڭ دەننىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرگەندە، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، ۋاڭ دەن ئۆزىنىڭ تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى چىقتىم بازىرىدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

 بۇ مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، سوتچى دەرھال ئاپتوموبىل ھەيدەپ پىچان ناھىيەسىنىڭ چىقتىم بازىرىغا يېتىپ باردى ھەم بېيتۇن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ۋاڭ دەننىڭ تەپسىلىي ئادرېسىغا ئېرىشتى. 

 ئاخىرىدا، سوتچى بىر ئاھالىلەر بىناسىدىن ۋاڭ دەننى تاپتى.

 ۋاڭ لى سوتچىنىڭ ۋاڭ دەننى تاپقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال پويىزغا ئولتۇرۇپ پىچان ناھىيەسىگە باردى، سوتچى ئىككى تەرەپنى مۇرەسسە قىلىشقا تەشكىللىدى. مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ۋاڭ لى بىلەن ۋاڭ دەن مۇددەتكە بۆلۈپ قەرز قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش توغرىسىدا مۇرەسسە كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125