ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى قاناس مەنزىرە رايونى گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا 4- ئاينىڭ 25- كۈنى «قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ قاتناشقا چەك قويۇش ۋاقتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلىندى، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ھاۋارايى ۋە يول يۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ.
قاناس مەنزىرە رايونىدىكى تاشيول (ماتېرىيال سۈرەت).
كونكرېت يول بۆلەكلىرى مۇنداق:
2024- يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 2024- يىلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە ھەر كۈنى سائەت 20دىن ئەتىسى سائەت 8گىچە، S232 لىنىيەسىنىڭ 32 كىلومېتىردىن 72 كىلومېتىرغىچە (جيادېڭيۈدىن قاناس گۇڭئەن تەكشۈرۈش پونكىتىغىچە)، X852 لىنىيەسىنىڭ نۆل كىلومېتىردىن 49.8 كىلومېتىرغىچە (قۇمقاناس كەنتىدىن قۇم ئاچا يول ئېغىزىغىچە) بولغان يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ، ھەر كۈنى سائەت 16دىن ئەتىسى سائەت 8گىچە قاناس كەنتىدىن جيادېڭيۈگىچە بولغان يول بۆلىكىدە قوش يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ. قاناس قاتناش ساقچىلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: كەڭ قاتناش قاتناشقۇچىلىرى قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ يول يۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، سەپەرگە چىقىش پىلانىنى ئالدىن ياخشى تۈزۈپ، سەپەرگە چىقىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)