ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي (مۇخبىر رېن چۇنشياڭ) يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئامبۇلاتورىيەدە ئۆزئارا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى، 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شىنجاڭدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدىكى بىر قېتىملىق كېسەل كۆرسىتىش خىراجىتىنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىش سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1300 يۈەن بولىدۇ.
4- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئىتتىپاق يولى كوچا باشقارمىسى كونسۇل كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىدە، خىزمەتچى خادىم (سولدىن 1- كىشى) كەسىپ بېجىرگىلى كەلگەن مەھەللە ئاھالىلىرىگە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىياسىتىنى تونۇشتۇرماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن چۇنشياڭ فوتوسى
«يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەلگە دىياگنوز قويدۇرۇش، داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆرۈلگەن سىياسەت دائىرىسىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ بىر قېتىمدا بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى، ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ يىللىق چەك سوممىسى ئىچىدە بىر تۇتاش غەملىمە فوندتىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ.
1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى بىر قېتىملىق ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى سوممىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 300 يۈەن، 800 يۈەن، 1300 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ؛ يىللىق ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى پىرىنسىپ جەھەتتە 4000 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تەمىنات كاپالىتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خەن خۇڭسەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يولغا قويۇش چارىسى»دە ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە بىر قېتىم داۋالانغان خىراجىتىنى ئەڭ يۇقىرى چىقىم قىلىش چېكى، يەنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىشتىكى ئەڭ يۇقىرى سوممىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1- ،2- ، 3- دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرسەتكەندە، بىر قېتىمدا ئەڭ يۇقىرى ئاتچوت قىلىش سوممىسى 300 يۈەن، 800 يۈەن، 1300 يۈەن بولىدۇ، بىر يىل ئىچىدە ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە ئەڭ كۆپ بولغاندا جەمئىي 4000 يۈەن ئاتچوت قىلىنىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)