دۇنيا بويىچە تۇنجى! شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا سىچۇەنلىك قاپلىق قۇرت كېسىلى ئاغرىقىنىڭ مۇرەككەپ ئوپېراتسىيەسىنى قىلدى
15:50:40 2024-04-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 4- ئاينىڭ 26- كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: يېقىندا، بۇ دوختۇرخانا ھەزىم قىلىش قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزى جىگەر- ئۆت قاپلىق قۇرت كېسىلى تاشقى كېسەللىكلەر كوللېكتىپى دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ پۈۋەكچە تىپىدىكى قاپلىق قۇرت كېسىلىگە قارىتا تەندىن ئايرىپ جىگەرنى كېسىپ ئېلىۋېتىش، ئۆز تېنىدىن جىگەر كۆچۈرۈش + ئاشقازان ئاستى بېزى ئون ئىككى بارماق ئۈچەينى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىنى تاماملىدى. ھازىر ئاغرىقنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللەر تېببىي مەركىزى ۋە جىگەر- ئۆت قاپلىق قۇرت كېسىلى تاشقى كېسەللەر كوللېكتىپىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، گېڭ شىننىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولۇپ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. سۈرەتنى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا بىلەن تەمىنلىگەن

 سىچۇەنلىك گېڭ شىن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قورسىقى ئۇزاقتىن ئاغرىغاچقا، بۇ يىل 2- ئايدا شۇ جايدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالاندى، ئاخىرىدا ئاخىرقى ئۇچ مەزگىلىدىكى كۆپ ئەزا پۈۋەكچە تىپىدىكى قاپلىق قۇرت كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلدى. كېسەللىك ئوچىقىنىڭ ھۇجۇمى كەڭ بولغاچقا، ئوپېراتسىيە خەتىرى يۇقىرى، قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. گېڭ شىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كۆپ تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈش، مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس قاپلىق قۇرت كېسىلىنى داۋالاش جەھەتتە مول كىلىنىكىلىق تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، شىنجاڭغا بېرىپ داۋالىنىشنى قارار قىلدى.

 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، گېڭ شىن شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ جىگەر- ئۆت قاپلىق قۇرت كېسىلى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە كىرىپ ياتتى. مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جىگىرىدىكى كېسەللىك ئوچىقى قورساق بوشلۇقىدىكى چوڭ قان تومۇرلارغا تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ باش قىسمىغا كېڭەيگەن، دەپ قارىدى. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى يەنىمۇ تەرەققىي قىلسا، ئۇنىڭ ھاياتىغا ئېغىر تەھدىت سالاتتى. گېڭ شىننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، جىگەر- ئۆت قاپلىق قۇرت كېسىلى تاشقى بۆلۈمى كۆپ قېتىم مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى تاشقى بۆلۈمى، تېببىي تەسۋىر بۆلۈمى، ناركوز بۆلۈمى ۋە ئېغىر كېسەللىكلەر بۆلۈمى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، كۆپ خىل پەنلەر بويىچە كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى.

 «ئاغرىقنىڭ جىگەر پۈۋەكچە تىپىدىكى قاپلىق قۇرت كېسىلىنىڭ تەسىر قىلىش دائىرىسى بەك كەڭ بولۇپ، بەدەندە كېسىپ ئېلىۋېتىش قىيىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاسانلا چوڭ قاناش كۆرۈلىدۇ. بەدەندە كېسىپ ئېلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، پاكىز كېسىپ ئېلىۋەتكىلى بولمايدۇ». شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى تۇرغانئېلى مۇنداق تونۇشتۇردى: يىلتىزىدىن ئەڭ چوڭ دەرىجىدە داۋالاش خاراكتېرلىك كېسىپ ئېلىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دوختۇرخانىدىكى كۆپ پەن مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى تەندىن ئايرىپ جىگەرنى كېسىپ ئېلىۋېتىش، ئۆز تېنىدىكى جىگەرنى كۆچۈرۈشكە ئاشقازان ئاستى بېزى ئون ئىككى بارماق ئۈچەينى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

 3- ئاينىڭ 21- كۈنى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا ھەزىم قىلىش قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر مەركىزى جىگەر- ئۆت قاپلىق قۇرت كېسىلى تاشقى كېسەللىكلەر كوللېكتىپى زىچ ھەمكارلىشىپ، ئالدى بىلەن گېڭ شىننىڭ قورساق بوشلۇقىدىكى غايەت زور قاپلىق قۇرت كېسەللىك ئوچىقى ھەمدە كېسەللىك ئوچىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى بېشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ئەزالارنى بەدەن سىرتىغا تولۇق چىقاردى، ئارقىدىن تەندىن ئايرىلغان ھالەتتە جىگەر كېسەللىك ئوچىقىنى كېسىپ ئېلىۋەتتى. ئاندىن قان تومۇرلارنى تولۇقلاپ، گېڭ شىننىڭ ئېشىپ قالغان جىگىرىنى قايتىدىن تېنىگە كۆچۈردى. 16 سائەتتە ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى.

 «تەندىن ئايرىپ جىگەرنى كېسىپ ئېلىۋېتىش، ئۆز تېنىدىن جىگەر كۆچۈرۈش ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى ئون ئىككى بارماق ئۈچەينى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيە تېخنىكىسىدىكى تاغ چوققىسى بولۇپ، ئىككى خىل ئوپېراتسىيەنى بىرلىكتە قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئېشىپ كەتتى». تۇرغانئەلى مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىنىڭ بۇ قېتىم ئىجادىي ھالدا ئۇنى كۆپ ئەزانىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى پۈۋەكچە تىپلىق قاپلىق قۇرت كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىشى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىملىق ئىش، بۇ، شىنجاڭنىڭ مۇرەككەپ قاپلىق قۇرت كېسىلىنى داۋالاش ساھەسىدە يەنە بىر قېتىم زور بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا پەقەت ئامېرىكا كولومبىيە داشۆ كۆچۈرۈش مەركىزىلا جىگەر يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسى ھەم ماي ئۆسمىسى كېسىلى قاتارلىق بۇ تۈردىكى ئوپېراتسىيەدىن سەككىزنى قىلدى. شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ بۇ قېتىم ئىجادىي ھالدا ئۇنى كۆپ ئەزانىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى پۈۋەكچە تىپلىق قاپلىق قۇرت كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىشى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125