جۇڭگو ئالتۇن جەمئىيىتى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى مۇنداق سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى
2024- يىلى بىرىنچى پەسىلدە
دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى خام ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى 85.959 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.16 ئاشتى
ئالتۇن باھاسى كۈچلۈك ئۆرلەش ئارقا كۆرۈنۈشىدە
ئالتۇن كان كارخانىلىرىنىڭ گېئولوگىيەلىك چارلاشنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسى كۈچەيگەنلىكتىن
ئالتۇن مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى
ئالتۇن ئىستېمال مىقدارى 308.905 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.94 ئاشتى
بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتۇن زىبۇ- زىننەت ئىستېمالى 183.922 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.00 تۆۋەنلىدى
زىخچە ئالتۇن ھەم تىللا ئىستېمالى 106.323 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.77 ئاشتى
سانائەت ھەم باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇن ئىستېمالى 18.660 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.09 ئاشتى
ئالتۇن باھاسى يۇقىرى بولغانلىقتىن ئالتۇن زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى ئىستېمالى ئاز- تولا تەسىرگە ئۇچرىدى
لېكىن ئۆرلىگەن باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان زىخچە ئالتۇن ھەم تىللا ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈردى
مۇخبىر: رېن جۈن
مۇھەررىر: مياۋ شياياڭ، پېڭ خۇڭ
لايىھەلىگۈچى: پەن يىجىڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۆلەت ئىچى خەۋەرلەر بۆلۈمى ئىشلىگەن
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)