مۇرەسسە نەق مەيدانى. سۈرەتنى ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ رۇ تەمىنلىگەن
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى لى شۈچۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ رۇ
ئائىلە ئىناق بولسا ئىشلار روناق تاپىدۇ، ئۇرۇق- تۇغقانلار ئارىسىدا قەرز ماجىراسى تۈپەيلىدىن ئارازلىق پەيدا بولغاندا، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشىش كېرەك. 4- ئاينىڭ 17- كۈنى غۇلجا ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى گۈلبالان ۋاڭداسېن بىر قېتىملىق قەرز ماجىراسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇرەسسە قىلدى، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ ئارازلىقنى تۈگىتىپ، قايتىدىن يارىشىپ قالدى.
ئا * بىلەن ي * ئۇرۇق- تۇغقانلاردىن بولۇپ، 2023- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى، ي * مەبلەغ ئوبوروتى قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئا *تىن 10 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، 2024- يىلى 1- ئايدىن بۇرۇن قەرزنى قايتۇرۇشنى ئاغزاكى پۈتۈشكەن. قەرز مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ي * پۈتۈشكىنى بويىچە قەرزنى قايتۇرمىغان، ئا * ي *نى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. دېلو قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، دېلو بېجىرگۈچى سوتچى بۇ دېلونىڭ پاكىتىنىڭ ئېنىق بولۇپ، مۇرەسسە قىلىش ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقاپ، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنى چاقىرتىپ كېلىپ مۇرەسسە قىلدى.
«ئۇ باشقىلارغا مېنى پۇلنى بەرمىدى، سوتقا ئەرز قىلىمەن، دەپتۇ، ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەرگۈم كەلمىدى، ئۇ ئەرز قىلسا قىلسۇن». مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا، ي * تۇغقىنىنىڭ ئەرز قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئاچچىقى كەلگەنلىكتىن قەرز ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سوتچى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قانۇن نەزەرىيەسى، ھېسسىيات جەھەتتىن مۇرەسسە قىلدى. ئاخىرىدا دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ قول ئېلىشىپ ئەپلىشىپ قالدى، ي * نەق مەيداندا ئا *كە بىر قېتىمدىلا 10 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق- تۇغقانلار ئارىسىدىكى قەرز ماجىراسى تولۇق ھەل قىلىندى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)