4- ئاينىڭ 24- كۈنى، «ئەخلاقنىڭ كۈچى» − ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ سەييارە لېكسىيە سۆزلەشنىڭ تۇنجى مەيدان لېكسىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچى غەيرەت قادىر لېكسىيە سۆزلىمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مۇ مىن خەۋىرى، فوتوسى)
4- ئاينىڭ 24- كۈنى «ئەخلاقنىڭ كۈچى» − ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدىكى تۇنجى مەيدان لېكسىيەسى ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيداندا ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى قاتارلىق ئىلغار تىپلار ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىش مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەرگە ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئەتراپىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى.
سۇغا چۈشۈپ كەتكەن شەھەر ئاھالىسىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغان خەلق ساقچىسى جۇ جۇڭخۇا، «مۈشۈكئېيىق تىپلىق قان»ىنى 30 نەچچە يىل ھەقسىز تەقدىم قىلغان غەيرەت قادىر، ھەرىكىتى ئارقىلىق تېببىي خادىملارنىڭ ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەن سېسترا ليۇ چۈنخۇا، ئون مېتىرلىق ئاپتوبۇسنى ئۆيى دەپ بىلىدىغان ئاممىۋى ئاپتوبۇس شوپۇرى گۇ شياڭفېڭ، قىيىن ئەھۋالدا قالغان بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن ئاممىۋى پاراۋانلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋاڭ يۇڭچياڭ قاتارلىق سەككىز نەمۇنىچى ئاددىي يېقىملىق تىل بىلەن مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىققا تولغان ھېكايىلەرنى بىر- بىرلەپ بايان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى 17 مەيدان «ئەخلاقنىڭ كۈچى» − ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىگە ھەر دەرىجىلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسىدىن 26سى قاتنىشىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لۈ يۆچەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئىككى ئاي داۋاملىشىدۇ، ئىلغار نەمۇنىچىلاردىن تەشكىللەنگەن «ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلار لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى» يەنە زاۋۇت، مەكتەپ، باغچە رايونى، مەھەللە، يېزا، ئورگان، كارخانىلارغا بارىدۇ. لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.