«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئەرەب تىل- يېزىقى نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلدى
19:58:11 2024-04-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 4- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ ئەرەب تىل- يېزىقى نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ھەر ساھە ۋەكىللەردىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

 مىسىرنىڭ سابىق زۇڭلىسى ئېسسام شاراف مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئېنىق سۈرەتلەپ بېرىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەجرىبىلىرىنى تولۇق ھەمبەھرىلىدى، بۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ دەل جايىدا چۈشىنىشىگە، جۇڭگودا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەتلەرنى ئىگىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئوبرازىنى نامايان قىلىپ بەردى.

 ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ياردەمچى باش كاتىپى ھۈسەيىن خانداۋى تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابقا جۇڭگونىڭ ئاددىي ھەم كىلاسسىك بولغان، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ھەم دائىم يېڭىلىنىپ تۇرغان دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۈلگە دېيىشكە بولىدۇ.

 ئەرەب نەشرىيات سودىگەرلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەت لىشاد مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنى ئوقۇش ئارقىلىق، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئوقۇرمەنلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي قارىشى، ئىدىيەۋى نەزەرىيەسى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چۈشىنىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى ھەم ئۇنىڭ مۇھىم قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدۇ.

 جۇڭگو چەت ئەل تىل- يېزىقى نەشرىيات- تارقىتىش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى دۇ جەنيۈەن تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب ئىزچىل دۇنيانىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشىدىكى «ئىدىيە كۆزنىكى» دەپ قارىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى چۈشىنىشىدىكى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىغا خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت قىممەت يۆنىلىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى نامايان قىلىندى؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى لوگىكىسى ئېچىپ بېرىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئۆرنەك بولدى، ئىلھام بېرىلدى.

 جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لياۋ لىچياڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتاب جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېشىپ بېرىدىغان كۆرسەتمە، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتكە خاس مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىشتىكى دەستۇر، جۇڭگو داھىيسىنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلىشتىكى كۆزنەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار دانا يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى جاكارلىدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنياغا بەخت يارىتىدۇ، دېگەن سەمىمىي ئارزۇنى ئىپادىلىدى.

 تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى جۇڭگو چەت ئەل تىل- يېزىقى نەشرىيات- تارقىتىش ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، چەت ئەل تىل- يېزىقى نەشرىياتى، جۇڭگو چەت ئەل تىل- يېزىقى نەشرىيات- تارقىتىش ئىدارىسىنىڭ غەربىي ياۋروپا ۋە ئافرىقا تارقىتىش مەركىزى («بۈگۈنكى جۇڭگو» ژۇرنال تەھرىراتى) ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، مىسىر ھېكمەت مەدەنىيەت كەسپى گۇرۇھى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن، مىسىر «نىزامنامە گېزىتى» تاراتقۇلار ھەمكارلىقىغا قاتناشقان.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125