4- ئاينىڭ 26- كۈنى سائەت 17دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، EU2970 نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ چۆچەك چيەنچۈەن ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قونۇشىغا ئەگىشىپ، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «چۆچەك- ئارال» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى ئۇچۇش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، بۇ، يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىدە يەنە بىر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «چۆچەك- ئارال» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇش ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.
بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ARJ21 -700 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى EU2971/70، سائەت 13:15تە چۆچەك چيەنچۈەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:15تە ئارال ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدۇ؛ سائەت 16:00دە ئارال ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 17:55تە چۆچەك چيەنچۈەن ئايرودۇرۇمىغا قايتىپ كېلىدۇ، ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە تۆت نۆۋەت قاتنايدۇ.
ھازىر چۆچەك چيەنچۈەن ئايرودۇرۇمىدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىدىن ئىبارەت تۆت ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتناۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى 14 شەھەرگە ئايروپىلان قاتنايدۇ، بۇ، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قاراماي، قومۇل، شىخەنزە، ئالتاي، ئاقسۇ، غۇلجا، ئارال قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى جەمئىي توققۇز شەھەر ھەمدە شىئەن، شېنياڭ، چېڭدۇ، فۇجوۋ، جېڭجوۋدىن ئىبارەت شىنجاڭ سىرتىدىكى جەمئىي بەش شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئارالدىن چۆچەككە بارىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى يولۇچىلار.
چۆچەك چيەنچۈەن ئايرودۇرۇمىدا ھاۋالىلىك توشۇشنى بېجىرىۋاتقان يولۇچىلار.
(تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جاڭ پېيچى، ۋاڭ ياجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ياۋ شىنلې)
پايدىلانغان مەنبە: تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)