ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 17 «كونا داڭلىق ماركا» كارخانىسى تىزىملىككە كىردى
4- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭدىكى 35 «كونا داڭلىق ماركا» كارخانىسىغا ۋىۋىسكا ئاستى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 17سى ئۈرۈمچىدە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت كونا داڭلىق ماركىلارنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى قاتارلىق تارماقلار «شىنجاڭدىكى كونا داڭلىق ماركىلارنى بېكىتىش، باشقۇرۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم مۇشۇ چارىگە ئاساسەن، تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭدىكى «كونا داڭلىق ماركا» كارخانىسىدىن 35نى بېكىتتى.
ئىستېمالچىلارغا تونۇشلۇق ۋۇۋۇزى پاقلان گۆشى، بەيخۇاسۈن، دوستلۇق گۇرۇھى، شىخو پىۋىسى، تىيانشان TIAN SHAN، ئېرداۋچياۋ، شياڭچۈەن يېمەك- ئىچمەكلىرى، 49 ۋەنزىتاڭ، جىنجۇ داپەنجىسى، سۇشى كالا گۆشى ئۈگرىسى، ۋۇجيا بەنمىفىنى، خودې ئۆردەك كاۋىپى، شىندۇ مېھمانسارىيى، شۈنپىڭ تائاملار سارىيى، ۋېيجىنشياۋ پاقلان گۆشى، يىتيەنياڭ، جىنپەيلىئېر قاتارلىق شىنجاڭدىكى «كونا داڭلىق ماركا» كارخانىلىرى تىزىملىككە كىردى.
شۇ كۈنى شىنجاڭ زەنجىرسىمان كەسىپلەر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى كونا داڭلىق ماركىلار كەسپىي كومىتېتى تەستىقلىنىپ قۇرۇلدى، بۇ «كونا داڭلىق ماركا» كارخانىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىپ، «كونا داڭلىق ماركا» كارخانىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شىنجاڭ ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت- ساياھەت گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى ياڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «ساياھەت قىلىش، سېتىۋېلىش، قاتناش، يېمەك- ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش، مەنزىرە»دىن ئىبارەت مەدەنىيەت + ساياھەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا، ئېرداۋچياۋ ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچى، تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
شىنجاڭ زەنجىرسىمان كەسىپلەر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېنكەي مۇنداق دېدى: سودىگەرلەر ئۇيۇشمىمىز ئۆزىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى «كونا داڭلىق ماركا» كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغان «تۈرتكۈچ»كە ئايلاندۇرۇپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «كونا داڭلىق ماركا» كارخانىلىرىنىڭ بىرلىشىپ بازار ئېچىشىغا كۈچ قوشۇپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كونا داڭلىق ماركىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، زورايتىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى ئاۋ يوۋتې مۇنداق دېدى: «كونا داڭلىق ماركا» كارخانىلىرى ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، مۇنەۋۋەر ھۈنەر- سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، بازارنى پائال ئېچىپ، داڭلىق ماركىلارنىڭ تەسىر كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ زورىيىشى ۋە كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋىرى)