ئىشلىتىش چەكلەنمەكچى بولغان توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلغان توكلىغۇچ قانداق نەرسە؟ مېنىڭكىنى يەنە ئىشلەتكىلى بولامدۇ
12:55:08 2024-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «زاۋۇت سەپلەپ بەرگەن توكلىغۇچنى ئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟» «ھازىر بار بولغان توكلۇق ۋېلسىپىت ۋە توكلىغۇچ شاللىۋېتىلەمدۇ؟» يېقىندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «توكلۇق ۋېلىسىپىتكە توكلىغۇچ ئىشلىتىش بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپى» مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ 1- نومۇرلۇق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھۆججىتى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)گە قارىتا ئاشكارا پىكىر توپلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ 1- نومۇرلۇق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھۆججىتىنى تۈزۈش چۈشەندۈرۈشىدە توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلغان توكلىغۇچنى ئىشلىتىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ھەم مەڭگۈلۈك بەلگىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، تورداشلارنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. ھازىرقى زامان تېز خەۋەرلەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، نۇرغۇن تورداش «توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلغان توكلىغۇچنى ئىشلىتىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى»نى خاتا چۈشىنىپ قالغان، توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلغان توكلىغۇچ ئەمەلىيەتتە توكلۇق ۋېلىسىپىت زاۋۇتتىن چىققاندا ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىغا توپلاشتۇرۇلغان توكلىغۇچنى كۆرسىتىدۇ، ھالبۇكى نۆۋەتتە بازاردىكى كۆپ ساندىكى توكلۇق ۋېلىسىپىتكە سىرتقا ئورنىتىلغان توكلىغۇچ ئارقىلىق توك قاچىلىنىدۇ.

 ئىشلىتىش چەكلەنمەكچى بولغان توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلغان توكلىغۇچ قانداق نەرسە؟

 4- ئاينىڭ 25- كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «توكلۇق ۋېلىسىپىتكە توك قاچىلىغۇچ ئىشلىتىش بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپى» مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ 1- نومۇرلۇق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھۆججىتى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)گە قارىتا ئاشكارا پىكىر توپلىدى.

 مۇخبىر شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدىكى «توك سوقۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوغداش تۈرى»دە، توكلۇق ۋېلىسىپىتكە توكلىغۇچ ئىشلىتىلىدىغان توكلىغۇچنى توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلىدىغان شەكىلدە لايىھەلەشكە، ياساشقا ۋە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداش توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلغان توكلىغۇچى زادى قانداق نەرسە؟ دەپ سوراشتى.

نۆۋەتتە شەھەر ئاھالىلىرى ئىشلىتىۋاتقان سىرتقا ئورنىتىلغان توكلىغۇچ.

 «بىز سېتىۋاتقان توكلۇق ۋېلىسىپىتكە توك قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان توكلىغۇچنىڭ ھەممىسى ئەنئەنىۋى سىرتقا ئورنىتىلغان توكلىغۇچ». نەنجىڭ چىنخۇەي رايونىدىكى بىر توكلۇق ۋېلسىپىت مەخسۇس سېتىش دۇكىنىنىڭ ئىگىسى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلغان توكلىغۇچ ئادەتتە زاۋۇتتىن چىققاندا بىۋاسىتە توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ ئىچكى قىسمىغا توپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سايمان ئىشلەتمەي تۇتۇپ ۋېلىسىپىت گەۋدىسىدىن ئاجرىتىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا، توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلغان توكلىغۇچ توكلىغۇچنى ۋېلىسىپىتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەلۇم بىر مۇقىم ئورۇنغا ئورنىتىپ، توك قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدىغان توكقا ئۇلىنىدىغان ھەم چاتقۇچى بار سىم چىقىرىلغان توكلىغۇچنى كۆرسىتىدۇ. «ھازىر نۇرغۇن كارخانا بۇنداق ۋېلىسىپىتنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، بىراق بازاردا ئانچە كۆرۈپ باقمىدۇق، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر ئەۋرىشكىنى كۆرگىلى بولىدۇ».

سېتىلىدىغان توكلۇق ۋېلىسىپىتلار.

 ئۇنداقتا توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلغان توكلىغۇچنى نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ؟ «توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ توكلىغۇچىنى GB42296 -2022 <توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئىشلىتىلىدىغان توكلىغۇچنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپى> بويىچە تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ، 2024- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان GB42295-2022 <توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ ئېلېكتىرىك بىخەتەرلىك تەلىپى>دە، ھۆججەت توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلىدىغان توكلىغۇچى بار توكلۇق ۋېلىسىپىتلەرگە تەتبىقلانمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، يەنى ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلىدىغان توكلىغۇچ ئورنىتىلغان توكلۇق ۋېلىسىپىتكە قارىتا GB42296نى ئىجرا قىلمىسىمۇ بولىدۇ». جياڭسۇ ئۆلكىلىك ۋېلسىپىت، توكلۇق ۋېلسىپىت جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچىسى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلىدىغان توكلىغۇچى بار توكلۇق ۋېلىسىپىتكە قارىتا تەكشۈرۈپ دەلىللەش ھالقىسىنى ئازايتىشقا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا تەننەرخنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كارخانىلار توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلىدىغان توكلىغۇچى بار توكلۇق ۋېلىسىپىتنى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتىدۇ. «لېكىن توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلىدىغان توكلىغۇچ توكلۇق ۋېلىسىپىتكە بىۋاسىتە 220V لۇق ئۆزگىرىشچان توك بېسىمى كىرگۈزىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا توك قېچىش، توك سوقۇۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ، ئىشلىتىش جەريانىدا ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىغا پايدىسىز بولۇپ، بىر قەدەر چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەر  ساقلىنىدۇ». خىزمەتچى خادىم بۇ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئورنىتىلىدىغان توكلىغۇچنى ئىشلىتىشنى نېمە ئۈچۈن چەكلىمەكچى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى، دەپ بىلدۈردى.

سېتىلىدىغان توكلۇق ۋېلىسىپىتلار.


 مەڭگۈلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق بەلگە تاختىسى، 13 خانىلىق كود قۇرۇلمىسى مەنبەدىن باشقۇرۇشقا تېخىمۇ قولايلىق

 مۇخبىر يەنە مۇنۇلارغا دىققەت قىلدى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئىشلىتىلىدىغان توكلىغۇچنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپى» مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ 1- نومۇرلۇق تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھۆججىتى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)دە، كود مەزمۇنىنى كۆپەيتىش، يەنى مەڭگۈلۈك بەلگە مەزمۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەكلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە توكلىغۇچنى كودلاشتۇرۇشتا 13 خانىلىق كود قۇرۇلمىسى قوللىنىلىدىغانلىقى، ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدىغانلىقى، سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بويىچە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ كودى توققۇز خانىلىق بولىدىغانلىقى، كارخانىنىڭ بىرلىككە كەلگەن جەمئىيەت ئىناۋەت ۋاكالەت نومۇرىنىڭ 9- خانىسىدىن 17- خانىسىغىچە بولغان ئاساسىي گەۋدە بەلگە كودى (تەشكىلىي ئاپپارات كودى) بىلەن ئىپادىلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى؛ ئىشلەپچىقىرىلغان يىل ۋاكالەت نومۇرى ئىككى خانىلىق بولۇپ، مىلادىيە يىلنامىسىنىڭ كېيىنكى ئىككى خانىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ تىپ ئۆلچىمى ۋاكالەت نومۇرى ئىككى خانىلىق بولۇپ، ھەر قايسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئۆز ئالدىغا تەقسىم قىلىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، كود مەڭگۈلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق بەلگە تاختىسىغا يېزىلىشى كېرەك. كود بەلگە تاختىسى (950 ± 10) سېلسىيە گىرادۇسلۇق قىزدۇرۇش ئوچىقىغا سېلىنىپ، مۇشۇ تەجرىبە تېمپېراتۇرىسىدا 0.5 سائەت ساقلاپ، ئاندىن كود بەلگە تاختىسى ئېلىپ، ھاۋادا تەبىئىي سوۋۇتۇلۇپ ئۆي تېمپېراتۇرىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ. سىناق قىلغاندىن كېيىن بەلگە ئۇچۇرى مۇكەممەل، ئېنىق بولۇشى كېرەك. نەنجىڭ شەھەرلىك توكلۇق ۋېلسىپىت كەسپى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ چۇنسۇڭ مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: توكلۇق ۋېلسىپىت توكلىغۇچىغا يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق مەڭگۈلۈك بەلگە قوشۇش توكلۇق ۋېلىسىپىتكە «كىملىك» بېجىرىپ بەرگەنلىك بولۇپ، توكلۇق ۋېلىسىپىتكە ئىشلىتىلىدىغان توكلىغۇچ ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، توكلىغۇچ ئۇچۇرىنى مەنبەدىن باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، شۇ ئارقىلىق توكلۇق ۋېلىسىپىت كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 بۇنىڭدىن باشقا، تۈزۈش چۈشەندۈرۈشىدە يەنە پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلىنىڭ ئالتە ئاي بولۇشى تەۋسىيە قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىندى. يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق مەڭگۈلۈك بەلگىنى كۆپەيتىش سەۋەبىدىن، كارخانىلارنىڭ لايىھەنى ياخشىلىشىغا، ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتىدىن يولغا قويۇش ۋاقتىغىچە بولغان ئۆتكۈنچى مەزگىلنى ئالتە ئاي قىلىپ بېكىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ ھۆججەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەۋسىيە قىلىندى.

 پايدىلانغان مەنبە: ھازىرقى زامان تېز خەۋەرلەر گېزىتى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125