4- ئاينىڭ 27- كۈنى، 2024- يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى مەزگىلىدە، 6G تورى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كۆپ تۈرلۈك 6G تورى ئالدىنقى قاتاردىكى پەن- تېخنىكىسى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋېتىپتۇ، 6G تېخنىكىسى 2030- يىلى سودىدا ئىشلىتىلىدىكەن.
6G تورىنى 5G تورىغا سېلىشتۇرغاندا قانداق ئىلگىرىلەشلەر بار؟ جۇڭگۇەنسۈن فەنليەن كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي قوللىنىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇاڭ يۈخۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 6G تورى 5Gتورىنىڭ يۇقىرى سۈرئەت، تۆۋەن ۋاقىت كېچىكىشى، يۇقىرى ئىشەنچلىك ۋە چوڭ ئۇلىنىش ئىقتىدارىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، سۈرئىتى 5G تورىنىڭ نەچچە ئون ھەسسىسىگە يېتىدۇ، تېرمىنال ئۇلىنىش سانىمۇ بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، 6G تورىغا يەنە ئالەم بوشلۇقى بىر گەۋدىلەشكەن، ئومۇمىي تۇيغۇ بىر گەۋدىلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشكەن ئۈچ يېڭى ماھارەت قوشۇلدى.
6G تورى دەۋرىدە، قۇرۇقلۇق كۆچمە خەۋەرلىشىشى بىلەن يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئوربىتىلىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئورگانىك بىرىكىشى ھەر قانداق ئادەمنى، ھەر قانداق ئورۇننى، ھەر قانداق ۋاقىتتا يەر شارىنى يوچۇقسىز قاپلاش ۋە ئېھتىياجغا قاراپ ئۇلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، قۇملۇق، دېڭىز- ئوكيان، ھاۋا بوشلۇقىغا ئوخشاش يەر يۈزى سىگنالى بىلەن قاپلاش ناھايىتى تەس بولغان جايلارنىمۇ 6G تورى قاپلىيالايدۇ.
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، 6G تورى بىلەن AI تېخنىكىسى ئۇچراشقاندا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جاڭ پىڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھېسابلاش ئۇسۇلى، ھېسابلاش ئىقتىدارى، سانلىق مەلۇمات جەھەتتە غايەت زور ئىلگىرىلىدى، 6G تورىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېشىش مىقدارى ھېسابلاش ئىقتىدارى جەھەتتە بولىدۇ. يېڭى بىر ئەۋلاد خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەستىن مېڭىپ، يادرولۇق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق شەكىللەندۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان سىستېما تەرەققىيات قۇرۇلمىسىنى ئورنىتىپ، كېيىنكى ئەۋلاد خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، يېشىل، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
خۇاڭ يۈخۇڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر بىر قىسىم ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئەسلىي ئەۋرىشكە ماشىنا تەتقىق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، كېلەر يىلىدىن باشلاپ 6G تورى ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىش ۋە بېكىتىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدىكەن، 2029- يىلى 6G تورى ئۆلچىمىنى بېكىتىش تاماملىنىدىكەن، 2030- يىلى ئەتراپىدا 6G تورى سودىدا ئىشلىتىلىدىكەن.
پايدىلانغان مەنبە: «بېيجىڭ گېزىتى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)