ئاممىنىڭ ئامانەت پۇلغا ۋارىسلىق قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىلىدۇ
15:19:28 2024-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن پۇلغا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزمىسىمۇ بولىدۇ

 مۇخبىرنىڭ پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاممىنىڭ ئامانەت پۇلغا ۋارىسلىق قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىقلار «ئۆلۈپ كەتكەن پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ ئاز سوممىلىق ئامانەت پۇلىنى چىقىرىشقا ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تۈزۈپ چىققان. 2021- يىلى، ئەسلىدىكى بانكىچىلىق- سۇغۇرتىچىلىقنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىقلار ئالاقىدار ھۆججەت چىقىرىپ، 1- رەتتىكى ۋارىسلار، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەسىيەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلار ياكى ۋەسىيەت بويىچە ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ 10 مىڭ يۈەن ئىچىدىكى ئامانەت پۇلىنى چىقىرىشتا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى تەلەپنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇشۇ ئاساستا، ئۆلۈپ كەتكەن پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ ئاز سوممىلىق ئامانەت پۇلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ چىقىرىدىغان ھېسابات چېكى بىر تۇتاش 50 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن، بۇ يىل 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

 رايون ۋە ئاپپارات پەرقىنى ئويلاشقاندا، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلار 2025- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بۇ تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇقتۇرۇشتا يىغىپ ساقلانغان ئالتۇن مەھسۇلاتلىرى ۋە زايوم، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرى ئاددىيلاشتۇرۇپ چىقىرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئالاقىدار سوممىسى 50 مىڭ يۈەنلىك ھېسابات چېكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئاز سوممىلىق ئامانەت پۇلنى چىقىرىش كەسپىدە دائىم كۆرۈلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ماتېرىياللار تولۇق بولماسلىق ياكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا، بانكىلارنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئالاقىدار تەلەپلەرنى بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇپ بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

 پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىسىدىكى مەسئۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رېئاللىقتا ۋارىسلارنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالدا ئۆلۈپ كەتكەن پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى كىرىم-چىقىم تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرۈشتەك مۇۋاپىق ئېھتىياجى مەۋجۇت ئىكەن. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بانكا 1- رەتتىكى ۋارىسلارنىڭ تەلىپى بويىچە، پۇل ئامانەت قويغۇچى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ۋە ئۆلۈپ كېتىشتىن ئىلگىرىكى ئالتە ئاي ئىچىدىكى ھېسابات كىرىم- چىقىم تەپسىلاتىنى تەمىنلىسە بولىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125