ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى
13:02:15 2024-04-28 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 خېمىر ھەيكەل ياساش، ياقۇت تىزما رەسىم، تالالىق بەدىئىي تېرە رەسىم... ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق، بوغما ھالەت ۋە قىيىنچىلىق بارمۇ- يوق... يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى، ئەزالاردىن تەركىب تاپقان كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» بويىچە دېموكراتىك نازارەت قىلىش ۋە كېڭىشىشنى قانات يايدۇردى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۈدۇڭ مەھەللىسىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى نەق مەيداندا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ياسىغان خېمىر ھەيكەل، ياقۇت تىزما رەسىم قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە چۈشەندى، ئىلگىرى بۇ مەھەللىگە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بويىچە خاس ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللىسى» دەپ نام بېرىلگەنىدى.

 ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)غا جايلاشقان يىپەك يولى ساپال ۋە فارفۇرچىلىق تېخنىكا سەنئىتى سارىيىدا بەيگىگە چۈشكەن ئاتلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ساپال تاختا، رەڭلىك ساپال لېيىدىن ياسالغان 12 مۇقامنى ئورۇنلاۋاتقانلارنىڭ ھەيكىلى، نەپىس فارفۇر لوڭقا قاتارلىقلار ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ليۇ يۈەننى جەلپ قىلدى.

 ساپال ۋە فارفۇرچىلىق تېخنىكىسى دۆلىتىمىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان 100دىن ئارتۇق ئەسەر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساپال ۋە فارفۇرچىلىق تېخنىكا سەنئىتى ئۇستازلىرى ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھۈنەر- سەنئەت ئۇستازلىرىنىڭ ئەسىرى بولۇپ، كۆپىنچىسىدە شىنجاڭ تېمىسى ئىجادىيەت ئامىلى قىلىنىپ، ساپال ۋە فارفۇرچىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىلغان.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ ساراي ساپال ۋە فارفۇرچىلىق تېخنىكا سەنئىتى كۆرگەزمە سارىيى ۋە تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش، ھېس قىلىش سارىيىدىن تەركىب تاپقانىكەن. ليۇ يۈەن مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئەنئەنىۋى ساپال ۋە فارفۇرچىلىق تېخنىكا ھۈنەر- سەنئىتى بولۇپلا قالماي، يەنە زامانىۋى پۇراققا ئىگە مۇھىت ئاسراش ماتېرىياللىرى بار ئىكەن، يەنە ساياھەتچىلەرنى ھېس قىلىش، ياساش، ئىجادىيەت قاتارلىق ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇ ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيەت.

 «مېنىڭچە، ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، <تۆتكە يۇغۇرۇلۇش> خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك». ليۇ يۈەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا يۇغۇرۇلۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مودىلاشتۇرۇپ ئىپادىلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى كۆرۈش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى؛ خەلق مائارىپىغا يۇغۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئالاقىدار دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بويىچە تەربىيەلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشنى؛ پۈتۈن رايون ساياھىتىگە يۇغۇرۇلۇپ، چوڭ- چوڭ مەدەنىيەت ساياھەت تۈرلىرىگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ئامىللىرىنى كىرگۈزۈپ، بىر تۈركۈم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى باش تېما قىلىنغان ساياھەت، تەتقىقات، ئۆگىنىش لىنىيەسى ۋە دېدۇكسىيە ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى؛ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە يۇغۇرۇلۇپ، بازار ئېھتىياجىنى نىشانلاپ، ئىجادىي لايىھەلەرنى كىرگۈزۈپ، مەنىۋى مەزمۇن، تاشقى ئوبراز، ئەمەلىي ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسپىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پۈتۈن بىر يىلدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىش تۈزۈمى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەت قىلىشنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يىغىن نازارەتچىلىكى، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى نازارەتچىلىكى قاتارلىق كۆپ خىل نازارەت قىلىش شەكىللىرىنى جانلىق قوللىنىپ، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنىڭ «نېمە ئىش قىلىش»تىن «ئۈنۈم ھاسىل قىلىش»قا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ توپلايدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جيا مېڭيەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125