داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلاندى، بۇ يىل «قايتا قاراپ چىقىش» تۇنجى قېتىم قانات يايدۇرۇلىدۇ
17:37:43 2024-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

4- ئاينىڭ 28- كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىشىپ «2024- يىللىق داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، داۋالىنىش كاپالىتى فوندىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشنى باشلىدى، 2024- يىلى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۇنجى قېتىم «قايتا قاراپ چىقىش» قانات يايدۇرۇلىدۇ.

2024- يىلى، دۆلەتنىڭ تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشىدە ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدىغان شەھەرلەرنىڭ دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتە، ھەر بىر ئۆلكىدە ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدىغان شەھەر سانى ئىلگىرىكى ھەر يىلى ھەربىر ئۆلكىدە بىردىن بولۇشتىن ھازىرقى ئىككىگە كۆپەيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئۆلكە مەركىزى چوقۇم تەكشۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتنىڭ تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشىدە ئاپپارات تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەربىر ئۆلكىدە بەلگىلىك ساندىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، پۇقراۋى بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈلىدۇ.

2024- يىلى، دۆلەتنىڭ تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشىدە تۇنجى قېتىم «قايتا قاراپ چىقىش» قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈلگەن بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى مەلۇم نىسبەت بويىچە تاللىنىپ «قايتا قاراپ چىقىلىدۇ». بۇ تەدبىردە، ئاساسلىقى، تەكشۈرۈپ بولغان ئاپپاراتلارنىڭ بىر نەچچە يىل ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈلمەيمىز، دەپ قاراپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش جەھەتتە بوشاڭلىق قىلىش ئىدىيەسىنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىپ، بېكىتىلگەن ئاپپاراتلارنىڭ ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، فوندنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق ئېڭىغا ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىغا يېتەكلەش قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان.

2024- يىلى، دۆلەتنىڭ تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشىدە 2022- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2023- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ۋە ئالاقىدار ئىچكى كونترول تۈزۈمى قۇرۇلۇشى، يولغا قويۇش قاتارلىق ئەھۋاللار نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللارغىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ياكى 2024- يىلىغىچە ئۇزارتىلىپ تەكشۈرۈلىدۇ.

بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا قارىتا، ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىناسى، ناركوز قىلىش، ئۆپكە ئۆسمىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى مەسىلىلەر نۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش قىلمىشلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئالدامچىلىق قىلىش، سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى مەسىلىلىرى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ يۈرەك قان تومۇر ئىچكى بۆلۈمى، سۆڭەك بۆلۈمى، قان تازىلاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تېببىي سۈرەت، كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالدىنقى يىللاردا نۇقتىلىق تەكشۈرۈلگەن ھەمدە ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئۆزى تۈزەتكەن ساھەلەردە، تەلەپ بويىچە ئۆزى تەكشۈرۈپ تۈزەتكەن- تۈزەتمىگەنلىكى  تەكشۈرۈلىدۇ؛ «قايتا قاراپ چىقىدىغان» بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا قارىتا، ئىلگىرىكى يىللىق تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى، تولۇق تۈزەتكەن- تۈزەتمىگەنلىكى؛ ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بارلىق لازىملىق دورا ماتېرىياللىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك مەركەزلىك سېتىۋېلىش سۇپىسىدىن  سېتىۋالغان- سېتىۋالمىغانلىقىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىدۇ؛ ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالانغان ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا قارىتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قانۇن- بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش قىلمىشىنىڭ بار- يوقلۇقى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ.

بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرىغا قارىتا، رېتسېپ ياكى خىراجەت تىزىملىكىنى يالغاندىن ياساش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپاتىنى قۇرۇق سۈركەش، ئوغرىلىقچە سۈركەش؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورىلىرىنى ھايىنىغا سېتىشقا قاتنىشىش؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنمايدىغان دورا ياكى باشقا تاۋارلارنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغان دورىغا ئالماشتۇرۇپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن راسچوت قىلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى  فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغان دورىلارنى «كىرگۈزۈش، سېتىش، ساقلاش» تالونى ۋە ھېساباتىنى يالغاندىن ياساش، ئۆزگەرتىش نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.

تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش − داۋالىنىش كاپالىتى مەمۇرىي تارمىقى تەشكىللەپ يولغا قويىدىغان، بېكىتىلگەن داۋالاش، دورا ئاپپاراتى قاتارلىقلارنى ئالدىن ئۇقتۇرمىغان ئەھۋالدا نەق مەيداندا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. 2019- يىلى دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورناتقاندىن بۇيان، بەش يىلدا  200 نەچچە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى (قېتىم)نى كەينى- كەينىدىن تەشكىللەپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتىدىن  500گە يېقىننى ئارىلاپ تەكشۈردى. ھەرقايسى ئۆلكىلەر ئۆلكە دەرىجىلىك تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئۆرنەك ئېلىپ بەس- بەستە بەرپا قىلدى، 2022- يىلىدىن بۇيان بەلگىلەنگەن داۋالاش، دورا ئاپپاراتىدىن 5000دىن ئارتۇقى ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى. ھازىر دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار جەمئىي 8 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ قايتۇرۇۋېلىندى.

پايدىلانغان مەنبە: بېيجىڭ گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى  

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125