يېزا ئۆيلۈك يېرىدىكى ئۆينى سېتىش- سېتىۋېلىشتا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك
16:50:05 2024-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شى خۇڭجيې

 تىپىك دېلو مىسالى

 A كەنتنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ x بۇ كەنت ئاھالە كومىتېتى، يېزا- بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. كېيىن ۋاڭ x ئا تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن شەھەر- بازار ئاھالىسى ب تەرەپ لى x بىلەن «ئۆي سېتىش- سېتىۋېلىش كېلىشىمى» ئىمزالىغان، ئىككى تەرەپ مۇنداق پۈتۈشكەن: ئا تەرەپ دېلوغا چېتىشلىق ئۆي ھەم ھويلىنى ب تەرەپكە سېتىپ بېرىدۇ، ب تەرەپ مەڭگۈ ئىشلىتىدۇ، ئا تەرەپ ب تەرەپكە پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ھۆججىتى يېزىپ بەرگەندىن كېيىن سودا تاماملاندى دەپ قارىلىدۇ. لى x يۇقىرىقى ئۆيگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆينى يېڭىلاپ كېڭەيتىپ سالغان ھەم يېڭىدىن سېلىنغان ئۆي ۋە يەرنى دېلو سىرتىدىكى ما xكە ئۆتۈنۈپ بەرگەن. كېيىن ۋاڭ x قانۇندا شەھەر نوپۇسىدىكىلەر يېزا ئۆيلۈك يېرىنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن، مەن سېتىش- سېتىۋېلىش توختامى تۈزگەندە قانۇننى بىلمەيتتىم، دېگەننى باھانە قىلىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى سانجى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان «ئۆي سېتىش- سېتىۋېلىش كېلىشىمى»نى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ھۆكۈم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

 ھۆكۈم نەتىجىسى

 بىرىنچى سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق ۋاڭ x بىلەن لى x ئىمزالىغان «ئۆي سېتىش- سېتىۋېلىش كېلىشىمى» ئىناۋەتسىز، دەپ قارىغان. لى x قايىل بولماي، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. 2- سوتتا قاراپ چىققۇچى سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق 1- سوتتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان پاكىت ئېنىق، قانۇننىڭ تەتبىقلىنىشى توغرا، لى xنىڭ نارازىلىق ئەرز تەلىپى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دەپ قاراپ، نارازىلىق ئەرزنى رەت قىلىپ، ئەسلىي ھۆكۈمنى كۈچكە ئىگە قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.

 سوتچىنىڭ چۈشەندۈرۈشى

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ 11- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرلىرىدىن قانۇن بويىچە كەنت دېھقانلىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىرىنى كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىشلىتىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ؛ كەنتتىكى ئىككىدىن ئارتۇق يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغانلىرىنى كەنتتىكى شۇ ھەرقايسى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ياكى كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى ئىشلىتىدۇ، باشقۇرىدۇ؛ يېزا (بازار)دىكى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولغانلىرىنى يېزا (بازار)دىكى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئىشلىتىدۇ، باشقۇرىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 153- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە ئەمەس. لېكىن، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەردىن شۇ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ- ئادەتلەرگە خىلاپ ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتى ئىناۋەتسىز». 362- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشى كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى قانۇن بويىچە ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە، شۇ يەرگە قانۇن بويىچە ئۆي ياكى قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى سېلىشقا ھوقۇقلۇق». 363- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش، ئۇنى يۈرگۈزۈش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە يەر باشقۇرۇش قانۇنىدىكى بەلگىلىمە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى تەتبىقلىنىدۇ».

 يېزا ئۆيلۈك يېرى يېزا ئاھالىسى تۇرالغۇ ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى سېلىشقا ئىشلىتىدىغان كوللېكتىپ قۇرۇلۇش يېرى بولۇپ، تۇرالغۇ ئۆي، قوشۇمچە ئۆي ۋە ھويلا- ئارام قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېزا ئۆيلۈك يېرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى دېھقانلارنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق بولۇپ، بەھرىمەن بولغۇچىنىڭ ئالاھىدە سالاھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولمىغانلارنىڭ سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئېرىشىش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئېرىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ. يېزا ئۆيلۈك يېرىدىكى ئۆينى ئۆيلۈك يەر تۇرۇشلۇق كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرگە سېتىپ بېرىش قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىگە خىلاپ، شۇڭا كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ئەزاسى بىلەن كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولمىغانلار ئىمزالىغان ئۆيلۈك يەرنى سېتىش- سېتىۋېلىش توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئەزاسى بولمىغان كىشى شۇ ئۆيلۈك يەردىكى ئۆي ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشمىگەن ئەھۋالدا، شۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن توختام تۈزۈپ سودىلاشقان نىشاندىكى نەرسە يەنىلا سودىلىشىش چەكلەنگەن نىشاندىكى نەرسە بولىدۇ، بۇ ئۆي سېتىش- سېتىۋېلىش توختامىمۇ كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125