قەلبنى ئىللىتقان دەملەر| بۇلۇتلار ئىچىدە ئۇخلىغان چۈشتىن كېيىن
17:04:00 2024-04-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

چيەن شياۋجۈەن

 نۇرغۇن يىلدىن كېيىن، ئىللىق مىنۇتلار تىلغا ئېلىنسا، بۇلۇتلار ئىچىدە ئۇخلىغان چۈشتىن كېيىننى ئەسلەيمەن.

 مەن بالىلىق چاغلىرىمدا مومام بىلەن بىر مەزگىل بىللە تۇرغان، غەربىي جېجياڭدىكى بىر كىچىك كەنتتە. كەنت ئېغىزىدا مىڭ يىللىق قەدىمىي كامفورا دەرىخى بار بولۇپ، كۆتىكى قېلىن ھەم توم ئىدى، قۇرامىغا يەتكەن ئىككى ئادەمنىڭمۇ ئۇنىڭغا قۇچىقى يەتمەيتتى، دەرەخ غولى ئېگىز بولۇپ، شاخلىرى ئۆينىڭ ئالدى- كەينىگە، كەنت يولىدىكى تىك دۆڭگە ئەركىن- ئازادە سوزۇلۇپ باراتتى. دەرەخ ئاسماننى توسۇپ سايە تاشلاپ تۇراتتى، خۇددى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن موگۇسىمان تۇمانغا ئوخشاش، مەڭگۈ يېرىم بوشلۇقتا كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. بالىلىق ئەسلىمەمدە، بۇ دەل چۆچەكلەردىكى ئاسمانغا تاقاشقان چوڭ دەرەخ بولۇپ، كېچىدە، گىگانت ئادەم دەرەخنى دەسسەپ ئاسماندىن چۈشىدىغاندەك بىلىنەتتى.

 مومامنىڭ ئۆيى قەدىمىي كامفورا دەرىخىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر تەرىپىدىكى شاخلار قوشنىسىنىڭ ھويلىسىدىن ئاسانلا ئۆتۈپ، كەڭ- كۇشادە يېيىلىپ كەلگەن ئىدى.

 مومامنىڭ ئۆيىدىكى تۆپىلىك ئاجايىپ بىر جاي بولۇپ، يەر شەكلى ئېگىزرەك، كۆرۈش دائىرىسى كەڭ ئىدى. مەن تۆپىلىكتە ئولتۇرۇپ يىراققا نەزەر سالاتتىم، يىراقتا چاي دەرىخى ۋە تاغلار بار ئىدى؛ تاغ ئېتىكىدە تۇتاش كەتكەن شاللىق ۋە كېسىپ ئۆتىدىغان ئېرىق بار ئىدى؛ يېقىن ئەتراپتا پۈتۈن كەنتنىڭ تۆپىلىكنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان مەيدانى بولۇپ، كىنو قويۇلاتتى، دانلار ئاپتاپقا سېلىناتتى، كىشىلەر پاراڭلىشاتتى، خۇشال- خۇرام، كۈلكە سادالىرى ياڭرايتتى؛ مەيداننىڭ چۆرىسىدە گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆيلەر ۋە ئۆيلەرنىڭ ئالدى- كەينىدە كۆكتاتلىقلار بار بولۇپ، تۇرمۇش پۇرىقى پۇراپ تۇراتتى. 

 ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ كۈز كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن بولۇپ، قۇياش نۇرى تۆپىلىككە چۈشۈپ تۇراتتى، مومام: «بىر مەزگىلدىن كېيىن ھاۋا سوۋۇپ كېتىدۇ، بۈگۈن ئاپتاپ ياخشىكەن، يوتقان تىكىدىغان ياخشى كۈنكەن» دېدى. مومام دان ئاپتاپقا سالىدىغان چوڭ بامبۇك سېلىنچىنى ئېلىپ چىقىپ، پاكىز سۈرتۈپ قۇرۇتقاندىن كېيىن تۆپىلىككە قويۇپ قويدى. ئۇزاق ئۆتمەي، چوڭ بامبۇك سېلىنچىدا خۇددى سېھىرگەرلىك قىلغاندەك نۇرغۇن نەرسە پەيدا بولدى: قايچا، پاختا يىپ، يوتقان يىڭنىسى، پاختا يوتقان، ئەستەرلىك ئاق رەخت، رەڭگارەڭ تاۋار يوتقان تېشى قاتارلىقلار...

 مومام ئالدى بىلەن پاكىز ئەستەرلىك ئاق رەختنى چوڭ بامبۇك سېلىنچىغا يايدى، ئاندىن يېقىندا پاختا ئاتىدىغان ئۇستامنى تەكلىپ قىلىپ يېڭىدىن ئاتقۇزغان پاختا يوتقاننى ئاق رەختنىڭ ئۈستىگە يايدى، ئەڭ ئاخىرىدا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن قىپقىزىل تاۋار يوتقان تېشىنى يايدى. ئەستەرلىك ئاق رەخت پاختا يوتقان بىلەن تاۋار يوتقان تېشىدىن بىر ئىلىك كەڭ چىقتى، مومام كەڭ چىققان قىسمىنى تارتىپ تەكشىلەپ، ئاندىن تۆت بۇرجىكىنى رەتلىك ھالدا ئۈستىگە ئۆرۈپ، قولى بىلەن ئەستايىدىل ھالدا بىر غېرىچ- بىر غېرىچتىن پۈكۈپ يوتقاننىڭ گىرۋىكىنى چىقاردى، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە يوتقان يىڭنىسى بىلەن يوتقان تېشى بىلەن ئەستەرلىك رەختنىڭ گىرۋىكىنى بىر يىپ بىر يىپتىن چېتىپ تىكتى. 

 بۇ جەرياننى كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ قالدىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا بىردىنبىر قېتىم قولدا يوتقان تىككەننى كۆرۈشۈم ئىدى، خۇددى بىر سەنئەت بۇيۇمىنى كۆرگەندەك بولدۇم. يان قوشنا موماي بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، دەرھال يوتقانلىرىنى ئېلىپ چىقىپ تىكىشكە باشلىدى. ئۇ مومام بىلەن بامبۇك سېلىنچىدا ئولتۇرۇپ، مۇڭداشقاچ ئىش قىلدى. مەن يېڭى تىكىلگەن يوتقاننىڭ ئۈستىدە يېتىپ، موماملارنىڭ كۈلكە- چاقچاقلىرىنى ئاڭلاپ، يىراقتىكى تۇرمۇشقا قارىدىم. 

 بۇ ھوسۇل يىغىش پەسلىدە، ئالتۇن رەڭلىك شاللار ئاساسەن ئورۇلۇپ بولغان ئىدى، تاغ باغرىدىكى شاللىقتا ئاندا- ساندا ئەمگەك قىلىۋاتقان ئادەملەر بار ئىدى، بەزىلىرى شال ئورۇۋاتاتتى، بەزىلىرى شال دېنىنى ئايرىۋاتاتتى، يەنە شاللىقتا پاقا تۇتۇپ ئويناۋاتقان بالىلارمۇ بار ئىدى. كەنتتىكى چوڭ مەيدان ئايرىم- ئايرىم دۆۋىلەنگەن شال دانلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى، يەنە بەزىلەر بىزگە ئوخشاش مەيدانغا بامبۇك سېلىنچىسىنى يېيىپ قىش كىرگەندە يېپىنىدىغان يوتقان تىكىۋاتاتتى. قۇياش نۇرى ئاستىدا، كۆز ئالدىمدىكى ھەممە نەرسە ئالتۇن رەڭلىك نۇر گەردىشىگە سىڭىپ كەتتى.

 دۈم يېتىپ ھېرىپ كېتىپ، مەن ئىسسىق پاختا يوتقاندا ئوڭدامغا ياتتىم، يېشىل رەڭلىك موگۇسىمان بۇلۇت ئاسماننىڭ سول تەرىپىدە، ئاق رەڭلىك موگۇسىمان بۇلۇت ئاسماننىڭ ئوڭ تەرىپىدە لەيلەپ تۇراتتى، مەن بۇ مامۇقتەك ئالتۇن رەڭ ئىچىدە ئۇخلاپ قالدىم، بۇلۇتلار ئىچىدە ئۇخلىدىم ...

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونى قۇرۇلۇش ۋە قاتناش كومىتېتى 

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125