مۇسابىقە مەزگىلىدە چېتىلىدىغان يوللاردا قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇلىدۇ
2024-يىللىق ئۈرۈمچى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 10دا شىنجاڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە باشلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا مۇسابىقىگە چېتىلىدىغان شۈيشىگۇ بازىرىغا بارىدىغان قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇلىدۇ، قاتناش ساقچى تارماقلىرى شەھەر ئاھالىلىرىگە سەپەرگە چىقىش لىنىيەسىنى ئالدىن تەڭشەش ۋە ياخشى پىلانلاشنى ئەسكەرتىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى 2024- يىللىق ئۈرۈمچى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىغا تولۇق ئېتىبار بېرىش ئاساسىدا، 5- ئاينىڭ 2- كۈنى سائەت 8:00دىن 9:30غىچە، ئالدى بىلەن نەق مەيداندا، ئاندىن ئەتراپتىكى يوللاردا قاتناشقا چەك قويۇش پىرىنسىپى بويىچە مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چېتىلىدىغان يول بۆلەكلىرىدە قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ، مۇسابىقە يولىدا مېڭىشقا بولىدىغان ئاپتوموبىل كىنىشكىسى بار ئاپتوموبىللار يول يۈرگەندىن سىرت، باشقا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ.
4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى چوڭ ئەترىتى شۈيشىگۇ ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ما سۈندې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى، شۈيشىگۇ بازىرىنىڭ نەنخې يولى، شىمالىي نەنشى يولى، جەنۇبىي نەنشى يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان جەنۇب- شىمال يۆنىلىشىدىكى يولنىڭ شەرقىدىكى رايونلار مۇسابىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، بۇ يولنىڭ غەربىدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسىدە قاتناشقا ۋاقىتلىق چەك قويۇلىدۇ.
5- ئاينىڭ 2- كۈنى شۈيشىگۇ بازىرىغا ساياھەتكە بارىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىش ئۇچۇرىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، سەپەرگە چىقىش پىلانىنى تەڭشەپ، سەپەرگە چىقىش لىنىيەسىنى ياخشى پىلانلىشى كېرەك؛ ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى ئەتراپتىكى يوللارنى راۋانلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ، مۇسابىقە بويىدىكى ھەر قايسى كېسىشمە يول ئېغىزلىرىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەر قاتناش ساقچىلىرى، خىزمەتچىلەر ۋە پىدائىيلارنىڭ نەق مەيدان خىزمىتىگە ماسلىشىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)