ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي) ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1- پەسىلدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە رويخەتكە ئېلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 49 مىڭدىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە رويخەتكە ئېلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 11 مىڭ 400 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %178.99 ئاشقان.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سەيبوتې ئاپتوموبىل شەھەرچىسىدىكى مەلۇم 4S دۇكىنىدا ئىستېمالچىلار يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تاللاپ سېتىۋالماقتا. چى نىڭ فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)