1- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئاممىۋى كەنت كېچىلىكى» خوتەن شۆبە مەيدانى ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيىتى خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى، خوتەن ۋىلايەتلىك چىپاۋ جەمئىيىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت سارىيى، تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى، بىڭتۇەن 14- شىسى مەدەنىيەت سارىيى ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىكى قىسمەن ناھىيە، شەھەرلىك مەدەنىيەت سارايلىرى ئەۋەتكەن مودا كىيىم ماھارىتى كۆرسىتىش «شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن بەش يۇلتۇز كۈيى»، چالغۇلاردا ئورۇنلانغان «يايلاققا مۇھەببەت»، جىڭجۈ تىياتىرى «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»، سېرىك ئويۇنى «دوپپا كۈچ ئۇلاش» قاتارلىق 13 نومۇر نۆۋەت بىلەن ئوينىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بىر مەيدان نادىر مەدەنىيەت زىياپىتى بېرىلدى.
خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرى نىيا كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئانارگۈل ئەلى مۇنداق دېدى: ھازىر ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئىشىك ئالدىدىلا مول ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى نومۇرلارنى بەك ياقتۇردۇم.
قەشقەرلىك ساياھەتچى تاڭ جياڭفېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىن كەلگەن ئارتىسلار ئېلىپ كەلگەن ھەر بىر نومۇر ناھايىتى ئېسىلكەن، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، نەق مەيدان كەيپىياتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى، مەن كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم. يېڭى بىر يىلدا كۆپچىلىكنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
(خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىن مۇخبىرلىرى يەن جاۋشيا، سەيراڭ دۇڭجۇ، رىزۋانگۈل خەۋىرى)