ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىش كېلىشىمى

  بىرىنچى، مۇلازىمەت ماددىلىرىنىڭ بېكىتىلىشى ۋە قوبۇل قىلىنىشى

  ئابۇنىچى رويخەتكە ئالدۇرۇش ياكى پىكىر بايان قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ نىزامنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ. رويخەتكە ئالدۇرغان ياكى پىكىر بايان قىلغان ھامان، بۇ نىزامنى قوبۇل قىلدى دەپ قارىلىدۇ؛ ئەگەر قوشۇلمىسىڭىز، رويخەتكە ئالدۇرماڭ ياكى پىكىر بايان قىلماڭ. سىز جەزمەن تۆۋەندىكى ماددىلارغا تولۇق قوشۇلغان شەرت ئاستىدا، ئاندىن ئەزالىققا رويخەتكە ئالدۇرۇش تەرتىپىنى ئېلىپ بارالايسىز، سىز پەقەت ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتتىن پايدىلىنالايسىز. رويخەتكە ئالدۇرغان ئابۇنىچىلار ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغاندا، جەزمەن بۇ مۇلازىمەت ماددىلىرىغا تولۇق، قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، مۇلازىمەت ماددىلىرىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى ۋە تۈزىتىلىشى

  ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ھەم مۇشۇ ئاساستا ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ئەزالار مۇلازىمەت ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ. ئابۇنىچىلار ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى بايان قىلىشتا بىردەك ئەڭ يېڭى مۇلازىمەت ماددىلىرى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ھەر ۋاقىت مۇلازىمەتكە تۈزىتىش كىرگۈزگەندە ياكى توختىتىپ قويغاندا، سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلماسلىق ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياكى توختىتىپ قويۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، سىزگە ياكى ئۈچىنچى تەرەپكە جاۋابكار بولمىسىمۇ بولىدۇ.

  ئۈچىنچى،  ئابۇنىچىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى

  ئابۇنىچىلارنىڭ ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈش ھوقۇقى بار.

  ئابۇنىچىلار ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدا ئېلىپ بارغان بارلىق پائالىيەتلىرىدە مەزكۇر تېرمىنال ھەم ئالاقىدار مۇنبەر باشقۇرۇش نىزامىغا رىئايە قىلىشى كېرەك، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشى كېرەك، ھەم پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك كېلىپ چىققان بارلىق قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ئابۇنىچىلار ئۆزىنىڭ ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىكى ھوقۇق-مەنپەئەتى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىدى دەپ قارىغاندا، ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ئەھۋال ئەرز-شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار.

  ئابۇنىچىلارنىڭ ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا تەنقىد قىلىش، پىكىر قىلىش، تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى بار، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىغا ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش ھوقۇقى بار.

  ئابۇنىچىلار تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، توردىكى قائىدە-يوسۇنلارغا دىققەت قىلىشى، مەدەنىي تورغا چىقىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر

  ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ ئەزالىرى سالاھىيىتىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندا، تاپشۇرغان ماتېرىياللار ھەقىقىي بولۇشى، كۈچكە ئىگە بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىش ياكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، ھەم ھېچقانداق تۆلەم بەرمەسلىك ۋە تاپشۇرغان ھەر قانداق ھەقلىق مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرماسلىق ھوقۇقى بار. ئەزالارنىڭ شەخسىي ماتېرىيالىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، رويخەتكە ئالدۇرغان شەخسىي ماتېرىيالىغا ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئەزالىق ھوقۇقىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلمەسلىك جاۋابكارلىقىنى ئەزالار ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ شۇ سەۋەبتىن ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى، ھەم ھەرقانداق تۆلەم تۆلىمەسلىك ياكى تاپشۇرغان ھەر قانداق ھەقلىق مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرماسلىق ھوقۇقى بار.

  ئەزالىق سالاھىيىتى مەزكۇر ئابۇنىچىنىڭ پايدىلىنىشى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، باشقا ئابۇنىچىنىڭ نامىغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

  ئەگەر ئەزالار بۇ مۇلازىمەت ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ مەزكۇر ئەزانىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش ھەم ھېچقانداق تۆلەم تۆلىمەسلىك، شۇنداقلا تاپشۇرغان ھەر قانداق ھەقلىق مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرماسلىق ھوقۇقى بار.

  ئەزالار مۇلازىمەت ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارىتا باشقىچە پىكرى بولسا، ئەزالىق سالاھىيىتىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ، لېكىن تاپشۇرغان ھەقلىق مۇلازىمەت ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ.

  ئەزالار جەزمەن دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە، ئابۇنىچىلار تېرمىنالىدىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

  بەشىنچى، ئەزالارنىڭ ھېسابات نومۇرى، مەخپىي نومۇرى

  ئەزالار ئۆزىنىڭ ئەزالىق نامى ۋە مەخپىي نومۇرىنى جەزمەن ياخشى ساقلىشى كېرەك، مەخپىي نومۇرنىڭ ئوغرىلىنىشى ياكى ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن كېلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەت ۋە زىياننى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئالىسىز، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ھەرگىز مەسئۇل بولمايدۇ.

  ئەزالار مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغانلىق ياكى ئوغرىلانغانلىق سەۋەبلىك ئانار بۇلۇت تېرمىنالىدىن مەخپىي نومۇرىنى سۈرۈشتۈرسە، جەزمەن توپتوغرا بولغان تىزىمغا ئالدۇرغان ئۇچۇرىنى تەمىنلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنىڭ ئەزالارنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش پىرىنسىپى بويىچە ئاشكارىلاپ بەرمەسلىك ھوقۇقى بار.

  ئەزالارنىڭ ئەزالىق نامى ۋە مەخپىي نومۇرىنى پەقەت ئەزالار ئۆزى ئىشلىتىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ھوقۇق بېرىشكە بولمايدۇ، ئەگەر ئوخشاش بىر ھېسابات نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا كۆپ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا تىزىملىتىپ ئىشلەتسە، ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنىڭ بۇ ھېسابات نومۇرىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقى بار ھەم ھەرقانداق تۆلەم تۆلىمەيدۇ ياكى ھەرقانداق ھەق ئېلىش مۇلازىمەت ھەققىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ.

  ئەزالارنىڭ ئەزالىق نامى ئىچىدە ھەرقانداق تەھدىت سېلىش، قورقۇتۇش، ھاقارەتلەش، چاكىنا، ھۆرمەتسىزلىك قىلىش، شەھۋانىي، شەرمەندىلىك، قانۇنسىز، ئەكسىيەتچىل، ئالدى ـ كەينى زىددىيەتلىك، ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك، زىيانكەشلىك قىلىش خاراكتېرلىك، پاراكەندىچىلىك سېلىش خاراكتېرلىك، تۆھمەت قىلىش خاراكتېرلىك، ھاقارەتلەش خاراكتېرلىك ياكى باشقىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىدىغان يېزىق بولسا بولمايدۇ.

  ئالتىنچى، ئەزالارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈزۈمى

  ئەزالارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي سىياسىتى، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ئەزالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىماسلىققا ياكى ئېلان قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇنداقلا ئەزالارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئۇچۇرىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتمەيدۇ.

  يەتتىنچى، كېپىللىك بېرىشنى رەت قىلىدۇ

  ئانار بۇلۇت تېرمىنالىدىكى بارلىق تور سۇپىسىنى ئىشلىتىشتە سىز خەتەرنى ئۆزىڭىز ئۈستىڭىزگە ئېلىشقا ئېنىق قوشۇلۇشىڭىز كېرەك. ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ئېنىق مۇنۇلارنى بىلدۈرىدۇ: ھەرقانداق تۈردىكى كېپىللىك بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، مەيلى ئېنىق ياكى يوشۇرۇن بولسۇن.

  ئانار بۇلۇت تېرمىنالى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنىڭ چوقۇم سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى قاندۇرالايدىغانلىقىغا كېپىللىك قىلمايدۇ، شۇنداقلا مۇلازىمەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كېپىللىك قىلمايدۇ، مۇلازىمەتنىڭ ۋاقىتچانلىقى، بىخەتەرلىكى، خاتالىق يۈز بەرسە كېپىللىك قىلمايدۇ. ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ھەرقانداق كېپىللىك بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىدۇ، جۈملىدىن ئۇچۇرنىڭ توغرا، ۋاقتىدا، ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلۈش ـ يەتكۈزۈلمەسلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  سىزنىڭ ھەرقانداق ئۇچۇر، ماتېرىيالنىڭ (چۈشۈرۈش ياكى مۇلازىمەت ئارقىلىق ئېرىشكەن) سىستېمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ياكى ماتېرىيالنىڭ يىتۈپ كېتىشىدىكى بارلىق خەۋپ ـ خەتەر ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆزىڭىزگە باغلىق ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئۈستىڭىزگە ئالىدىغانلىقىڭىزنى چۈشىنىشىڭىز ۋە قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. ئانار بۇلۇت تېرمىنالى سىزنىڭ ئەزالار مۇلازىمىتىدىن ئېرىشكەن ھەرقانداق ھەقسىز ۋە ھەق ئېلىش مۇلازىمىتى ياكى سودا مۇساپىسىگە كېپىل بولمايدۇ. سىز ئانار بۇلۇت تېرمىنالىدىن ئاغزاكى ياكى يازما پىكىر ياكى ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالالمايسىز، شۇنداقلا بۇ يەردە ئېنىق كېپىل بولمايدۇ.

  سەككىزىنچى، جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش ماددىسى

  ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ھەرقانداق بىۋاسىتە، ۋاسىتىلىك، تاسادىپىي، ئالاھىدە ھەم ئىككىلەمچى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان زىيان سېلىشقا قارىتا مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، تۆلەم تۆلىمەيدۇ. زىيان سېلىشنىڭ كېلىپ چىقىشى: تور كاشىلىسى؛ توردىن ناتوغرا چۈشۈرۈش، ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنىڭ مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئىشلىتىش؛ توردا تاۋار سېتىۋېلىش ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇلازىمەتلەر، توردا سودا قىلىش، مۇلازىمەتنى قانۇنسىز ئىشلىتىش قاتارلىقلاردىن بولىدۇ.

  ئەزالار ئانار بۇلۇت تېرمىنالى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئەگەر جىسمانىي ياكى مال-مۈلۈك جەھەتتە ھەرقانداق زىيانغا ئۇچرىسا، زىيان سېلىنسا ياكى زەخىملەنسە، مەيلى سەۋەبى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى بىردەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئابۇنىچىلار شەخسىي مەخپىي شىفىرىنى باشقىلارغا دەپ بەرسە ياكى رويخەتكە ئالدۇرغان ھېسابات نومۇرىدىن باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلەنسە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھەرقانداق شەخسنىڭ ماتېرىيالى ئاشكارىلىنىشقا قارىتا، مەزكۇر تېرمىنال ھەرقانداق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

  ئەزالار جەزمەن ئۆزىنىڭ ئانار بۇلۇت تېرمىنالى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتىكى بارلىق قىلمىشى، ھەرىكىتى(مەيلى قەستەن بولسۇن ياكى بولمىسۇن)گە قارىتا مەسئۇلىيەتنى پۈتۈنلەي ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ئابۇنىچىلار ئۆزىنىڭ ئانار بۇلۇت تېرمىنالىدا ئېلان قىلغان مەزمۇنلىرىغا تولۇق مەسئۇل بولۇشى كېرەك ھەم يوللىغان ئىسىم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، دائىمىي تۇرۇشلۇق ئادرېسى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق شەخسى ماتېرىياللىرىنىڭ ھەقىقىي، ئىشەنچلىك بولۇشى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى كېرەك.

  كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئۈسكۈنىسى(مۇلازىمىتېر) قېتىۋېلىش، تور كاشىلىسى، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى كاشىلىسى، يۇمشاق دېتالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبلىك مۇلازىمەت ئۈزۈلۈپ قالسا ۋە ئەزالارنىڭ شەخسى سانلىق مەلۇماتى ھەم ماتېرىيالى زىيانغا ئۇچرىسا، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، تولۇقلىما بەرمەيدۇ.

  ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەزكۇر تېرمىنالدىن شەخسلەرنىڭ ماتېرىيالىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغاندا، بىز قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ياكى ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى مەقسەت قىلىپ شەخسلەرنىڭ ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيمىز. بۇنداق ئەھۋالدا ھەرقانداق ئاشكارىلاشتا مەزكۇر تېرمىنالنىڭ جاۋابكارلىقى بىردەك كەچۈرۈم قىلىشقا ئېرىشىدۇ.

  ئابۇنىچىلار ھەق تۆلەپ مۇلازىمەتنى كۆپەيتىشنى بېكىتكەندىن كېيىن، مۇلازىمەت قىلىش مەزگىلىدە، مۇلازىمەت ئۈسكۈنىسى(مۇلازىمىتېر)نى رېمونت قىلغان، تەڭشىگەن، دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن ۋاقىتتا، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى مۇلازىمەت ئۈسكۈنىسىنى رېمونت قىلىش، تەڭشەش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتقا تولۇقلىما بەرمەيدۇ  ھەم ئىزاھلاش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدۇ.

  توققۇزىنچى،  مۇلازىمەتنى توختىتىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا

  قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان ئىشلار يۈز بېرىش سەۋەبلىك، مەسىلەن: ھۆكۈمەت ھەرىكىتى، يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەبتىن ئەزالارنى داۋاملىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ئامال بولمىغاندا، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى دەررۇ سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، لېكىن بۇ سەۋەبلىك سىزگە پەيدا قىلغان ھەرقانداق زىياننى ئۈستىگە ئالمايدۇ ياكى تاپشۇرغان ھەرقانداق مۇلازىمەت ھەققىڭىزنى قايتۇرمايدۇ.

  ئەگەر ئابۇنىچى مۇلازىمەت ماددىلىرىنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپلىق قىلسا، ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنىڭ ئابۇنىچىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش ھەم ئۇنى داۋاملىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش ھوقۇقى بولىدۇ.

  ئونىنچى، مۇلازىمەت مەزمۇنىنىڭ نەشر ھوقۇقى

  ئانار بۇلۇت تېرمىنالى تەمىنلىگەن ئەزالىق مۇلازىمەت مەزمۇنى(ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ: يېزىق، سۈرەت، شەكىل، تەسۋىر، دىياگرامما،  ئاۋاز، FLASH كارتون، سىن، ئاۋاز چاستوتىسى قاتارلىقلار)نىڭ نەشر ھوقۇقى بىردەك قوغدىلىدۇ: ئانار بۇلۇت تېرمىنالى نەشر ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ ياكى 3-تەرەپكە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ. ئابۇنىچىلار بۇ مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆپەيتسە، ئۆزگەرتسە ياكى مەزمۇنغا ئالاقىدار ھاسىلىي مەھسۇلاتلارنى ئىجاد قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھەرقانداق شەكىل بىلەن مەزكۇر تېرمىنالغا چىققۇچىلار ياكى بىۋاسىتە، ۋاسىتىلىك ھالدا مەزكۇر تور بېكىتىنىڭ ماتېرىيالىنى ئىشلەتكۈچىلەر مەزكۇر تېرمىنالنىڭ باياناتىدىكى چەكلىمىنى ئۆز رازىلىقى بىلەن قوبۇل قىلغان دەپ قارىلىدۇ. مەزكۇر باياناتقا چېتىلمىغان مەسىلىلەردە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن، نىزاملىرىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ، مەزكۇر بايانات دۆلەتنىڭ قانۇن، نىزاملىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاندا، دۆلەتنىڭ قانۇن، نىزاملىرى ئاساس قىلىنىدۇ. مەزكۇر باياناتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى، يېڭىلاش ھوقۇقى ھەم ئەڭ ئاخىرقى ئىزاھلاش ھوقۇقى بىردەك ئانار بۇلۇت سۇپىسىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ.

  بۇ نىزامنى تۈزۈشتىكى مەقسەت تېرمىنال سودا شەھەرچىسى بۆلىكىنىڭ تەرتىپىنى قوغداپ، ئابۇنىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ئىبارەت.

  بۇ نىزامنى تۈزۈشتە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇنى، قانۇن-نىزاملىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بۇ نىزام دۆلەت قانۇن، قانۇن-نىزاملىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاندا، دۆلەتنىڭ قانۇن، قانۇن-نىزاملىرىنى ئاساس قىلىش كېرەك.

  ئابۇنىچىلار بۇ نىزامنى قوبۇل قىلىشنى خالىسا، رويخەتكە ئالدۇرۇپ ئىشلىتىپ، سودا شەھەرچىسى بۆلىكىنىڭ نورمال ئابۇنىچىسى بولسا بولىدۇ.

  سۇپىدىكى تاۋارلار ھەم مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرى(شىركەت نامى، ئالاقىلەشكۈچى ھەم ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى، تاۋار ھەم مۇلازىمەت تەسۋىرى ۋە چۈشەندۈرۈشى ھەم ئالاقىدار سۈرەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ)نى سودىگەرلەر تەمىنلەيدۇ، سودىگەرلەر قانۇن بويىچە ئۆزى تەمىنلىگەن بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ پۈتۈن مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئانار بۇلۇت تېرمىنالى بۇ ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى، مۇكەممەللىكى، قانۇنلۇق بولۇشى، ھەقىقىيلىقىگە قارىتا ھەرقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.

  كېلىشىمنى ئادا قىلىش داۋامىدا، يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب ياكى B تەرەپتىن كۆرگىلى بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللار(ھوقۇقلۇق ئورگاننىڭ بۇيرۇقى، سودىگەرلەرنىڭ سەۋەنلىكى، سىستېما ياكى ئۈسكۈنىنىڭ كاشىلىسى، خەۋەرلىشىش كاشىلىسى، تور قىستاڭچىلىقى، توك تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ كاشىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن بۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ) سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان سۇپىنىڭ كاشىلىسى ھەم بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان مۇلازىمەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، ئاخىرلىشىشى، خاتالىق كۆرۈلۈش، ياكى A تەرەپ ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى، يوقاپ كېتىشى، ئوغرىلىنىشى ياكى ئۆزگەرتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىقلارغا قارىتا، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  ئابۇنىچىلار قانۇنغا ۋە بۇ كېلىشىمگە، كەسىپنى باشقۇرۇش قائىدىسىگە ھەم B تەرەپنىڭ ئالاقىدار سودا ئەسكەرتمىسىگە ئاساسەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، جەمئىيەت ئاممىۋى ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ياكى ئاممىۋى ئەخلاققا خىلاپلىق قىلماسلىقى، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان سالماسلىقى، بۇ بېكەتتىن پايدىلىنىپ پۇل يۇيۇش، سودا مەخپىيىتىنى ئوغرىلاپ ئېلىش، شەخسىي ئۇچۇرنى ئوغرىلاپ ئېلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك.

  سودىگەرلەر بىلەن سودىلىشىش داۋامىدا، جەزمەن سەمىمىي بولۇش، ئىناۋەتلىك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، تور سودىسىدىكى نورمال تەرتىپنى قالايمىقان قىلماسلىقى، تور سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانماسلىقى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ پايدا ئېلىش خاراكتېرلىك تىجارەت پائالىيىتىنى ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك.

  سىزنىڭ ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنىڭ سودا شەھەرچىسى بۆلىكىدە تاۋار ھەم / ياكى مۇلازىمەتنى كۆرۈپ چىقىش، ساقلىۋېلىش، سېتىۋېلىش ۋە باھا بېرىش، سودا ئىختىلاپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۇچۇر ئالاقىسى قىلىش مەسىلەن: سوئالغا جاۋاب بېرىش ھەم ھەمبەھرىلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ.

  سىز بىزنىڭ ئانار بۇلۇت تېرمىنالى سودا شەھەرچىسى بۆلىكىنى كۆرۈپ چىققىنىڭىزدا، بىز سىزنى ئۇچۇرنى تۈرگە ئايرىش، ئاچقۇچلۇق سۆز ئىزدەش، تاللاش، ساقلىۋېلىش ھەم نەزەر سېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيمىز، بۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا يېقىندىن تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىمىز.

  سىز ئانار بۇلۇت تېرمىنالى سودا شەھەرچىسى بۆلىكىدىن تاۋار ھەم / ياكى مۇلازىمەت سېتىۋالغان ۋاقتىڭىزدا، چوقۇم سېتىۋالىدىغان تاۋارنىڭ نامى، باھاسى، سانى، تىپى، ئۆلچىمى، رازمېرى ياكى مۇلازىمەتنىڭ ۋاقتى، مەزمۇنى، چەكلەش خاراكتېرلىك تەلىپى قاتارلىق مۇھىم ئىش تۈرلىرىنى تەپسىلىي مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ، شۇنداقلا زاكاز چۈشۈرگەندە ئالاقىلىشىش ئادرېسى، تېلېفون نومۇرى، مال تاپشۇرۇۋالغۇچى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈڭ. ئەگەر سىز تولدۇرۇپ يازغان مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۆزىڭىز بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ مال تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ قىلمىشى ۋە مەقسىتىنى بىلدۈرۈشىدىن كېلىپ چىققان قانۇنىي جاۋابكارلىقنىڭ ھەممىسىنى سىز ئۈستىگە ئالىسىز.

  سىزنىڭ سېتىۋېلىش قىلمىشىڭىز ھەقىقىي ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئاساس قىلغان بولۇشى، تاۋار ھەم / ياكى مۇلازىمەتكە قارىتا يامان غەرەزدە سېتىۋېلىش، يامان غەرەزدە ھوقۇقنى قوغداش قاتارلىق ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنىڭ نورمال سودا تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىدىغان قىلمىشلار بولماسلىقى كېرەك. ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنىڭ سودا تەرتىپى ھەم سودا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئېھتىياجى ئاساسىدا، بىز ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى بايقىساق، ئالاقىدار سودا زاكازىنى تاقىۋېتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجرا قىلىمىز.

  سىز ئانار بۇلۇت تېرمىنالى سودا شەھەرچىسى بۆلىكىدە سودىلىشىش جەريانىدا باشقا ئابۇنىچىلار بىلەن ئاراڭلاردا ئىختىلاپ كۆرۈلسە، سىز ياكى باشقا ھەر قانداق ئابۇنىچى تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تاللاشقا ھوقۇقلۇق:

  (1) ئىختىلاپ كۆرۈلگەن تەرەپ بىلەن ئۆز ئالدىغا كېلىشىش؛

  (2) ئانار بۇلۇت تېرمىنالى تەمىنلىگەن ئىختىلاپنى مۇرەسسە قىلىش مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش؛

  (3) ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ياكى باشقا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىدىن مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلىش؛

  (4) ئالاقىدار مەمۇرىي تارماققا ئەرز قىلىش؛

  (5) ئىختىلاپ كۆرۈلگەن تەرەپ بىلەن ھاسىل قىلغان كېسىم كېلىشىمى (ئەگەر بار بولسا)گە ئاساسەن كېسىم ئاپپاراتىنىڭ كېسىم قىلىشىغا سۇنۇش؛

  (6) خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىش.

  ئەگەر سىز ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنىڭ ئىختىلاپنى مۇرەسسە قىلىش بىلەن بىر تەرەپ قىلىش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ئابۇنىچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مۇستەقىل ئۈچىنچى تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى ئىگىلىگەن ئىختىلاپ ھەقىقىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەم  ئانار بۇلۇت تېرمىنالى قائىدىسى چىقارغان مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى (ئالاقىدار زاكازلارنىڭ سودا ھالىتىنى تەڭشەش، ئىختىلاپ كۆرۈلگەن پۇل سوممىسىنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمىنى بىر تەرەپ ياكى ھەر ئىككى تەرەپ تۆلەش ھۆكۈمى چىقىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاساس قىلىشنى ئېتىراپ قىلغانلىقىڭىز ھەم ئۇنى ئادا قىلىشقا قوشۇلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.

  ئەگەر سىز مۇرەسسە بىلەن بىر تەرەپ قىلىش قارارىغا رازى بولمىسىڭىز، سىزنىڭ يەنە باشقا ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلىش باشقا يولىنى تاللاپ ئىختىلاپنى ھەل قىلىش  ھوقۇقىڭىز بولىدۇ، لېكىن ئىختىلاپنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى باشقا يول ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى قارارغا ئېرىشىشتىن بۇرۇن، سىز داۋاملىق مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئالدى بىلەن ئىجرا قىلىشىڭىز كېرەك.

  ئانار بۇلۇت تېرمىنالى سىزنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىدى يەنى ئانار بۇلۇت مۇلازىمەت سۇپىسى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن ھەق ئېلىش كەسپىدىن سىرت، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى سىزنى تەمىنلىگەن مۇلازىمەت ھازىرچە ھەقسىز بولىدۇ. ئەگەر كەلگۈسىدە ئانار بۇلۇت تېرمىنالى سىزدىن مۇۋاپىق ھەق ئالماقچى بولسا، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى مۇۋاپىق يوللارنى قوللىنىپ ۋە يېتەرلىك مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە  سىزگە مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىپ، سىزنىڭ تولۇق تاللاش قىلىش ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىزگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئون بىرىنچى، قانۇننى تەتبىقلاش، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ۋە باشقىلار

  بۇ كېلىشىمنى تۈزۈش، كۈچكە ئىگە قىلىش، ئىزاھلاش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تولۇقلاش، ئاخىرلاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ۋە ئىختىلاپنى ھەل قىلىشقا بىردەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چوڭ قۇرۇقلۇق رايونىنىڭ قانۇنى تەتبىقلىنىدۇ؛ ئەگەر قانۇندا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بولمىسا، سودا ئادىتى ھەم كەسىپ ئادىتىدىن پايدىلىنىلىدۇ.

  سىز ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھەم ئانار بۇلۇت تېرمىنالىغا مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلارنى، بىز سىز بىلەن كېلىشىپ ھەل قىلىمىز. كېلىشەلمىگەندە، ھەر قانداق بىر تەرەپ بىردەك جاۋابكار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125