شەخسىي سىرنى ساقلاش سىياسىتى

  ئانار بۇلۇت (تۆۋەندە «بىز» دەپ ئېلىنىدۇ) ئابۇنىچىنىڭ («سىزنىڭ») شەخسىي ئۇچۇرى ۋە شەخسىي سىرنى ساقلاشنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىز شەخسىي ئۇچۇرنىڭ سىز ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلىمىز، ھەم قانۇن-نىزاملاردىكى تەلەپ ۋە كەسىپ ساھەسىدىكى پىشقان بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە، مۇناسىپ بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قوغدايمىز. بىز شەخسىي سىرنى ساقلاش سىياسىتى ئارقىلىق سىزگە مەھسۇلاتىمىزنى ئىشلەتكەندە، سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىمىزنى ھەمدە بۇ ئۇچۇرلارنى زىيارەت قىلىش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش ۋە قوغداشتىن ئىبارەت بىز سىزنى تەمىنلىگەن بۇ ئۇسۇللارنى ئېنىق تونۇشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  بۇ سىياسەتنىڭ سىزنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردىمى بار:

  1، بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق توپلايمىز ۋە ئىشلىتىمىز

  2، بىز Cookie ۋە ئوخشاش تۈردىكى تېخنىكىلارنى قانداق ئىشلىتىمىز

  3، بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزدىن قانداق ھەمبەھرىلىنىمىز، ئۆتۈنۈپ بېرىمىز، ئاشكارىلايمىز

  4، بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قانداق ساقلايمىز ۋە قوغدايمىز

  5، سىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق باشقۇرىسىز

  6، بۇ شەخسىي سىرنى ساقلاش ھوقۇقى سىياسىتى قانداق يېڭىلىنىدۇ

  7، ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتى SDKنى چۈشەندۈرۈش

  8، بىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىسىز

  ئالاھىدە ئەسكەرتمە سىز بىز تەمىنلىگەن تۈرلۈك مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، بۇ «شەخسىي سىرنى ساقلاش سىياسىتى»(مۇھىم مەزمۇنىنى بىز خەت نۇسخىسىنى توم قىلىپ سىزنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزغا سۇندۇق) نى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىڭ ۋە تولۇق چۈشىنىڭ ھەم مۇناسىپ كېلىدىغانلىرىنى تاللاڭ. مۇبادا سىز بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى ئىشلەتكەن ياكى داۋاملىق ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىزنىڭ بۇ شەخسىي سىرنى ساقلاش سىياسىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغانلىقىڭىزدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر بۇ شەخسىي سىرنى ساقلاش سىياسىتىگە نىسبەتەن ھەرقانداق گۇمانىڭىز بولسا، سىز بۇ شەخسىي سىرنى ساقلاش سىياسىتىدىكى «بىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىسىز»دە تەمىنلەنگەن ئۇسۇل ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، بۇ سىياسەت سىز بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىز ئارقىلىق ئۇلىغان باشقا ئۈچىنچى تەرەپ مەھسۇلات مۇلازىمىتى («باشقا ئۈچىنچى تەرەپ» سىز سودىلاشقان نىسپىي قارشى تەرەپ، ھەرقانداق ئۈچىنچى تەرەپ تور بېكىتى ھەمدە ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) گە ماس كەلمەيدۇ، كونكرېت بەلگىلىمىنى شۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ شەخسىي سىرنى ساقلاش سىياسىتىگە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باياناتىغا تەتبىقلىسىڭىز بولىدۇ.

  ئانار بۇلۇت: شىنجاڭ گېزىتخانىسى پۈتۈن تاراتقۇ دەۋرىنى كۈتۈۋېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلغان پارتىيە تاراتقۇ ئۇچۇر سۇپىسى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نوپۇزلۇق ئۇچۇر ئېلان قىلىش تېرمىنالى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تور بېكىتى.

  ئانار بۇلۇتنى ئاچقۇچى سۇبيېكت: شىنجاڭ گېزىتخانىسى

  ئانار بۇلۇت ئۇچۇر تۈرلىرى: پايدىلىنىش/خەۋەر ئوقۇش

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەر: بىز قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز. ئالاقىدار قانۇن ـ نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەگەر سىز 18 ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەن كىشى بولسىڭىز، «ئانار بۇلۇت» مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئاتا ـ ئانىڭىز ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيڭىزنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيسى بولسىڭىز، سىز ۋەسىيلىك قىلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا قارىتا گۇمانىڭىز بولسا، 8ـ ماددىدىكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ.

  شەخسىي ئۇچۇر: ئېلېكتىرونلۇق ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەنگەن، مۇستەقىل ياكى باشقا ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئالاھىدە تەبىئىي شەخسنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ياكى ئالاھىدە تەبىئىي شەخسنىڭ پائالىيەت ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ.

  شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرلار: كىملىك نومۇرى، شەخسىي بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرى، بانكا ھېسابات نومۇرى، مال ـ مۈلۈك ئۇچۇرى، يۈرۈش ـ تۇرۇش ئىزى، سودىلىشىش ئۇچۇرى، بالىلار ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ (بىز بۇ شەخسىي سىرنى ساقلاش ھوقۇقى سىياسىتىدىكى كونكرېت شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرلارغا توم خەت بىلەن بەلگە قىلىپ قويىمىز).

  شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈش: كۈندىلىك كەسىپ ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چېتىلىدىغان سىستېمىدا شەخسىي ئۇچۇرنى چىقىرىۋېتىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئىزدەپ تاپقىلى بولمايدىغان، زىيارەت قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتتە تۇرىدۇ.

  بىرىنچى، بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قانداق توپلايمىز ۋە ئىشلىتىمىز

  سىز ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندا، يۇمشاق دېتال ۋە مۇلازىمەتنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئالدى ئۇچ ۋە ئارقا سۇپىدا مەشغۇلات قىلغاندا ئۈسكۈنىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۈسكۈنە تىپى، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نۇسخىسى، توردىكى ئۇچۇر، IMEI، MAC  ئادرېسى، IDFA (iOS)، ساقلاش ۋە ئابۇنىچىلارنىڭ تورغا چىققاندا ئىشلىتىدىغان كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرلىرىنى توپلايمىز. بۇ ئۇچۇرلار ئانار بۇلۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا جەزمەن توپلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئۇچۇرلاردۇر.

  سىز بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەندە، سىز بىزگە شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىشىڭىزغا توغرا كېلىدىغان ياكى بېرىشنى تاللىسىڭىز بولىدىغان ئەھۋال تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. سىزنى مۇلازىمىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سىزنىڭ بىزگە زۆرۈر ئۇچۇرلارنى توپلاش، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىشىڭىزگە توغرا كېلىدىغان ئەھۋال، ئەگەر سىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان زۆرۈر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، سىز بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى نورمال ئىشلىتەلمەيسىز؛

  2. سىزنى مۇلازىمىتىمىزنىڭ كېڭەيتىلگەن ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سىز ئۇچۇر توپلاش، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىشنى تاللىسىڭىز بولىدىغان ئەھۋال، ئەگەر سىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىمىزنى نورمال ئىشلىتەلمەيسىز ياكى بىز يەتمەكچى بولغان ئىقتىدار ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرالمايسىز، بىراق مۇلازىمىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىنى نورمال ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتمەيدۇ.

  (1) سىزنىڭ بىزگە شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىشىڭىزگە توغرا كېلىدىغان ئەھۋالدا، بىز ئورۇنلۇق، قانۇنلۇق، زۆرۈر بولغان پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىمىز، بۇ سىياسەتتە بايان قىلىنغان تۆۋەندىكى نىشانلارنى چىقىش قىلىپ سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلايمىز ۋە ئىشلىتىمىز.

  1. سىزنىڭ ئابۇنىچىمىزغا ئايلىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىپ قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىش تەلىپى بويىچە، ھەمدە سىزنى تېخىمۇ ئىندىۋىدۇئال، تېخىمۇ قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سىز ئەنگە ئالدۇرۇپ ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىسى بولغىنىڭىزدا، سىز يان تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلەش ئارقىلىق ئانار بۇلۇت ئابۇنت نومۇرى قۇرۇشىڭىز، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تور سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرى (مەسىلەن، باش سۈرەت، ئىسىم ۋە تىزىملىتىش مەخپىي نومۇرى قاتارلىقلار) نى مۇكەممەللەشتۈرۈشىڭىز كېرەك؛ ئەگەر سىز پەقەت توردا كۆرۈش، ئىزدەش قاتارلىق ئىقتىدارنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، سىزنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئابۇنىچىمىز بولۇشىڭىز ھەمدە يۇقىرىقى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئابۇنت نومۇرى ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا، ئەگەر سىز تۆۋەندىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوشۇمچە تولۇقلاشنى خالىسىڭىز، سىزنى تېخىمۇ ئىندىۋىدۇئال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىمىزگە پايدىلىق: بۇلار جىنسىڭىز، تۇغۇلغان كۈنىڭىز، دائىم تۇرۇشلۇق ئورنىڭىز، يۇرتىڭىز، قىزىقىشىڭىز، ئائىلە ئۇچۇرىڭىز قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز بۇ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىسىڭىز، سىزنىڭ ئانار بۇلۇت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىدىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئەگەر سىز ھوقۇق بېرىشنى تاللاپ ئۈچىنچى تەرەپ ئابۇنت نومۇرى ئارقىلىق تىزىملاتقاندا، بىز ئۈچىنچى تەرەپتىن سىز ھەمبەھىرلىگەن ئابۇنت نومۇرى ئۇچۇرى (مەسىلەن، باش سۈرەت، ئىسىم، رايون، جىنس قاتارلىق ئۇچۇرلار) نى ئانار بۇلۇت ئابۇنت نومۇرىڭىز بىلەن باغلاپ تېز تىزىملىتىشقا ئىشلىتىمىز، بىز ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن كېلىشكىنىمىز بويىچە، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن كېلىش شەرتى ئاستىدا، سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئىشلىتىمىز.

  2. سىزنى ئاساسىي جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىشىمىز سىزنى ئەتراپتىكى ئاخبارات، مەسلىھەت بېرىش، كۆرسىتىش ۋە ئىزدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز، مۇلازىمەتتىكى ئىپادىمىز، ئۈنۈمىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز ئۈچۈندۇر، سىزنىڭ ھوقۇق بېرىشىڭىز ئارقىلىق بىز سىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىش جەريانىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلايمىز.

  بۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  (1)  ئورۇن ئۇچۇرى. سىز سىستېمىنىڭ ھوقۇق بېرىشى ئارقىلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى ئاچسىڭىز ھەمدە ئاساسىي ئورۇن بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتسىڭىز، بىز سىزنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى توپلاپ، ئىشلىتىپ سىزگە ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇلازىمىتىنى تەۋسىيە قىلىمىز (مەسىلەن، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جۇغراپىيەلىك ئورۇننى كىرگۈزمەيلا تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئاخبارات مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيسىز، ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى ئاخبارات مەسلىھەتىگە ئېرىشەلەيسىز). بىز ئالاقىدار تېخنىكىلار ئارقىلىق سىزنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشىمىز (توغرىلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ)، بۇ تېخنىكىلار IP  ئادرېسى،GPS  ھەمدە تەمىنلىگەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ WLAN (مەسىلەن Wi-Fi) ئۇلىنىش نۇقتىسى، لەنيا ۋە ئاساسىي پونكىت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىز كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ سىستېمىسىدا ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمىتىنى تاقىۋەتسىڭىز، سىز تۇرۇشلۇق ئورۇن ئۇچۇرىنى توپلاشنى توختىتىمىز، لېكىن شۇ سەۋەبتىن بىز ئاساسىي جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۇچۇرى ئارقىلىق سىزنى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتنى ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز، ياكى ئالاقىدار مۇلازىمەتنىڭ كۆزلىگەن ئۈنۈمىگە يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.

  (2) كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرى. سىز بىز تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە، بىز سىزنىڭ توردا كۆرۈش، ئىزدەش خاتىرىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلارنى توپلايمىز ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تور كۈندىلىك خاتىرىسى سۈپىتىدە ساقلايمىز، بۇلار سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز، تور كۆرگۈچنىڭ تىپى، ئىشلەتكەن تىل، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ نۇسخىسى، زىيارەت قىلغان كۈن ۋە ۋاقىت، ئېلان قىلغان ئۇچۇر، توردا كۆرۈش، ئىزدەش، توردا تەلەپ قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  3. سىزنى ساقلىۋېلىش، دىققەت قىلىش، بەھىرلەش، تەۋسىيە قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىشىمىز سىزنىڭ قىزىقىشلىرىڭىزنى باشقۇرۇشىڭىزغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ، ئورتاق قىزىقىشقا ئىگە ئابۇنىچىلار ياكى مەھەللىنى ئىزدەپ، تېخىمۇ ئازادە زىيارەت تەسىراتىغا ئېرىشىپ، دوستلىرىڭىز ۋە ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولسىڭىز بولىدۇ، سىز ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئاخبارات مەسلىھەتى ياكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ نومۇرىنى ساقلىۋېلىپ، دىققەت قىلسىڭىز بولىدۇ، ئىقتىدار بىرىكمە دېتالى ئارقىلىق ئۈچىنچى تەرەپكە ئۇچۇرلارنى بەھىرلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىز سىزنىڭ يۇقىرىقى ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرىڭىزنى توپلاپ، شەخسىي باش بەتتە سىزگە كۆرسىتىش، توردا باشقۇرۇش، بەھىرلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىمىز.

  4. سىزنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش، ئابۇنت نومۇرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە، سودا بىخەتەرلىكى ۋە سىستېمىنىڭ يۈرۈشۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قانۇن ـ نىزام ۋە بىزنىڭ كېلىشىم قائىدىمىزنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىش جەريانىدا، ھوقۇق بېرىشىڭىز ئارقىلىق بىز سىزنىڭ ئۈسكۈنە ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشىمىز، بۇ سىز ئىشلەتكەن ئۈسكۈنىنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئۇلىنىش ۋە ھالەت ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن: ئۈسكۈنىنىڭ تىپى، ئۈسكۈنىنى پەرقلەندۈرىدىغان بىردىنبىر بەلگە ( مەسىلەن: IMEI/androidID/IDFA/OPENUDID/GUID، SIM  كارتىسى IMSI ئۇچۇرلىرى)، ئۈسكۈنىنىڭ MAC ئادرېسى، يۇمشاق دېتال تىزىملىكى، تېلېگراف تىجارەت سودىگىرى قاتارلىقلار.

  (2) سىز بىزگە شەخسىي ئۇچۇرلارغا ئائىت كۆرۈنۈشلەرنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىپ، سىزنى ئىندىۋىدۇئال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىمىزنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، سىز بىز تەمىنلىگەن كېڭەيتىلگەن ئىقتىدارلارنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز، بىز قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان ھەمدە سىزنىڭ كونكرېت ھوقۇق بەرگەن ئەھۋالغا ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز ۋە ئىشلىتىمىز. بۇ خىل ئۇچۇرلار سىز تاللىغان كونكرېت ئىقتىدار ۋە كەسپىي كۆرۈنۈشتىن توپلىنىدۇ، ئەگەر سىز بۇ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمىسىڭىز، سىزنىڭ ئانار بۇلۇتنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتمەيدۇ.

  1. فوتو ئاپپارات ھوقۇق بەرگەن كېڭەيتىلگەن كەسىپ ئاساسىدا، سىز سىستېمىنىڭ فوتو ئاپپارات ھوقۇق دائىرىسىنى قوزغىتىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، سۈرەتكە تارتىش، سىنغا ئېلىش، كود سىكاننېرلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئانار بۇلۇتقا فوتو ئاپپاراتىڭىزنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقىنى بەرسىڭىز، بۇ سىزنىڭ سۈرەت تارتىش ياكى سىن ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەزمۇننى ئېلان قىلىشىڭىزغا قولايلىق، ئەگەر سىز ئاۋازلىق سىننى سۈرەتكە ئالماقچى ياكى ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز، يەنە مىكروفوننىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى ئېچىشىڭىز زۆرۈر. بىز سىز يوللاپ ئېلان قىلغان يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز، بۇ ئىقتىدارنى سىستېما ھوقۇق دائىرىسىدە تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ، تاقىۋەتسىڭىز كود سىكاننېرلاش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىقىڭىز مۇمكىن ياكى سۈرەتكە تارتىش، سىن ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باھا بېرەلمەسلىكىڭىز ياكى ھەمتۈرتكە بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىزنىڭ ئانار بۇلۇت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىدىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزغا تەسىر يەتمەيدۇ.

  2. ئالبوم ھوقۇق بەرگەن كېڭەيتىلگەن ئىقتىدارغا ئاساسەن، سىز سىستېمىنىڭ ئالبوم ھوقۇق دائىرىسىنى ئېچىشنى تاللىسىڭىز، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈرەت، سىن يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىزنىڭ ئالبومىڭىزنى زىيارەت قىلىشىمىزغا ھوقۇق بەرسىڭىز بولىدۇ، بۇ سىزنىڭ سۈرەت يوللاش ياكى سىن يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەزمۇننى ئېلان قىلىشىڭىزغا قولايلىق. بىز سىز يوللاش، ئېلان قىلىشنى تاللىغان يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى توپلايمىز، بۇ ئىقتىدارنى سىستېما ھوقۇق دائىرىسىدە تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ، تاقىۋېتىلگەن ھامان سۈرەت، سىن يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق باش سۈرەتنى ئالماشتۇرۇش، سۈرەتلىك باھالاش قاتارلىقلارنى قىلالمايسىز، لېكىن سىزنىڭ ئانار بۇلۇت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىدىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزغا تەسىر يەتمەيدۇ.

  3. مىكروفون ھوقۇق بەرگەن كېڭەيتىلگەن ئىقتىدار ئاساسىدا سىستېمىنىڭ مىكروفون ھوقۇق دائىرىسىنى ئېچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. تاۋۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق توردا ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز. بۇ ئىقتىدارنى سىستېما ھوقۇق دائىرىسىدە تاقىۋەتسىڭىز بولىدۇ، تاقىۋېتىلگەن ھامان توردا ئاۋازلىق ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىزنىڭ ئانار بۇلۇت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدارىدىن بەھرىمەن بولۇشىڭىزغا تەسىر يەتمەيدۇ.

  (3) ماقۇللۇقنى ئالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا، شۇنى بىلىپ قېلىڭكى، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، بىز شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش، ئىشلىتىشتە سىزنىڭ ھوقۇق بېرىپ قوشۇلۇشىڭىزنى سورىمىساقمۇ بولىدۇ:

  1. دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛

  2. ئاممىۋى بىخەتەرلىك، ئاممىۋى سەھىيە، مۇھىم، زور ئاممىۋى مەنپەئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛

  3. جىنايەتنى تەھقىقلەش، ئەيىبلەش، سوت قىلىش ۋە ھۆكۈم ئىجرا قىلىش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بولسا؛

  4. شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتى ياكى باشقا شەخسلەرنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى قاتارلىق مۇھىم، زور قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بولسا، لېكىن ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ناھايىتى قىيىنغا توختىسا؛

  5. توپلىغان شەخسىي ئۇچۇرنى شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتى ئۆز ئالدىغا جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئاشكارىلىغان بولسا؛

  6. قانۇنلۇق ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلىغان بولسا، مەسىلەن، قانۇنلۇق ئاخبارات خەۋەرلىرى، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق يوللاردا؛

  7. سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە ئاساسەن توختام تۈزۈشكە زۆرۈر بولسا؛

  8. تەمىنلىگەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىنى قوغداشتا زۆرۈر بولسا، مەسىلەن، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتتە كۆرۈلگەن كاشىلىلارنى بايقاش، بىر تەرەپ قىلىشتا؛

  9. قانۇنلۇق ئاخبارات خەۋەرلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولسا؛

  10. ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ ئىستاتىستىكا ياكى ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشقا زۆرۈر بولسا ھەمدە سىرتنى ئىلمىي تەتقىقات ياكى تەسۋىرلىگەن نەتىجە بىلەن تەمىنلىگەندە، نەتىجە ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى پەرقلەندۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان بولسا؛

  11. قانۇن-نىزامدا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

  شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، يەككە ياكى باشقا ئۇچۇرلار بىلەن بىرلىشىپ سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ياكى سىز بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە ئورناتقىلى بولمايدىغان ئۇچۇرلار شەخسىي ئۇچۇرغا تەۋە ئەمەس. ئەگەر بىز ھەرقانداق ئېنىق بەلگىلەنگەن شەخس بىلەن ئالاقە ئورناتقىلى بولمايدىغان يەككە ئۇچۇرنى باشقا ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەبىئىي شەخسنىڭ شەخسىي سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلەتسەك ياكى ئۇنى شەخسىي ئۇچۇر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەك، بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە، بۇ خىل ئۇچۇر شەخسىي ئۇچۇر دەپ قارىلىدۇ.

  (4) شەخسىي ئۇچۇرنى ئىشلىتىش قائىدىسى سىزنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۇش، مەھسۇلاتىمىز ياكى مۇلازىمەت سۈپىتىمىزنى قوغداش، ياخشىلاش ئۈچۈندۇر، بىز قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە سىز كونكرېت ھوقۇق بەرگەن ئەھۋالدا تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىمىز:

  1. بىز سىزنىڭ توردا كۆرۈش ۋە ئىزدەش ئۇچۇرىڭىز، ھەرىكەت مايىللىقىڭىز، ئورۇن ئۇچۇرىڭىز قاتارلىقلارنى توپلىشىمىز مۇمكىن. ھەمدە سىزنىڭ ئانار بۇلۇتتا مەلۇم مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش جەريانىدا تەمىنلىگەن ئۇچۇرىڭىز بىلەن باشقا مۇلازىمەتتىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ئىستاتىستىكا قىلىپ، تەھلىل قىلىپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۈرىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، سىزگە سىز قىزىقىدىغان مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى تەۋسىيە قىلىشقا ياكى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىمىز، ياكى سىستېما ئارقىلىق سىزگە ئىندىۋىدۇئاللاشقان ئۈچىنچى تەرەپ كېڭەيتىش ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىمىز. بۇ APP بېتىدە سىزگە ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىش، سىزنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەۋسىيە بىلەن تەمىنلەش، سىزگە كېڭەيتىش ئۇچۇرى يوللاش ياكى سودا ئېلانىنى كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەگەر سىز  APP بەت يۈزىدىكى ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋېلىشنى خالىمىسىڭىز، تۇنجى قېتىم APP قاچىلىغاندا ئۇچۇر ئۇقتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسىڭىز ياكى كۆچمە تېرمىنال مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى «ئۇقتۇرۇش» مەركىزىدە مۇناسىپ ئۇقتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ؛

  2. بىز كەسىپ جەريانىدا توپلىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىستاتىستىكىلىق ئانالىز قىلىش ۋە تىجارەتنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن، بەلگىسى چىقىرىۋېتىلگەن سىزنىڭ سالاھىيىتىڭىزنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ھەمدە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئۇچۇرلارنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش ھەم سودىدا پايدىلىنىشقا ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. مەسىلەن، سىز تۇرۇشلۇق ئورۇن، قىزىقىشىڭىز ئارقىلىق ئىستاتىستىكىلىق ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق مەھسۇلاتىمىز، مۇلازىمىتىمىز ياكى تىجارەت پىلانىنى ئۆزگەرتىمىز؛ يەنە سىستېمىمىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تېخنىكا ئۆزگەرتىش، تور ئاسراش، كاشىلىلارنى تۈگىتىش، ئىچكى سىياسەت ۋە تەرتىپ تۈزۈش، ئىچكى دوكلات ھاسىل قىلىش قاتارلىقلار.

  ئىككىنچى، بىز Cookie ۋە ئوخشاش تۈردىكى تېخنىكىنى قانداق ئىشلىتىمىز؟

  (1) Cookieنىڭ ئىشلىتىلىشى

  تور بېكىتىنىڭ نورمال، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئازادە زىيارەت قىلىش، ھېس قىلىشقا ئىگە قىلىش، سىزگە سىز قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن، بىز سىزنىڭ ئۈسكۈنە تېرمىنالىڭىزدا/سىستېمىدا Cookie ناملىق سانلىق مەلۇمات ھۆججىتىنى ساقلايمىز. Cookie سىزنىڭ كېيىنكى قېتىم تور بېكىتىمىزنى داۋاملىق زىيارەت قىلغاندا سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ، سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇر تولدۇرۇش (بىر كۇنۇپكا بىلەن تىزىملىتىش قاتارلىق) تەرتىپلىرىڭىزنى ئاددىيلاشتۇرىدۇ؛ سىزنى بىخەتەر مال سېتىۋېلىش بويىچە قىزىقىش تەسىس قىلىش بىلەن تەمىنلەيمىز؛ سىزنىڭ ئېلانغا بولغان تاللىشىڭىز ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشىڭىزنى ئەلالاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىمىز؛ سىزنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىڭىزنى قوغدايمىز قاتارلىقلار. بىز Cookie نى مەزكۇر شەخسىي سىرنى ساقلاشقا دائىر سىياسەتتە بايان قىلىنغان مەقسەتتىن باشقا ھېچقانداق ئىشقا ئىشلەتمەيمىز. سىز Cookie نى ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە باشقۇرسىڭىزمۇ ياكى ئۆچۈرۈۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. سىز كومپيۇتېر ياكى كۆچمە ئۈسكۈنىدە ساقلانغان بارلىق Cookie نى تازىلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، سىزنىڭ Cookie نى قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقىڭىز بار. كۆپ ساندىكى كۆز يۈگۈرتكۈچلەر Cookie نى ئاپتوماتىك قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن ئادەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى بىلەن كۆز يۈگۈرتكۈچنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىپ Cookie نى رەت قىلسىڭىز بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، سىز يەنە يۇمشاق دېتال ئىچىدە ساقلانغان بارلىق Cookie لارنى تازىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بەزى قولايلىق ۋە بىخەتەرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىمىزنى ئومۇميۈزلۈك تولۇق ھېس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن.

  (2) تور Beacon ۋە ئوخشاش تۈردىكى تېخنىكىلارنىڭ ئىشلىتىلىشى

  Cookie دىن باشقا، بىزنىڭ تور بېتىمىز دائىم بەزى ئېلېكتىرونلۇق سۈرەتلەر ( «يەككە پىكسېللىق» GIF ھۆججەت ياكى «تور Beacon») قاتارلىق باشقا ئوخشاش تۈردىكى تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار تور بېكەتنىڭ تور بېتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئابۇنىچىلارنى ھېسابلاش ياكى بەزى Cookie لارنى زىيارەت قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. بىزنىڭ تور Beacon  ئىشلىتىش شەكلىمىز تۆۋەندىكىچە:

  1. بىز تور بېكىتىمىزدە تور Beaconنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئابۇنىچىلارنىڭ زىيارەت قىلىش سانىنى ھېسابلايمىز، ھەمدە Cookie نى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرغان يېڭى ئابۇنىچىلارنى پەرق ئېتىمىز.

  2. بىز Cookie ئۇچۇرىغا ئېرىشىش ئارقىلىق، تور بېكىتىمىزدە خاس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

  ئۈچىنچى، بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزدىن قانداق ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز، ئۆتۈنۈپ بېرىمىز، ئاشكارا ئاشكارىلايمىز؟

  (1) ئورتاق بەھرىمەن بولۇش

  بىز ئانار بۇلۇتتىن باشقا ھەر قانداق ئورۇن، تەشكىلات ۋە شەخسلەر بىلەن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئورتاق بەھرىمەن بولمايمىز. لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:

  1. سىزنىڭ ئېنىق ماقۇللىقىڭىز ياكى ھوقۇق بېرىشىڭىزگە ئېرىشكەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش.

  2. قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالدا: قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر، دەۋا تالاش تارتىشىنىڭ ھەل قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياكى مەمۇرىي، ئەدلىيە قاتارلىق ھوقۇقلۇق ئورگانلار قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ.

  3. مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش: سىزنى بىردەك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ھەمدە سىزنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىڭىزغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك شىركەتلىرىمىز بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىشىمىز مۇمكىن. لېكىن بىز پەقەت زۆرۈر بولغان شەخسىي ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز، ئەگەر بىز سىزنىڭ شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرلىرىڭىزدىن ئورتاق بەھرىمەن بولساق ياكى ئالاقىدار تەرەپ شەخسىي ئۇچۇرنى ئىشلىتىش مەقسىتىنى ئۆزگەرتسە، سىزنىڭ ھوقۇق بېرىش ماقۇللۇقىڭىزنى يەنە بىر قېتىم سورايمىز.

  4. كېلىشىمدىكى پۈتۈم ئاساسىدا: سىز بىلەن بىز ئىمزالىغان ئالاقىدار كېلىشىم (توردا ئىمزالانغان ئېلېكتىرونلۇق كېلىشىم ھەم سۇپا قائىدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى قانۇن ھۆججىتىگە ئاساسەن، ئۈچىنچى تەرەپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش زۆرۈر بولغاندا.

  5. مۇۋاپىق سودا ئادەت ئاساسىدا: مەسىلەن، ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن بىرلىشىپ تىجارەت پائالىيىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش داۋامىدىكى مۇكاپات ئۇچۇرى، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ سىزگە ۋاقتىدا مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ ياكى بىز باشقا شىركەتلەر بىلەن كاپىتال بازىرى پائالىيىتى (IPO نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن چەكلەنمەيدۇ، زايوم تارقىتىش) ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغاندا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا.

  6. ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىدا: مەسىلەن، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن ئىستاتىستىكا ياكى ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغاندا بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى بار.

  7. قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىش.

  بىز ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگرامما ئۇلاش ئېغىزى (API)، يۇمشاق دېتال قورال-ئېچىش بولىقى (SDK) ئارقىلىق ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن زۆرۈر بولغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز، ئوخشىمىغان نۇسخىدىكى ئۈچىنچى تەرەپSDK دا ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە ئۈچىنچى تەرەپ ھېسابات نومۇرىنى تىزىملاش تۈرى، بەھرىمەن بولۇش تۈرى، خەرىتە ئارقىلىق يول باشلاش تۈرى، زاۋۇت تەۋسىيە قىلغان تۈر، ئىستاتىستىكا تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىز ئۈچىنچى تەرەپنى بىخەتەرلىك بويىچە قاتتىق تەكشۈرىمىز ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش تەدبىرلىرىنى پۈتۈشۈش ئېلىپ بارىمىز.

  بىلىشىڭىز كېرەككى، بىز پەقەت قانۇنلۇق، ئورۇنلۇق، زۆرۈر، ئالاھىدە، ئېنىق مەقسەت بىلەن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز، بىز پەقەت مەزكۇر سىياسەتتە ئېلان قىلىنغان مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولغان شىركەت، تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە قارىتا، بىز ئۇلار بىلەن قاتتىق بولغان ئۇچۇر قوغداش ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئۇلاردىن كېلىشىمگە رىئايە قىلىشىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قوغداشنى تەلەپ قىلىمىز.

  (2) ئۆتۈنۈپ بېرىش

  كەسپىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز ۋە بىزنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرىمىز قوشۇۋېتىش، سېتىۋېلىش، مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سودا قىلىشىمىز مۇمكىن، مەسىلەن، شەخسىي ئۇچۇرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئالاقىدار بولسا، بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوبۇل قىلغان شىركەت، تەشكىلاتتىن مەزكۇر شەخسىي مەخپىيەتلىك سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز، بولمىسا، بىز بۇ شىركەت، تەشكىلاتتىن سىزنىڭ ھوقۇق بېرىپ ماقۇللۇقىڭىزنى قايتىدىن ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

  (3) ئاشكارا ئاشكارىلاش

  بىز پەقەت تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، ھەمدە كەسىپ ساھەسىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش-قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاندىن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارا ئاشكارىلىشىمىز مۇمكىن:

  1. سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن، سىز ئېنىق قوشۇلغان ئاشكارىلاش شەكلىدە سىز بەلگىلىگەن شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلايمىز.

  2. قانۇن، نىزاملاردىكى تەلەپ، مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ياكى ئەدلىيە چوقۇم سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى تەمىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، بىز بەلكىم تەلەپ قىلغان شەخسىي ئۇچۇر تىپى ۋە ئاشكارىلاش شەكلىگە ئاساسەن سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارا ئاشكارىلىشىمىز مۇمكىن. قانۇن-نىزامغا ئۇيغۇن بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە، بىز يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، بىز شۇنىڭغا مۇناسىپ قانۇنىي ھۆججەتلەرنى، مەسىلەن، چاقىرىق قەغىزى ياكى تەكشۈرۈش خېتىنى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز.

  دىققەت قىلىڭ، سىز بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن ئېلان قىلغان ھەتتا ئاشكارا بەھرىمەن بولغان ئۇچۇرلىرىڭىز، بەلكىم سىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا ھەتتا شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرغا، مەسىلەن سىزنىڭ سودا ئۇچۇرلىرىڭىزغا ھەمدە سىز باھا بەرگەندە تاللاپ يوللىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزىق، سۈرەت ياكى سىن قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدىكى ئۇچۇرلارغا چېتىلىشى مۇمكىن. بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەندە، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىش-قىلماسلىق ھەتتا ئاشكارا بەھرىلىنىش-بەھىرلەنمەسلىك توغرىسىدا تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىڭ.

  (4)  شەخسىي ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئاشكارا ئاشكارىلاشتا ھوقۇق بېرىش ماقۇللۇقىنى ئالدىن ئالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا

  تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئاشكارا ئاشكارىلاشتا سىزنىڭ ھوقۇق بېرىش ماقۇللۇقىڭىزنى ئالدىن ئېلىش ھاجەتسىز:

  1. دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛

  2. ئاممىۋى بىخەتەرلىك، ئاممىۋى سەھىيە، مۇھىم، زور ئاممىۋى مەنپەئەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛

  3. جىنايەتنى تەھقىقلەش، ئەيىبلەش، سوت قىلىش ۋە ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا؛

  4. سىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكى قاتارلىق مۇھىم، زور قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان، لېكىن ئالاقىدار كىشىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش قىيىن بولغاندا؛

  5. ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغدايدىغان باشقا ئەھۋاللار، مەسىلەن، سىزنىڭ ئىناۋەت باھالاش ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارىلاش/ئورتاق بەھرىمەن بولۇش.

  6. سىز ئۆز ئالدىڭىزغا جەمئىيەتكە، كۆپچىلىككە ئاشكارىلاپ قويغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز؛

  7. قانۇنلۇق ئاشكارا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاشتا، مەسىلەن، قانۇنلۇق ئاخبارات خەۋىرى، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق يوللار.

  قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئاشكارا ئاشكارىلاش بەلگىسىزلەشتۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شەخسىي ئۇچۇرلار، ھەمدە سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەسلىكى ھەم قايتىدىن پەرقلەندۈرەلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا، بىزنىڭ بۇ تۈردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا سىزگە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىشىمىزنىڭ ھەمدە سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.

  4. شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق ساقلايمىز ۋە قانداق قوغدايمىز

  (1)  شەخسىي ئۇچۇرلارنى ساقلاش

  1. ساقلاش مۇددىتى: قانۇن-نىزام ياكى ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈشكىنىگە ئاساسلانغان بولمىسىلا، بىز پەقەت مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ساقلايمىز. سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھېسابات نومۇرىنى رويخەتتىن ئۆچۈرگەندە، بىز قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى تېزدىن ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى ئىسىمسىز قىلىپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىمىز.

  2. ساقلاش رايونى: بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە توپلانغان ۋە شەكىللەنگەن شەخسىي ئۇچۇرلارنى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ساقلايمىز، لېكىن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا: قانۇن-نىزاملاردا ئېنىق بەلگىلىمە بولغان بولسا؛

  سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز ۋە ماقۇللۇقىڭىز ئايرىم ئېلىنىدۇ؛ سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلىپ بارغان چېگرا ھالقىغان زاكاز قىلىش، زاكاز چۈشۈرۈش، سودا قىلىش قاتارلىق شەخسىي ھەرىكەتلەر (مەسىلەن: خەلقئارالىق ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش، خەلقئارالىق مېھمانسارايلارنى زاكاز قىلىش قاتارلىقلار). يۇقىرىقى ئەھۋاللاردا، بىز سانلىق مەلۇماتنى قوبۇل قىلغۇچى تەرەپتىن مەزكۇر شەخسىي سىر ساقلاش سىياسىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك، شەخسىي سىر ساقلاش تەدبىرلىرى بويىچە شەخسىي ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.

  3. تىجارەتنى توختىتىش: ئەگەر تىجارەتنى توختىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرسە، بىز ئاز دېگەندە 30 كۈن بۇرۇن سىزگە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز ھەمدە تىجارەتنى توختاتقاندىن كېيىن شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرۈۋېتىمىز ياكى ئىسىمسىز قىلىپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

  (2) شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش تەدبىرلىرى

  1. سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىك تەدبىرى

  ئۇچۇر بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تىرىشىپ كەسىپ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلۈك فىزىكا، ئېلېكتىرون ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قوغداپ، شەخسىي ئۇچۇرنى ساقلاش ۋە ئىشلىتىشنى سانلىق مەلۇماتلارنى تۈرگە ئايرىش، دەرىجىگە ئايرىش تۈزۈمى ئورنىتىش، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتنى بىخەتەر ئېچىپ قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق باشقۇرۇپ قېلىپلاشتۇرىمىز. ئانار بۇلۇت ئۇچۇر ئۇچراشقۇچى بىلەن مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمى، نازارەت قىلىش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش مېخانىزمى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر تىزگىنلەيدۇ. سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا زىيارەت قىلىنىش، ئاشكارا ئاشكارىلىنىش، ئىشلىتىلىش، ئۆزگەرتىلىش، بۇزۇلۇش ياكى يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مەسىلەن، سىزنىڭ كۆز يۈگۈرتكۈچىڭىز بىلەن «مۇلازىمەت» ئارىسىدا سانلىق مەلۇمات  (مەسىلەن، ئىناۋەتلىك كارتا ئۇچۇرى) ئالماشتۇرۇلغاندا SSL شىفىرلاشتۇرۇپ قوغداش تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور بېكىتىنى https بىخەتەر كۆز يۈگۈرتۈش شەكلى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ئىشەنچلىك قوغداش مېخانىزمى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يامان غەرەزلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ زىيارەت قىلىش، تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پەقەت ھوقۇق بېرىلگەن خادىملارنىڭلا شەخسىي ئۇچۇرنى زىيارەت قىلالىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ھەمدە بىخەتەرلىك ۋە شەخسىي مەخپىيەتلىك قوغداش دەرسى ئۆتكۈزۈپ، خىزمەتچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

  2. بىخەتەرلىك دەلىللەش

  بىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى دەرىجىسىنى قوغداش بويىچە 3-دەرىجىلىك دەلىللەش، 3-تەرەپ چىقىم قىلىش كەسپى (چىقىم قىلىش كارتىسى كەسپى PCI DSS) سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى خەلقئارالىق دەلىللەش قاتارلىق دەلىللەش سالاھىيىتىدىن ئۆتتۇق ھەم نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، 3-تەرەپ تەكشۈرۈپ باھالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ياخشى ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۈرلۈك ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تەھدىتىنى ۋاقتىدا توسۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، سىزنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىڭىزنى ھەر تەرەپلىمە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيمىز.

  3. بىلىشىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، ئالاقە تورى مۇتلەق بىخەتەر مۇھىت ئەمەس، بىز سىزنىڭ بىخەتەرلىك شەكلى ئارقىلىق، مۇرەككەپ مەخپىي نومۇر ئىشلىتىپ، بىزگە ماسلىشىپ ھېسابات نومۇرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، بولۇپمۇ سىزنىڭ ھېساباتىڭىز ياكى مەخپىي نومۇرىڭىز ئاشكارىلىنىپ قالسا، دەرھال مەزكۇر شەخسىي سىر ساقلاش سىياسىتى تەمىنلىگەن ئالاقىلىشىش شەكلى بويىچە بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىزنىڭ مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشىمىزغا قولايلىق يارىتىپ بېرىڭ.

  4. بىخەتەرلىك ۋەقەسى

  بەختكە قارشى شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىز دەرھال مەخسۇس جىددىي ۋەقەلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، جىددىي ۋەقە لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، بىخەتەرلىك ۋەقەسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ھەم قانۇن-نىزاملاردىكى تەلەپ بويىچە سىزگە مۇنۇلارنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرىمىز: بىخەتەرلىك ۋەقەسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان تەسىرى، بىز قوللانغان ياكى قوللانماقچى بولغان بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى، ئۆز ئالدىڭىزغا خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۆۋەنلىتىش تەكلىپى، سىزگە بولغان قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى قاتارلىقلار. بىز ۋەقەگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا پوچتا يوللانمىسى، خەت-چەك، تېلېفون، يوللاش ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن سىزگە ئۇقتۇرىمىز، شەخسىي ئۇچۇر سۇبيېكتىغا بىر-بىرلەپ ئۇقتۇرۇش قىلىش قىيىن بولغاندا، مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك شەكىلدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقىرىغا مەلۇم قىلىمىز.

  5. سىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق باشقۇرىسىز؟

  سىز شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزغا قارىتا تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىسىز:

  (1) سىز شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىزنى زىيارەت قىلىش، تۈزىتىش، ئۆچۈرۈش ھوقۇقىڭىز بار، قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقىچە ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا. سىز ھەر ۋاقىت بۇ شەخسىي سىر سىياسىتى تەمىنلىگەن قايتما ئىنكاس شەكىللىرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ. بىز 15 كۈن ئىچىدە سىزنىڭ زىيارەت تەلىپىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

  (2) سىز ھوقۇق بېرىپ، قوشۇلغان دائىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى بېرىلگەن ھوقۇقنى قايتۇرۇۋېلىشتا، سىز سىستېمىدا ئۈسكۈنىلەرنى تاقاش ھوقۇق دائىرىسى ئىقتىدارى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قوشۇلۇش دائىرىسىنى ئۆزگەرتەلەيسىز ياكى سىز بەرگەن ھوقۇقنى قايتۇرۇۋالالايسىز. چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، يۇقىرىقى مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، بىز داۋاملىق سىزگە ماقۇللۇقنى قايتۇرۇۋېلىش ياكى ھوقۇق بېرىشكە ماس كېلىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز قالىمىز، لېكىن بۇ ئىلگىرىكى سىزنىڭ ھوقۇق بېرىش ئاساسىدا قانات يايدۇرغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىشىڭىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

  6. ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش

  سىزنى تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئانار بۇلۇت پات-پات يېڭىلىنىپ ۋە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇ تۈزىتىشلەر بۇ شەخسىي سىر ئىستراتېگىيەسىنىڭ ماددىلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ تۇرىمىز، بۇ شەخسىي سىر سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىللەيدۇ. شەخسىي سىر ئىستراتېگىيەسى يېڭىلانغاندىن كېيىن، سىزنىڭ بۇ شەخسىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى ۋاقتىدا چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن، بىز ئانار بۇلۇتتا يېڭىلانغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلىمىز، ھەم بېكەت ئىچىدىكى خەت قاتارلىق مۇۋاپىق شەكىللەر ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىمىز.

  7. ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتى SDK چۈشەندۈرۈشى

  شەخسىي سىر كېلىشىمى لايىھەلىگەن ئۈچىنچى تەرەپ SDK:

  تېڭشۈن 2D خەرىتىسى؛ تېڭشۈن جۇغراپىيەلىك ئورنىنى ئىزدەش؛ تېڭشۈن خەرىتىسى؛  تېڭشۈن ئورۇن بەلگىلەش

  Wi-Fi ھالىتىنى زىيارەت قىلىپ، Wi-Fi غا ئۇلىنىش ئۇچۇرىغا ئېرىشىپ، تېڭشۈن ئورۇن بەلگىلەش مۇلازىمەت تېرمىنالىغا قايتىپ، ئۇنى قوشۇمچە ئورۇن بەلگىلەش ئاساسى قىلىپ، ئاندىن قايتىپ، ئاچقۇچىغا تېخىمۇ توغرا ئورۇن ئۇچۇرىنى قايتۇرۇپ بېرىش.

  ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، قايتىپ كەلگەندە تېرمىنال ئابۇنىچى ئۆزىنىڭ جۇغراپىيەلىك كوردىناتىنى قول بىلەن كىرگۈزمىسىمۇ، ئېرىشكۈچىنى ئاچقۇچى تېرمىنال ئابۇنىچىنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىغا ئېرىشىدىغان قىلىش.

  ئۈسكۈنە ئۇچۇرىغا ئېرىشىش، ئاچقۇچىلارنىڭ ئىز قوغلىشىغا ياردەملىشىش، مۇلازىمەت جەريانىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىش.

  2. ۋاڭيى؛ ۋاڭيى IM؛ ۋاڭيى بۇلۇت خېتى

  ئۇچۇر يەتكۈزۈش، كۆپ تېرمىنالدىكى خەۋەر ماس قەدەمدە بولۇش، ئۇچۇر كەزمە ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بىز ئەڭ ئاخىرقى ئابۇنىچىغا بىردىنبىر شەرتلىك بەلگە قويۇپ، بىز ئەڭ ئاخىرقى ئابۇنىچىنىڭ ئۈسكۈنە ئۇچۇرىغا مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق دائىرىسىگە ئېرىشىپ، ئەڭ ئاخىرقى ئابۇنىچىنىڭ بىردىنبىر ئۈسكۈنە پەرقلەندۈرۈش كودىنى توپلايمىز ۋە ئىشلىتىمىز( MACئادرېسى\ APNS Token\ IMEI).

  يەرلىك ھۆججەت ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بىز ئەڭ ئاخىرقى ئابۇنىچىنىڭ ئۈسكۈنىسىنىڭ ساقلاش ھوقۇق دائىرىسىگە ئېرىشىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

  جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۇچۇرى يوللاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئابۇنىچىنىڭ ئۈسكۈنىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن ھوقۇق دائىرىسى، ھەم ئەڭ ئاخىرقى ئابۇنىچىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۇچۇرىنى توپلىشىمىز ۋە يوللىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  ئۈن، سىن ئۇچۇرىنى يوللاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئابۇنىچىنىڭ ئۈسكۈنىسىنىڭ مىكروفون ھوقۇق دائىرىسىگە ھەم ئەڭ ئاخىرقى ئابۇنىچىنىڭ ئۈن ئۇچۇرىنى توپلىشىمىزغا ۋە يوللىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  يۈرۈشۈش مۇھىتىغا ھۆكۈم قىلىپ، سىزنىڭ بۇلۇت خەت خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىنىڭ يۈرۈشۈشىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىڭىزگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بىز ئەڭ ئاخىرقى ئابۇنىچىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىنى توپلايمىز، جۈملىدىن (1) ئۈسكۈنە ئۇچۇرى: ئۈسكۈنە ماركىسى ۋە تىپى، ئۈسكۈنىدە يۈرۈشۈۋاتقان سىستېما نۇسخىسى، نامى، تەھرىرلەش نۇسخىسى ئۇچۇرى؛ (2) كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرى: تور كۆرگۈچنىڭ تىپى ۋە نۇسخىسى ئۇچۇرى، تورغا ئۇلىنىش تىپى ۋە ھالەت، كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرى.

  3. TBS تېڭشۈن تور كۆرگۈچىسى مۇلازىمىتى؛ تېڭشۈن تور كۆرگۈچىسى مۇلازىمىتى؛ تېڭشۈن X5 تور كۆرگۈچىسى؛ تېڭشۈن تور كۆرگۈچىسى

  كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرى

  سىز بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەندە، بىز بەلكىم ئاپتوماتىك ھالدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يىغىشىمىز ھەم ئۇنى مۇلازىمەت كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرى قىلىپ ساقلىشىمىز مۇمكىن.

  1) ئۈسكۈنە ئۇچۇرى. مەسىلەن: ئۈسكۈنە تىپى، مەشغۇلات سىستېمىسى نۇسخىسى، ئۈسكۈنە پەرقلەندۈرۈش بىردىنبىر بەلگىسى، باتارېيە، سىگنال كۈچلۈكلۈكى قاتارلىق ئۇچۇرلار.

  2) يۇمشاق دېتال ئۇچۇرى. مەسىلەن: يۇمشاق دېتالنىڭ نۇسخا نومۇرى، تور كۆرگۈچنىڭ تىپى. مەشغۇلات مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىكى ياكى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، بىز سىز ئىشلەتكەن كۆچمە قوللانما ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلايمىز.

  3) IP ئادرېسى.

  4) مۇلازىمەت كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرى. مەسىلەن، بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەندە ئىزدىگەن، كۆرۈپ چىققان ئۇچۇرلار، مۇلازىمەت كاشىلىسى ئۇچۇرى، تەۋسىيە قىلغان تور ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلار.

  5) ئالاقىلىشىش كۈندىلىك خاتىرىسى ئۇچۇرى. مەسىلەن، سىز بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئالاقە قىلغان ھېسابات نومۇرى، ئالاقە ۋاقتى ۋە سەرپ قىلغان ۋاقىت.

  ئورۇن ئۇچۇرى

  سىز ئورۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە، سىزنى مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بىز ئۈسكۈنىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇن ئۇچۇرىنى خاتىرىلىشىمىز مۇمكىن.

  سىز مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە، بىز IP ئادرېسى، GPS، WLAN (مەسىلەن، (WiFi ياكى ئاساسىي پونكىت قاتارلىق يوللار ئارقىلىق سىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۇچۇرىنى ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.

  سىز ياكى باشقا ئابۇنىچىلار مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەندە تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار ئىچىدە سىز تۇرغان جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئۇچۇرى بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن سىز تەمىنلىگەن ھېسابات نومۇرى ئۇچۇرى سىز تۇرغان جاينىڭ رايون ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن، سىز ۋە باشقىلار ئورتاق بەھرىمەن بولغان سۈرەت جۇغراپىيەلىك بەلگە ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن.

  باشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلار

  سىزنىڭ مەھسۇلاتىمىزنى ياكى مۇلازىمىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىشىڭىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىز ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلايمىز. مەسىلەن، بىز توپلىغان دوستلار جەدۋىلى، توپ جەدۋىلى ئۇچۇرى، ئاۋاز سىزىقلىرى خاراكتېرلىگۈچى قىممىتى. سىز بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەندە سىز بىلەن تونۇشىدىغان ئادەم بىلەن ئالاقە ئېلىپ بېرىشىڭىزغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەگەر سىز ئادرېس خاتىرىسى ئىقتىدارىغا باشلاپ كىرىشنى تاللىسىڭىز، بىز سىزنىڭ ئالاقىلاشقۇچىلىرىڭىزنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە تېلېفون نومۇرىنى شىفىرلاشتۇرۇشىمىز مۇمكىن ھەم شىفىرلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۇچۇرلارنىلا توپلايمىز.

  4. ShareSDKنى ھەمبەھرىلەش شەخسى ئۇچۇرنى توپلاشنىڭ تىپى:

  سىستېما تىجارەت ئۇچۇرى، تور ھالىتى ئۇچۇرى، iOS ئېلان پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى (IDFA)، MAC ئادرېسى، خەلقئارا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى پەرقلەندۈرۈش كودى (IMEI)، نامى يوشۇرۇنغان ئۈسكۈنىلەرنى پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى (OAID)، خەلقئارا كۆچمە ئابۇنىچىلارنى پەرقلەندۈرۈش كودى (IMSI) قوللىنىشچان تىزىملىك ئۇچۇرى، ئاساسىي پونكىت ئۇچۇرى، جەمئىيەت ئالاقىسى سۇپىسى OpenID، جۇغراپىيەلىك ئورۇن.

  بىز 3-تەرەپ (شاڭخەي يوۋكۈن ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى، تۆۋەندە «MobTech» دەپ ئاتىلىدۇ) MobTech SDK مۇلازىمىتىنى قوللىنىپ سىزنى ھەمبەھرىلەش ۋە تىزىملىتىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيمىز. بۇ ئىقتىدارنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىز MobTech SDKغا ھوقۇق بېرىپ مۇناسىپ مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىڭىز كېرەك؛ سىز ھوقۇق بەرگەندىن كېيىن، MobTech سىزنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يىغىدۇ. MobTech  توپلىغان ئۇچۇرنىڭ تۈرى، ئىشلىتىلىشى، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش قائىدىسى ھەم چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمى قاتارلىقلار توغرىسىدىكىلەرنى، MobTechنىڭ ئورگان تورى (https://www. mob. com) دىكى شەخسىي سىر سىياسىتى (https://www. mob. com/about/policy) ماددىسىدىن تەپسىلىي كۆرۈڭ.

  5. ۋېيبو؛ شىنلاڭ ۋېيبو

  سىز ۋېيبو ئېلان قىلغان ياكى كۆچۈرۈپ تارقاتقان، ئىنكاس يازغان ياكى باشقا ئابۇنىچىلارغا شەخسىي ئۇچۇر يوللىغاندا، بىز سىز ئېلان قىلغان مەزمۇن (يېزىق، سۈرەت ياكى سىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى توپلايمىز. ئەگەر سىز ۋېيبو ئېلان قىلغاندا جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا بەلگە قويۇشنى تاللىسىڭىز، بىز سىزنىڭ ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى توپلايمىز، ئەگەر سىز ئورۇن ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، سىز ئېلان قىلغان مەزمۇنىدا ئورۇن ئۇچۇرىنى بەلگىلىيەلمەيسىز.

  سىز تور بېكىتى، تېرمىنال، كىچىك پىروگرامما قاتارلىق مۇلازىمەت كىرىش ئېغىزى ئارقىلىق بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەندە، بىز سىزنىڭ ئۈسكۈنىڭىزدىن سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز، ئۈسكۈنىڭىزنىڭ تىپ نومۇرى، ئۈسكۈنىنى بىردىنبىر پەرقلەندۈرۈش كودى، تور كۆرگۈچنىڭ تىپ نومۇرى، يۈزەكى ئورۇن ئۇچۇرى (مەسىلەن: دۆلەت ياكى شەھەر ئۇچۇرى)، قاچىلانغان قوللىنىشچان ئۇچۇر ھەمدە باشقا ئۈسكۈنىنىڭ تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئۆزلۈكىمىزدىن توپلىشىمىز مۇمكىن، بىز سىز ئىشلەتكەن مۇلازىمىتىمىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرە ئۇچۇرلىرىنىمۇ توپلايمىز، مەسىلەن زىيارەت قىلغان بەت ياكى چېكىپ باققان ئۇلانما.

  بۇ ئۇچۇرلارنى توپلاش ئاساسلىقى مۇلازىمەتنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا بىزنى سىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ، مەسىلەن، سىز قەيەردىن كەلدىڭىز ھەمدە بىزنىڭ مۇلازىمىتىمىزدە سىزنى جەلپ قىلىدىغان قانداق مەزمۇنلار بار. بىز بۇ ئۇچۇرلارنى ئىچكى قىسىمدا تەھلىل قىلىش ھەمدە مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت بىلەن ئالاقىدارلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىمىز (مەسىلەن سىزگە سىز قىزىقىدىغان ئۇچۇر ۋە مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىمىز). بىز شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇناسىپ كۈندىلىك خاتىرىنى ساقلاپ، تور بېكىتىمىز، كۆچمە تېرمىنال قاتارلىق مۇلازىمەت كىرىش ئېغىزىنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتىنى خاتىرىلەپ، جۇڭگونىڭ قانۇن-نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن قىلىمىز.

  6. جىگۇاڭ يوللاش

  جىگۇاڭ يوللاش مۇلازىمىتىAPPگە ئۇچۇر ۋە ئۇقتۇرۇشنى يوللاش ئىقتىدارىنى بەرگەن. سىزنىڭAPP رىڭىز توپلانما جىگۇاڭ ئارقىلىق SDKنى يوللىغاندىن كېيىن، جىگۇاڭ يوللىغان SDK مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاپ ئىشلىتىدۇ، شىفىرلاش يولى ئارقىلىق ئۇچۇر ۋە ئۇقتۇرۇشنى سىزنىڭ ئاخىرقى ئۇچ ئابونىچىڭىزغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  جىگۇاڭ يوللىغان SDK توپلاپ ئىشلىتىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. ئۈسكۈنە ئۇچۇرى: بىردىنبىر ئىشلەتكۈچىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ يەتكۈزۈش يولى بايلىقىنى ئەلالاشتۇرىدۇ، بىز ئۈسكۈنىدىكى ئوخشاش بولمىغان APPنىڭ ئاكتىپ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇچۇر يەتكۈزۈش يولى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، ئاچقۇچىلار ئۈچۈن ئۇچۇر يەتكۈزۈلۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز؛ ئاچقۇچىلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بەلگە ھەمدە كەسىپ ئىستاتىستىكا ئۇچۇرىنى نامايان قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  2. تور ئۇچۇرى ۋە ئورۇن ئۇچۇرى: SDK بىلەن جىگۇاڭ مۇلازىمىتېرىنىڭ تور ئۇلاش تەلىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۈزلۈكسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ رايون يوللاش ئىقتىدارى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  7. كېدا شۈنفېي

  سىز شۈنفېي ئېچىۋېتىلگەن سۇپا تور بېكىتى تەمىنلىگەن ئاۋاز بىرىكتۈرۈش، ئاۋازنى ئاڭلاپ يېزىش، ئاۋازنى يېزىققا ئايلاندۇرۇش، يېزىق پەرقلەندۈرۈش، سۈرەت پەرقلەندۈرۈش، تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ توردا ھېس قىلغاندا، بىز سىزنىڭ ئاۋاز مەزمۇنى، تېكىست ئۇچۇرى، سۈرەت ئۇچۇرىڭىزنى يىغىمىز، چۈنكى بۇلارنى يىغىش يۇقىرىقى ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر. بىز سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ھەر ۋاقىت بىر تەرەپ قىلىمىز ھەم سىزگە قايتما ئىنكاس قىلىمىز، سىزنىڭ سانلىق مەلۇماتىڭىزنى ساقلىمايمىز. شۇنى بىلىپ قېلىشىڭىز كېرەككى، سىز شۈنفىي ئېچىۋېتىلگەن سۇپىسىنىڭ يېزىق پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ھېس قىلغاندا، سىز كىرگۈزگەن تېكىست مەزمۇنى گەرچە سىز ياكى باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن بىز كونكرېت تېكىست مەزمۇنىنى پەرقلەندۈرمەيمىز، پەقەت ھەرپ-بەلگە تىزىقى ئېلىش (شەخسىي ئۇچۇرنى پەرقلەندۈرمەسلىك) شەكلى ئارقىلىق تېخنىكىلىق تەھلىل قىلىپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. سىز شۇنى چۈشىنىپ ھەم قوشۇلىسىز، يۇقىرىقى مۇلازىمەت سىزنىڭ ئۈسكۈنىلىرىڭىزدە تېلېكامېرا (فوتو ئاپپارات)، ئالبوم (رەسىم ئامبىرى)، مىكروفون (ئاۋاز) نى زىيارەت قىلىش ھوقۇق دائىرىڭىزنى ئېچىشىڭىز زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن، بۇ ھوقۇق دائىرىڭىز چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى يىغىش ۋە ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈندۈر. سىز ئۈسكۈنىڭىزنىڭ تەڭشىكىدە يۇقىرىقى ھوقۇق دائىرىسىنىڭ ھالىتىنى بىر-بىرلەپ كۆرەلەيسىز، ھەمدە بۇ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئېچىلىشى ياكى ئېتىلىشىنى ئۆزىڭىز قارار قىلالايسىز. شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، سىزنىڭ خالىغان بىر ھوقۇق دائىرىسىنى ئېچىشىڭىز سىزنىڭ بىزنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئۇچۇرلارنى يىغىش ۋە ئىشلىتىپ، سىزنى مۇناسىپ بىلەن تەمىنلىشىمىزگە ھوقۇق بەرگەنلىكىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، سىزنىڭ خالىغان بىر ھوقۇق دائىرىسىنى تاقىۋەتكەنلىكىڭىز، سىزنىڭ ھوقۇق بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىڭىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز ئەمدى مۇناسىپ ھوقۇق دائىرىسى ئاساسىدا ئالاقىدار شەخسىي ئۇچۇرلارنى داۋاملىق توپلىمايمىز ۋە ئىشلەتمەيمىز، ھەم سىزنى بۇ ھوقۇق دائىرىسىگە ماس كېلىدىغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز. لېكىن، سىزنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى تاقاش قارارىڭىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى سىزنىڭ ھوقۇق بېرىشىڭىزگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچۇر توپلاش ۋە ئىشلىتىشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

  سەككىزىنچى، بىز بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ

  سىز تۆۋەندىكى شەكىللەر ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ، بىز 15 كۈن ئىچىدە سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىمىز:

  1. سىز 3532152-(0991) غا تېلېفون بەرسىڭىز بولىدۇ ياكى بىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرنى قوغداش خەت ساندۇقىمىز: xjsly@xjdaily.comغا خەت ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ.

  2. بىز يەنە مەخسۇس يۈرۈشتۈرۈش ۋە قوغداش كوللېكتىپى تەسىس قىلدۇق، سىز تۆۋەندىكى ئادرېسقا خەت يېزىش ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ: شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭيۈەن شىمالىي يولى 500-نومۇر شىنجاڭ گېزىتخانىسى 12-قەۋەت تاراتقۇ بۇلۇت مەخسۇس بەنى، پوچتا نومۇرى: 830000

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125