ھەرىكەت يېتەرلىك بولمىسا پىيادە مېڭىش ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك، سىز يەنە مۇشۇنداق مېڭىۋاتامسىز؟
11:48:53 2022-01-13 شىنخۇا تورى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

  ھەرىكەت يېتەرلىك بولمىسا پىيادە مېڭىش ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك، سىز يەنە مۇشۇنداق مېڭىۋاتامسىز؟

  پىيادە مېڭىش نۇرغۇن كىشى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ھەرىكەت. ئۇنداقتا، پىيادە مېڭىشنىڭ توغرا شەكلى ھەققىدە سىز قانچىلىك بىلىسىز؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

  ھەرىكەت يېتەرلىك بولمىسا پىيادە مېڭىش ئارقىلىق تولۇقلاش كېرەك، سىز يەنە مۇشۇنداق مېڭىۋاتامسىز؟ پىيادە مېڭىش نۇرغۇن كىشى ياخشى كۆرىدىغان بىر خىل ھەرىكەت. ئۇنداقتا، پىيادە مېڭىشنىڭ توغرا شەكلى ھەققىدە سىز قانچىلىك بىلىسىز؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى!

  «پىيادە مېڭىش» دېگەن نېمە؟

  سەيلە قىلىش بىلەن يورغىلاپ مېڭىشنى سېلىشتۇرغاندا، پىيادە مېڭىش بىر خىل ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ھەرىكەت شەكلى، شۇنداقلا بىرقەدەر بىخەتەر، ئۈنۈملۈك بولغان چېنىقىش شەكلىدۇر.

  قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

  دائىم مېڭىپ بەرگەندە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى، يەنە تېخى بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك چارچاپ كەتمەيدۇ.

  قانچىلىك مېڭىش مۇۋاپىق؟

  ھەر قېتىم 30 مىنۇت ئەتراپىدا مېڭىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، سەل-پەل دەم سىقىلسا، يۈرەك سوقۇشى تېزلەشسىلا كۇپايە.

  پىيادە مېڭىشنىڭ توغرا شەكلى

  بىرىنچى، مېڭىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتى ئىشلەش، بوغۇم، مۇسكۇللارنى سوزۇش، ھەرىكەتتىن زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ماڭغاندا بويۇن بىلەن مۈرىنى ئەركىن قويۇپ بېرىش، باشنى كۆتۈرۈپ كۆكرەكنى كېرىش، قولنى مېڭىش سۈرئىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئالدى-كەينىگە ھەرىكەتلەندۈرۈش كېرەك. ئاندىن بەلنى رۇسلاپ، بەدەننى سەل-پەل ئالدىغا ئېگىپ، تاپاننى يەرگە تەگكۈزۈپ، پۇتنىڭ ئۇچىدا يەرنى دەسسەش قىياپىتىنى ساقلاش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پىيادە مېڭىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىش، پۈتۈن بەدەننى نورمال ھالەتكە قايتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەي سوزۇش ھەرىكىتىنى ياخشى ئىشلەپ 2-كۈنى مۇسكۇللارنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  تۆتىنچى، راھەت تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاسان قۇرۇيدىغان، تەر سۈمۈرىدىغان ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن كىيىملەرنى تاللاش، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ تولۇقلاش كېرەك. بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەمراھ بىلەن بىللە مېڭىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  مەزمۇن شىنخۇا تورى، ساغلام جۇڭگو، ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتىدىن ئۇنىۋېرسال رەتلەندى

  مەنبە: شىنخۇا تورى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125