ياڭشىن قەسىرىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەخپىيەتلىكى بار ئىدى. پۇيىنىڭ ئەسلىمىسى «مېنىڭ ئالدىنقى ئۆمرۈم»دە خاتىرىلىنىشىچە، پۇيى يەتتە ياش ۋاقتىدا ئىنىسى پۇجيې بىلەن ياڭشىن قەسىرىدە قوغلىشىپ ئويناپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن شەرقىي يان ئۆيدىكى بىر ئىشكاپقا سوقۇلۇپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن بىر بۇت تەكچىسى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر يۆگەم قەغەز چىققان، ئىككەيلەن ئېلىپ قارىسا «چيەنلۇڭ مەخپىي پەرمانى» ئىكەن. بالىلار قىزىقىپ پەرماننى ئېچىپ كۆرگەن، ئويلىمىغان يەردىن پەرمان مەزمۇنى ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەننى سوغۇق تەرگە چۆمدۈرىۋەتكەن.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيوسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى