خەلق تورى خەۋىرى يېقىندا ياپونىيەلىك ئالىملارنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەچلىك تاماقنى بالدۇرراق يېگەندە، ئەتىسىدىكى قان شېكىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا ھەمدە ئەتىسى ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىنكى قاندىكى ماي مېتابولىزمى ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەن. بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن كەچلىك تاماقنى بالدۇرراق يېيىش كەچ سائەت 6نى كۆرسىتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ساغلام قاتناشقۇچىلار ئىچىدىن كەچ سائەت 6دە كەچلىك تاماق يەيدىغانلار بىلەن كەچ سائەت 9دا كەچلىك تاماق يەيدىغانلارنىڭ قان شېكىرىنى سېلىشتۇرغان.
تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، كەچ سائەت 6دە كەچلىك تاماق يەيدىغانلارنىڭ ئەتىسى 24 سائەت ئىچىدىكى قان شېكىرى گورىزونتاللىقى كەچ سائەت 9دا كەچلىك تاماق يەيدىغانلارنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، قان شېكىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇش پەرقىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. كەچلىك تاماق توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارمۇ ناھايىتى كۆپ، قانداق ۋاقىتتا يېيىشتىن باشقا، نېمە يېيىشمۇ ناھايىتى مۇھىم.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خاربىن تېببىي داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كەچلىك تاماقتا ئاق ئاشلىق، گۆشنى كۆپ يېگەندە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن، گۆشسىز تاماق ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن.
ئاپتور/ياڭ جىنگاڭ (جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى فۇۋەي دوختۇرخانىسى)