تۆمۈر يېتىشمەسلىك ئېغىر بولغاندا، ئەقىل بۆلۈنمىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
19:36:21 2022-01-31 تىيانشان تورى

تۆمۈر يېتىشمەسلىك ئېغىر بولغاندا، ئەقىل بۆلۈنمىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

 تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسىلىنىڭ دۆلىتىمىزدە بالىلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كۆپىنچە ئالتە ئايلىقتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ياش ئارىلىقىدا يۈز بېرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يوشۇرۇن بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى تىپىك بولمىغاچقا، دائىم ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن سەل قارىلىپ، دائىم قان ئازلىق ئېغىرلاشقاندا ياكى سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە ئاندىن بايقىلىدۇ. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنىڭ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى زور بولۇپ، بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى، ئەقلىي ئىقتىدارى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىقنى داۋالاشتا ئاساسلىقى تۆمۈر تولۇقلاش ۋە كېسەللىك سەۋەبىنى يوقىتىش ئاساس قىلىنىدۇ، ئاتا-ئانىلار مۇنداق قىلىشى كېرەك:

 1. بالىغا قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇشقا باشلىغاندا، ئالدى بىلەن يۇقىرى تۆمۈر تەركىبلىك گۈرۈچ ئۇنىدىن باشلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەركىبىدە تۆمۈر مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى قوشۇش، مەسىلەن: قارا گۆش، ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى، قارا مور، زىسەي، يوۋسەي قاتارلىقلار.

 2. ئەگەر يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئاساسىدا تۆمۈر تولۇقلاش دورىلىرىنى ئىچىشكە بولىدۇ.

 3. تاماقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋىتامىن C، ياغ قاتارلىقلار تۆمۈر ئېلېمېنتىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 4. پارازىت قۇرت، ئۈچەي يولى غەيرىيلىكى، ئۇزۇن مۇددەت ئاز مىقداردا قانسىرىغان بالىلارغا قارىتا، ئەسلى كېسەللىكنى داۋالاش ئاساسىدا قان ئازلىقنى تۈزەتكەندىلا، ئاندىن ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125